نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(4)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ساپا مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىمالىي جۇڭگو سانائەت ئۇنىۋېر
 مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ساپا مائارىپىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، شىمالىي جۇڭگو سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياڭ شۇزى دېگەن كىشى: “بىر مىللەتنىڭ پەن - تېخنىكىسى بولمىسا، ئۇ بىر پەشۋاغىمۇ يارىمايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ مەدەنىيىتى بولمىسا، ئەنئەنىسى بولمىسا، پەشۋا تەگمىسىمۇ ئۆز - ئۆزىدىن ۋەيران بولىدۇ” دېگەن، بۇ گەپنى مەن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماقالىلىرىدىن ئۇقۇغان. بۈگۈن ئەتىگەندە بۇ گەپنى كىمنىڭ دېگەنلىكىنى تېپىۋېلىپ شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم. ياڭ شۇزى ئەگەر بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتى، مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى بولمىسا، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولمىسىمۇ بولىدۇ دەپتۇ. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى مەنىۋى تۈۋرۈكى بولغان مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتتىكى ئوبراز ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىزنىڭ ھازىر دېمەكچى بولغان سۆزلىرىمىزمۇ ئاساسەن بىزنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازىمىز. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازى زادى قانچىلىك؟ ئۆزىگە تەئەللۇق مەدەنىيەت ئوبرازىنى شەكىللەندۈرەلىدىمۇ؟ كۆرسىتەلىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇيغۇرلاردا مەنىۋى مەدەنىيەت، مەنىۋىيەت، مۇشۇنداق بىر روھ، مۇشۇنداق بىر تاللاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مەنىۋىيەت ئىستېمالى بولمىغان بولسا، بۇ مىللەت مېنىڭچە دۇنيادىكى ئالغا كەتكەن مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئاللىقاچان چۈشۈپ قالغان بولاتتى. ئۇنىڭ يەر شارى بويىچە ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە زور تەرەققىيات يۈز بەرگەن بۈگۈنكى كۈنلەردە ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ قاتارىغا كىرەلىگەنلىكىنى مۇشۇ مىللەتنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئوبرازىنى ساقلاپ كەلگەنلىكى ۋە مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىدىن دەپ قارايمەن. بىز بايا ئازات سۇلتان ئوتتۇرىغا قويغاندەك، مۇشۇ مىللەتنىڭ بەك سەرخىللىرىدىن بولۇپ كەتمىسەكمۇ، ئومۇمەن ئالدىنقى قاتاردا باشقىلارنى يېتەكلەپ مېڭىشنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن زىيالىيلارنىڭ بىر قىسمى. يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەر توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىر نەچچىمىزنى يىغىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى. مۇشۇ پىكىرلىرىمىزنىمۇ شۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويدۇق، ماقالە يازىدىغان بولدۇق ھەم يازدۇق. نۆۋەتتە گېزىت - ژۇرناللارغا بېرىلىۋاتقان ماقالىلەر بەك مۇكەممەل بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ياكى ئاساسىي ئېقىمدىكى زىيالىيلارنىڭ ساداسىنى، يۈرەك سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئاڭلاتتى دەپ قارايمەن، كىشىلەرنىڭ باھاسىمۇ ياخشى، لېكىن يەنە بىر قىسىم ئەسەبىيلەشكەن كىشىلەر مۇشۇ خىل توغرا مۇددىئادىكى ئىلمىي ماقالىلەر ۋە سۆزلەرگە نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ ياكى ناھايىتى ئەسەبىي قىلمىشىلار بىلەن ياكى بولمىسا ناھايىتى بىمەنە سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ بىز بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مۇشۇنداق بىر پەيتتە 1000 يىللارسىرى مەدەنىيەت ئىستېمالىدا توغرا يولنى تاللىغان، ئۆزىنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان بىر مىللەت ھازىرمۇ يەنە بىر قېتىملىق مەدەنىيەت تاللاشقا دۇچ كەلدى، مەدەنىيەت ئىستېمالىغا دۇچ كەلدى دەپ قارىدىم. شۇڭا، بىز زادى قانداق بىر مەدەنىيەتنى ئىستېمال قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق مەدەنىيەتنى ئىستېمال قىلىمىز، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىۋاتقىنى ئىستېمال قىلسا بولىدىغان مەدەنىيەتمۇ ياكى پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا زامىن بولىدىغان مەدەنىيەتمۇ؟ بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولۇپ قالدى. مەن ھەممىمىزنى ئوبدان ئويلاندۇق دەپ قارايمەن، بۇ يەردە ئويلانمىغان بىرمۇ ئادەم يوق، ھەممەيلەن ئولتۇرساق، قوپساق مۇشۇ گەپنى قىلىشىدىغان بولدۇق. نۆۋەتتە پۈتۈن جەمئىيەت جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغا قەدەر بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بەزىبىر ئەھۋاللار يالغۇز يېزىلاردا، خىلۋەت جايلاردىلا سادىر بولۇپ قالماستىن، ئۈرۈمچىدەك مەركىزىي شەھەرلەردىمۇ خېلىلا ئېغىر. بۇ گەپنى ئۆتكەندە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەتلىرى بىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مەنمۇ دېدىم. چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ بولۇپ قالدى، نۇرغۇن ئىشلارنى بىز ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدىن باشلىمىساق، بۇ يەردە قانۇنلىشىپ قالغان ئىش قەشقەر، خوتەندە قانۇنسىز دېيىلسە، كىشىلەر بۇنى ئەلۋەتتە ئىشنى ئاۋۋال ئۈرۈمچىدىن باشلىمامسەن دەيدىغان بولۇپ قالدى، مۇشۇنىڭغا بىر دىققەت قىلساق دېگەن پىكىرلەرنى مەنمۇ ئوتتۇرىغا قويدۇم. دېمىسىمۇ بىز بەزىدە قانۇنلۇق، بەزىدە قانۇنسىز دېگەن گەپلەرنى ئېغىزغا ئالىمىز، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەت دېگەن نېمە، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دېگەن نېمە؟ ھەتتا مۇناسىۋەتلىك بىرلىك سەپ بۆلۈملىرىگە مەن مۇشۇ سوئالنى قويدۇم. نېمە ئۈچۈن بىر نەچچە خىل ئۆلچەم چىقىرىسىلەر، ئۈرۈمچىدە قانۇنلۇق بولغىنى نېمە ئۈچۈن قەشقەر، خوتەنگە بارغاندا قانۇنسىز، قەشقەر، خوتەندە قانۇنلۇق بولغىنى نېمە ئۈچۈن مېنىڭ مەھەللەمگە بارغاندا قانۇنسىز بولۇپ كېتىدۇ؟ دېسەم، مۇشۇنداق ئەھۋال بارمۇ دەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋال بار، ئېغىر، بىز مۇشۇ يەردىن باشلايلى دېيىشتۇق. بۇ گەپلەرنى دېيىشكەنگە ئون نەچچە كۈن بولمىدى. ئۆتكەن يىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنقى يىللىرىدىن تارتىپ بىز بىرلىك سەپ ئورۇنلىرى، تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ بەزى مەسئۇللىرى بىلەن داۋاملىق بۇنى دېيىشىپ كېلىۋاتقان گەپ، چۈنكى بىز گېزىت - ژۇرناللار ئارقىلىق يېقىنقى مەزگىللەردە مەدەنىيەتنى يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇل دەپلا تەشۋىق قىلىدىغان ھالەتنىڭ ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ ھەقتە پىكىر قىلغان. مەدەنىيەت يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇل ئەمەس، چەت ئەلنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى كىرگەن ھامان شىنجاڭ ناھايىتى ياخشى بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلدى دەيدىغان تەشۋىقاتلار، ناخشا - ئۇسسۇل بايراملىرىدا ناخشا - ئۇسسۇلنى مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي قىسمى دەپ تەشۋىق قىلىدىغان بەزى ماقالىلەر، بولۇپمۇ خەنزۇچە گېزىت - ژۇرناللاردا كۆپىيىپ كەتتى. مەدەنىيەت يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇل ئەمەس، مەدەنىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ بىر تەركىب، ئۇ ئەخلاق، دىن، قانۇن، تارىخ، ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە، ئېتىكا، ئومۇمەن ھاياتلىق تەجرىبىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي ھادىسە. شۇڭا بىز مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلغاندا يالغۇز ناخشا - ئۇسسۇلنىلا تەشۋىق قىلساق بولمايدۇ، دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلىشىپ كەلدۇق، بەزىبىر پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. شۇڭا مەنمۇ يېقىندا ناھايىتى ئۇزۇن بىر پارچە ماقالە يازدىم، لېكىن ھازىرچە تېخى بۇنى ئېلان قىلىدىغان يەرنى تاپالمىدىم. ماددىي ئىستېمالچىلىق، مەنىۋى ئىستېمالچىلىق ۋە مەدەنىيەتتىكى بىخەتەرلىك دېگەن مۇشۇ مەزمۇندا بەكمۇ ئۇزۇن بىر نېمىلەرنى يازدىم، گەپ - سۆزلىرىمىزنى دېيىشكە تېگىشلىك سورۇنلاردا دېدىم. بىلىمى بار ھەم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئادەم زىيالىي بولىدۇ. مېنىڭچە بىلىمى بارلا ئادەمنىڭ ھەممىسى زىيالىي بولمايدۇ. ھەم بىلىمى بار، ھەم مەلۇم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ئادەم ئاندىن زىيالىي بولىدۇ. مۇشۇ تەرتىپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز كۆپ نەرسىدىن خەۋەردار بىر قوشۇن ھەم مۇئەييەن بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىمىزگە ئالغان. شۇڭا ھەرگىزمۇ بۇ يولدا چېكىنىدىغان ياكى بەزى تاپتىن چىققان سۆزلەرگە سۈكۈت قىلىدىغان ئەھۋالدا بولماي، ئۆزىمىزنىڭ بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار