بۇ يەرگە مەيلى ئىچكىرىدىن، مەيلى چەت ئەللەردىن بولسۇن كېلىۋاتقان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، بىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزغا قىزىقىدىغان، بىزنى ھۆرمەتلەپ كەلگەن بەزى ئادەملەر ھازىر بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا باياتىن دەۋاتقان ئاشۇ ھالەتلەرنى كۆرسە قانداق تەسىراتلاردا بولار؟ بىزنى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىگە قايتىۋېتىپتۇ دېمەي قالمايدۇ. مېنىڭچە بۇنى مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتقانلىرىمىز ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز گەرچە مىللىتىمىز زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ۋەكىللىك قىلالمىساقمۇ، بىر قىسمىغا ۋەكىللىك قىلالايمىز، مەلۇم بىر ساھەگە ۋەكىللىك قىلالايمىز دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، بىرەر ئادەم بۇ ھالەتلەرنى ياخشى بولۇۋاتىدۇ دېگىنى يوق. بىز ھوشيار بولمىساق بولمايدىغان بىر ھالەت ئاللىقاچان شەكىللەندى، شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ گەپ قىلغۇسى بار، ھەممە ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا غەزىپى بار. بۇ يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى قانداق قىلىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغىلى بولىدۇ؟... مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار ھەر خىل ساھەدىن ئىكەنمىز، بەزىلەر يازغۇچى، بەزىلەر شائىر، بەزىلەر مۇئەللىم، يەنە بەزىلەر مۇھەررىر ئىكەنمىز، شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ چامىمىزنىڭ يېتىشىچە، مۇئەللىم سىنىپتا دەرس پىروگراممىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى توغرا بولغان كۆز قاراش بىلەن ئىلغار مەدەنىيەت يۆنىلىشىگە قاراپ يېتەكلىسەك، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە يۇقىرىدا دېگەنلىرىمىزنى ئورۇنلاشتۇرساق، مىللەتنى يەنىلا توغرا يولغا يېتەكلەپ كەتكىلى بولىدۇ، بۇ جەھەتتە “تارىم” ژۇرنىلى ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلدى. ياسىن زىلال: بىزنىڭ ئۇستازلىرىمىز ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى بايان قىلدى. مەن مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بۇرۇنمۇ ئويلانغان، لېكىن بۈگۈن ئۆزۈممۇ يەنە بىر قېتىم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەزى نەرسىلەرنى ئەتراپلىق چۈشىنىپ قالدىم، ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرغا ئىگە بولۇپ قالدىم. بۈگۈن مەن ئۈچۈنمۇ مۇھىم دەرس بولدى. ھەقىقەتەن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز، يازغۇچى - شائىرلىرىمىزنىڭ يىراقنى كۆرىدىغان، كۆپنى بىلىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن ئۆزۈم “تارىم” ژۇرنىلىدا ئىشلىگەچكە، ژۇرنال ھەققىدە گەپ قىلاي. “تارىم” ژۇرنىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پاراۋۇزى، بايراقدارى، باشلامچى ژۇرنال، ئانا ژۇرنال. بۇنى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە بۇرۇنقى پېشىۋا ئۇستازلار دەپتۇ. “تارىم” ژۇرنىلى −− بىر چوڭ مەكتەپ، بىز مۇشۇ چوڭ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرى. ئىستاتىستىكا قىلىپ باقسام، ھازىر شىنجاڭدا 10 مىڭدەك ئادەم قولىغا قەلەم ئېلىپ “تارىم” ژۇرنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلساق دەپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. 10 مىڭدىن جىق ئادەم بولۇشىمۇ مۇمكىن. شىنجاڭدا 100 ناھىيە - شەھەر بار، ھەر بىر ناھىيەدىن 200 - 300 ئادەم يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بىز بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ مېنىڭچە بولغاندا بىز بىر يازغۇچى - شائىر بولغان ئىكەنمىز، سەنئەتكار بولغان ئىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ پوزىتسىيەمىزنى سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە سادىق بولغان ئاساستا ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەكس ئەتتۈرسەك، “تارىم” ژۇرنىلى ئارقىلىق بۇنى پۈتۈن شىنجاڭغا تارقاتساق. “تارىم” چوڭ مەكتەپ، خەلقنى، مىللەتنى تەربىيەلەشتە ژۇرناللىرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قوللاش ئىنتايىن مۇھىم. “شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى” پىلانىدىن پايدىلىنىپ، ژۇرناللىرىمىزنىڭ ھەر بىر ئائىلىلەرگىچە ھەقسىز كىرىشىنى قولغا كەلتۈرسەك، خاتا ئىدىيەلەرگە بازار چىقمىغان بولاتتى. مەن “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يازغۇچى - شائىرلىرىمىزدىن، ئەدىبلىرىمىزدىن پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ چاقىرىقلىرىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ دەۋر مېلودىيەسىنى توغرا ئىگىلەپ، دەۋر، تارىخ بىزگە قويغان تەلەپ ۋە ئېھتىياجلاردىن چىقىپ، نادىر ئەسەرلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزگە ئېستېتىك زوق بېرىشى ۋە خەلقنى ئىلغار ئىدىيە بىلەن، توغرا مەدەنىيەت بىلەن تەربىيەلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن. |