ھايات-شېئىر دېمەكتۇر(سۆھبەت خاتىرىسى)

يوللانغان ۋاقتى:01-11-2011   مەنبە: تارىم 2011-يىل 7-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 4 پارچە
شېئىرىيەت سېپىگە كىرىپ كىرىشىمگە سەۋەبچى بولغان نەرسە شېئىرىيەت، ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز ئۇستازلىرىم،

 

 


 
 

(ئوسمانجان ساۋۇت، ئېزىزجان خۇدابەردى)
 

سوئال: ئوسمانجان ساۋۇت ئاكا، سىز يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدا ئىنسانىي مۇھەببەت، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ، پەلسەپىۋى پىكىرگە تويۇنغان، تىلى گۈزەل، تېمىسى يېڭى نۇرغۇنلىغان ئېسىل شېئىرلارنى يېزىپ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدىڭىز ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، مىللەتلەر ئارا ئىدىيە - مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدىڭىز، مەن سىزنىڭ ھاياتىڭىز ۋە ئىجادىيەت پائالىيىتىڭىزگە تولىمۇ قىزىقىمەن. مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىشنى خالامسىز؟


جاۋاب: ئەلۋەتتە، مەن 1945 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ماناس ناھىيەسىدە بىر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەپتىمەن. گۈزەل ۋە غەمسىز بالىلىق چاغلىرىم پىچان ناھىيەسىنىڭ مۇقەددەس ئەسھابۇلكەب جايلاشقان تۇيۇق يېزىسىنىڭ غوجام ئالدى مەھەللىسىدە ئۆتتى. 1952 - يىلى زىمىستان قىشتا ساۋەن ناھىيەسىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ساۋەن ناھىيەلىك1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2 - سىنىپىغا كىردىم. 1961 - يىلى ساۋەن 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندىم. 1966 - يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى تۈگىتىپ تۇرغىنىمدا، مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلىنىپ كەتتى. 1968 - يىلى 10 - ئايدا قومۇل ۋىلايىتىگە خىزمەتكە بۆلۈندۈم، ئىككى - ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتا تەربىيە قوبۇل قىلىش ھاياتىم باشلاندى. سۆگەتبۇلاق دېھقانچىلىق مەيدانىغا قاراشلىق جىگدە دېگەن يەردە بەش يىل تۇردۇم، ئىككى يىل دېھقانلار بىلەن بىللە ئېتىزدا ئەمگەك قىلدىم، ئۈچ يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. 1937 - يىلى 12 - ئايدا ساۋەن ناھىيەسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ساۋەن ناھىيەلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1976 - يىلىدىن 1979 - يىلىغىچە ساۋەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە، 1979 - يىلىدىن 1983 - يىلىغىچە ساۋەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1983 - يىلىدىن 1986 - يىلىغىچە ساۋەن ناھىيەلىك 3 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىدىم. 1981 - يىلى بېيجىڭدىكى لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدۇم. 1986 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، ئاۋۋال »ئەدەبىي تەرجىمىلەر« ژۇرنىلىدا، كېيىن »تارىم« ژۇرنىلىدا ئىشلىدىم، 2005 - يىلى دەم ئېلىشقا چىقتىم.
مەن تۇنجى شېئىرىمنى »شىنجاڭ گېزىتى«نىڭ 1961 - يىلى 23 - ئۆكتەبىردىكى سانىنىڭ »ئەدەبىيات گۈلزارى« بېتىدە ئېلان قىلىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغانىدىم. بۇ چاغدا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت دەۋرى باشلانغان ئىدى. ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ، ئەينى چاغدا بەكمۇ خۇشال بولغان ئىدىم. گەرچە بۇ شېئىرنى ھازىرقى ئۆلچىمىم بويىچە شېئىر دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن مەن بۇ شېئىر ئارقىلىق قىستىلىپ - سىغدىلىپ يۈرۈپ ئاخىر ئەدەبىيات سېپىگە كىرگەن ئىدىم. مەن بۇ يىللاردا نېگىزىدىن ئەدەبىيات قەسىرىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ناھايىتى جاپالىق تەييارلىق باسقۇچنى باشتىن كەچۈردۈم، كۆپ ئۆگەندىم، ئىزدەندىم، مەشىق قىلدىم. چەت ئەل يازغۇچى - شائىرلىرىنىڭ كىتابلىرىنى، ئۆز كىلاسسىكلىرىمىزنى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى مەنىۋى ئوزۇق مەنبەسى قىلدىم. ئارىلاپ شېئىرلارنىمۇ يازدىم، لېكىن بۇ نەرسىلەرنى ئۇ چاغلاردا ئېلان قىلىش تولىمۇ تەسكە توختايتتى. مەتبۇئات ھازىرقىدەك كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەررىرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاشمۇ بەك تەسكە توختايتتى. شۇڭا مەن مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە گېزىت - ژۇرناللاردا پەقەت قىسقا - قىسقا ئون نەچچە پارچە شېئىر ئېلان قىلالىغان ئىدىم. 1968 - يىلى 10 - ئايدا قومۇلنىڭ يىراق تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان جىگدە دېگەن يەرگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىندىم. مەن جىگدە دەپ ئاتالغان بۇ ماكاننى تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان، ئاق كۆڭۈل، مېھنەتكەش، ساددا دېھقانلار بىلەن بىر جان، بىر تەن بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ھەممىلا نەرسە −− باغلار، ئېتىزلار، گۈل - گىياھلار، چىغلىقلار، قۇڭۇرۇلۇقلار، پۈتۈن ئەتراپنى ئاپپاق چېچەكلەرگە كۆمۈۋېتىدىغان كۆكلەم، تالقان تۆكتى شەربەتلىك كۈز، ھۇزۇر - ھالاۋەتلىك قىش مەۋسۇملىرى كۆزۈمگە ئوتتەك كۆرۈنەتتى. ھاياجاندىن ھاياجان تۇغۇلاتتى، ئەتراپقا، ئادەملەرگە، تەبىئە - جىلۋىلىرىگە ئىشتىياق بىلەن زەن سالاتتىم. دائىم شېئىرىي تۇيغۇدا مەستخۇش بولۇپ يۈرەتتىم. بوش ۋاقىت تاپساملا »خەزائىنۇل مەئانى«نى چەكسىز ھۆرمەت، تەڭداشسىز ھۇزۇر ئىچىدە ۋاراقلايتتىم. ئەشرەقەت... سۆزى بىلەن باشلىنىدىغان بۇ ئاجايىپ مۆجىزىلىك غەزەلنى مەن ئاشۇ جىگدە يېزىسىدا، كىتابلار تۆت كونا، زەھەرلىك چۆپ دېيىلىپ كۆيدۈرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە يوشۇرۇنچە ئوقۇغان ئىدىم. »يار ئەكسىنى مەيدە كۆر دەپ جامىدىن چىقتى سادا« دېگەن شېئىرىي ئۆزەكنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىپ، خۇددى دېڭىزدا يۈرۈپ، يېڭى بىر قۇرۇقلۇق تېپىۋالغاندەك شادلانغىنىم ئېسىمدە. »رەۋزە ئەشىجارى ئوتۇندۇر گۈللىرى جانىمغا ئوت، مۇمكىن ئولسا ئاندا بولماقلىق دەمى دىلدارسىز«غا ئوخشاش ئاجايىپ مىسرالار مېنى شېئىرىيەت ئوتىدا كۆيدۈرەتتى. تالانتلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېف بىلەن تۇنجى قېتىم ئۆزۈم ئىزدەپ بېرىپ ئۇچراشقاندا، ئۇنىڭ »مەن نەۋايىغا چوقۇنىمەن، نەۋايىنى كۆپ ئوقۇڭلار« دېگەن سۆزلىرىنىڭ راستلىقىغا مىڭ قېتىم ئىشەنگەن ئىدىم.


سوئال: سىزنىڭ شېئىرىيەت سېپىگە كىرىپ كىرىشىڭىزگە قايسى ئامىللار سەۋەبچى بولغان؟ دەسلەپكى مەزگىللەردە يېزىلغان شېئىرلىرىڭىز بىلەن ھازىرقى شېئىرلىرىڭىزغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب: شېئىرىيەت سېپىگە كىرىپ كىرىشىمگە سەۋەبچى بولغان نەرسە شېئىرىيەت، ۋاسىتىلىك ۋە ۋاسىتىسىز ئۇستازلىرىم، ئۇيغۇر تىلىنىڭ شېئىرىي جىلۋىلىرى شەكىللەندۈرگەن شېئىرىي ھاۋا، سەنئەت گۈزەللىكىدە ئىپادىلەنگەن ئەزگۈلۈك ۋە ھەقىقەت.
ئائىلىمىز قويۇق دىنىي تۈسكە ئىگە ئائىلە ئىدى. ئانام بىلەن دادامنىڭ تېخى سۈبھى يۇلتۇزلىرى چاراقلاپ تۇرغان چاغدا قوپۇپ تائەت - ئىبادەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ چوڭ بولغانمەن. روزا - رامىزان ئايلىرىدا، تۈنەك ئاخشاملىرىدا ھويلىمىز قولۇم - قوشنىلارنىڭ يىغىلىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىشلىرى بىلەن ئاۋات بولۇپ كېتەتتى.
ئانام رەھمىتى ئاجايىپ تىلى ئۆتكۈر، لەۋەن سۆز ئايال ئىدى. بالا چاغلىرىمدىن باشلاپ ئانامنىڭ ئېغىزىدىن تۆكۈلىدىغان تىل دۇردانىلىرىغا مەستانە ئىدىم. ئانامنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىپادىلەشتە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان تىلى بار ئىدى، ئەتىيازدا ئېرىۋاتقان قارلارنى »گۈرۈچ بولغان قارلار« دەيتتى، ئەمدىلا سۈت بولۇشقا باشلىغان كۆكباش قوناقنى »كۈچۈك چىشى« دەۋالاتتى. ئۈزۈمتال يوپۇرماق چىقىرىپ، تەكلەردىن كىچىك ساپاقلار ساڭگىلىغان چاغدىكى سېرىق شۇڭلارغا »ئالتۇن باش« دەپ ئىسىم قويۇۋالغانىدى، مېنىڭ شېئىرىي تىلىمدىكى پاساھەت، ئىستىلىستىكىلىق جىلۋە −− بالاغەت بالا چاغلىرىمدا قۇلىقىمغا سىڭىپ قالغان ئانامنىڭ سۆزلىرىدىن باشلانغان، ئانام مېنىڭ نەزىرىمدە شېئىر يازمايدىغان شائىر.
مەن ئۆزۈمنىڭ نەرسىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايمەن. بۇنداق تۇغۇچ مېنىڭدە زادىلا بولمىغان، ئۆز نەرسىلىرىم ھەققىدە خىيال قىلىدىغانلا بولسام، كۆز ئالدىمغا شېئىرىيەت پىرلىرى كېلىۋالىدۇ - دە، پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ، خىجىللىق دۇنياسىغا كىرىپ قالىمەن. ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتسام، مەن تۇنجى شېئىرىم تۇرماق، ھەممىلا شېئىرىمدىن رازى ئەمەس بىر كەيپىياتتا ياشايمەن، بىر ئىزدا توختاپ قېلىپ ئىلگىرىلىمەسلىك، تارىخقا ئايلانغان بولۇشتىن ۋاز كېچەلمەسلىك سەنئەتنىڭ ئەجىلى. ئۆز ۋۇجۇدۇمدا ئاپىرىدە بولغان بۈيۈك سەنئەت تەسىرىنى ۋەيران قىلىۋالماسلىق ئۈچۈن كەينىمگە ئەمەس، ئالدىمغا قاراپ ئىنتىلىشنى قەرزىم ۋە پەرزىم دەپ بىلىمەن. بۇ مېنىڭ ھەددىدىن زىيادە كەمتەرلىكىممۇ، ئاجىزلىقىممۇ، بىقۇۋۇللۇقۇممۇ ئەمەس، بەلكى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان قېلىپلاشقان »شائىرانە« مىجەزىم.


سوئال: ئوسمانجان ساۋۇت ئاكا، ئەدەبىياتنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدىغان دوستلار سورۇنلاردا سىزنىڭ ئىسمىڭىز چىقسا، ئالدى بىلەن » ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ« ناملىق شېئىرىڭىزنىڭ بەدىئىي پەزىلىتى تىلغا ئېلىنىدۇ ھەمدە تەبىئىي ھۆرمەت بىلەن دېكلاماتسىيە قىلىنىدۇ. سىز بۇ شېئىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟


جاۋاب: ئېزىزجان ئىنىم، مەن بۇ شېئىرىمنى 1963 - يىلى 7 - ئايلاردا ھېچقانچە زورۇقماي، ھېچقانچە كارامەت ھېس قىلمايلا قەغەزگە چۈشۈرگەن ئىدىم. شېئىر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، مەتبۇئات تەھرىراتلىرىغا ئەۋەتىشكە بىر مۇنچە ۋاقىتقىچە ئۆزۈمدە تۇغۇچ تاپالمىدىم. شېئىرنى »تارىم« ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە ئۆزۈم ئاپىرىپ بەردىممۇ ياكى پوچتىدىن ئەۋەتتىممۇ ھازىر ئېسىمدە يوق. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مېنىڭ نەزىرىمدە )ھازىرمۇ شۇنداق( تەھرىراتلار تولىمۇ مۇقەددەس، تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. شېئىرىم »شىنجاڭ ئەدەبىياتى« )ھازىرقى »تارىم«( ژۇرنىلىنىڭ 1964 - يىلى 1 - سانىدا ئېلان قىلىندى، ھاياجان دېڭىزىغا غەرق بولدۇم. بىرەر نەرسە قىلالايدىغانلىقىمغا كۆز يەتكۈزدۈم، ئاھاڭدارلىق بىلەن ئەپچىل ئوخشىتىشلارنىڭ تولىمۇ جىپسىلىشىپ كېلىشنىڭ بۇنچىۋالا تەسىر قوزغىشىغا ھەيران قالدىم. كېيىنكى چاغلاردا يېڭىلىق ۋە تاكامۇللۇققا، شەكىل ئېستېتىكىسىغا، ئۇيغۇن - ئۇيقاشلىققا، »قاپىيە«ۋازلىققا مەقسەتلىك بېرىلىپ كەتكىنىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىن ئىدى. بۇ شېئىرىم پەيدا قىلغان شېئىرىي لەرزە بىلەن بىر تالاي ۋاقىت ئاسمانلارغا تەلمۈرۈپ، بىر تالاي ۋاقىت زېمىنلاردىن ئەدەبىي ئىلھام تاما قىلدىم، ئارىدىن بىر مۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپ، شېئىر ئاھاڭغا سېلىنىپ، ۋەتەن ئاسمىنىدا جاراڭلىدى. 80 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ھەسەتخورلۇق تۇتاشتۇرغان دالا گۈلخانلىرى ئەلەڭلەپ، تۆھمەت تەنقىدىنىڭ ئاستىدا قالدىم. بىراۋلار ھەتتا ئەقلى - ھوشىنى يوقىتىپ، شېئىرىيەتتىكى تەسەۋۋۇر بىلەن ئوخشىتىشنىڭ كارامىتىگە كۆز يۇمۇپ، ئالمىدەك يۈرەككىمۇ ئالەم سىغامدۇ، دەپ زەھەرخەندىلىك بىلەن مەسخىرە قىلىشتى، مەن بۇنىڭغا زادىلا پەرۋا قىلمىدىم. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ باشلامچىسى مۇھەممەد پولات سەنئەت ئادالىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ماڭا تېڭىلغان ناھەق ئەيىبلەشلەرنى بەئەينى ئەخلەت - چاۋارنى سۈپۈرگەندەك سۈپۈرۈپ تاشلىدى. روھىي دۇنيايىم قايتىدىن لەرزىگە كەلدى. ئىجاد قىلىشقا باشلىدىم، ئىجاد بولغان ئىكەن، ئۇ يېڭى، ساپالىق، تەكرارلانماس بولۇشى كېرەك. بۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك تەۋرەنمەس پىرىنسىپىم ئىدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مېنىڭ ئالاھىدىلىكىممۇ شۇنىڭدىن تەركىب تاپاتتى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ شاۋقۇن - بورانلىرى بېسىقىپ، ھەممە ھەرىكەت قېلىپقا چۈشۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئانا يۇرتۇم ساۋەن ناھىيەسىدە مەن تولىمۇ ياخشى كۆرىدىغان، چوڭ كۆرىدىغان يازغۇچى ئەخەت تۇردى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم . نۇرغۇن سىردىشىشلاردىن كېيىن، ئايرىلىدىغان چاغدا »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى سۈپىتىدە مېنىڭدىن شېئىر سورىدى، يېزىپ قويغىلى ئۇزاق بولغان »دىيارىمىز«، »يۈرىكىم سېنىڭ قېپىڭ« ناملىق ئىككى شېئىرىمنى ئەخەتكامغا بەردىم. شېئىر »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ 1978 - يىلى 10 - سانىغا ئۆزگەرتىشسىز بېسىلدى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇكېرىم رەھماننىڭ بۇ ئىككى شېئىر توغرىسىدىكى مەدھىيەلىك پىكىرلىرىنى ئوقۇدۇم. پىكىرلەرنىڭ مۇقامى تولىمۇ يۈكسەك ئىدى. ئېچىپ ئېيتسام، شېئىرلار ئىككى چوڭ شائىرنىڭ ئۇزۇنراق يېزىلغان شېئىرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ، ئىخچاملىق ۋە گۈزەللىك، چوڭقۇرلۇقتا ماختالغان ئىدى. شېئىرلىرى شېئىرىمغا سېلىشتۇرما بولغان ئىككى چوڭ شائىردىن تا ھازىرغىچە ئىزا تارتىپ كەلدىم، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى شېئىرىم »ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ« ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن تۇغۇلغان.


سوئال: مەن سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇغىنىمدا ئانا تىلىمىزنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى ۋە بالاغىتىنى كۆرگەندەك بولىمەن. سىز شېئىرلىرىڭىزنىڭ تىلىغا قانداق ئىشلەيسىز؟ شېئىرىيەت تىلى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىز قانداق؟


جاۋاب: مېنىڭچە، شېئىر دېگەن رەسىم، مۇزىكا، شېئىرىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ قۇرۇقلۇقنىڭ پاسىلى ئېرىپ تۈگىگەن يەردە پەيدا بولىدىغان تەڭداشسىز گۈزەللىك مەملىكىتى. مەن شېئىرلىرىمدا پىكىر گۈزەللىكى، تىل گۈزەللىكى، شەكىل گۈزەللىكى، ئاھاڭدارلىق، ئەۋرىشىملىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. چوقۇم شېئىرغا كۆز بولالايدىغان مىسرالارنى يارىتىشقا تىرىشىمەن، بولۇپمۇ كېسىم سۆزىگە، ھېكمەتلىك مىسرالارنىڭ بار - يوقلۇقىغا، ئوخشىتىشلارنىڭ يېڭى ۋە ئىجادىي بولۇشىغا، سۆزلەرنىڭ ئۆز جايىنى تېپىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. بىرەر سۆز، بىرەر يېڭى ئوخشىتىش، بىرەر ئىجادىي پىكىر تېپىۋالسام، ئۆزۈمنى چەكسىز بەختىيار سېزىپ كېتىمەن. خۇشاللىقىمدا ھەددى - ھېساب بولمايدۇ. ئاشۇ دەملەر ماڭا مىسلى بىر بايرام بولىدۇ. ئالايلۇق، »قۇلاقتا ياڭرىدى بېتخوۋېن ئەجەم« دېگەن مىسرادا مەشھۇر دۇنياۋى كومپوزىتور بېتخوۋېن ئەجەم كۈيىنىڭ كېسىم سۆزى قىلىنغان. ناۋادا بۇ كېسىم سۆزىنىڭ ئورنىغا قالتىس، كارامەت، تەڭداشسىز دېگەن مەۋھۇم سۈپەت سۆزلىرىنى ئىشلەتكەندە بېتخوۋېن سۆزىنى ئىشلەتكەندىكىدەك ئۇنداق ئوبرازلىق، ئۇنداق تەسىرلىك بولمايتتى.
يەنە ئالايلۇق، »نەۋالار نەۋايى، ھەۋەس ھۇۋەيدا« دېگەن بۇ مىسرادىمۇ ئەھۋال يۇقىرىقىغا ئوخشاش. نەۋالارنىڭ كېسىم سۆزى نەۋايى، ھەۋەسلەرنىڭ كېسىم سۆزى ھۇۋەيدا. دېمەك، بۇ مىسرا پەيدا قىلىۋاتقان شېئىرىي مۇھىت تولىمۇ يۈكسەك، تولىمۇ ئېسىل، تولىمۇ تارتىملىق، تولىمۇ چوڭ سۈپەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مىسرادا ئالدىنقى بىر بۆلەكتكى ئىككى سۆز، يەنى نەۋا بىلەن نەۋايى، كېيىنكى بۆلەكتىكى ئىككى سۆز ھەۋەس بىلەن ھۇۋەيدانىڭ باش ھەرپلىرى ئاھاڭداش بولۇپ، مۇئەييەن بىر ئېستېتىك تۈسنى پەيدا قىلغان.


ياشلىقنى كەينىگە ياندۇرغان،
غۇنچەم سەن، بوتامسەن، قوزامسەن.
مەست قىلىپ خۇمارنى قاندۇرغان،
چىڭگىزخان قايناتقان بوزامسەن.


بۇ بىر كۇپلېت شېئىردا »چىڭگىزخان قايناتقان بوزامسەن« دېگەن مۇبالىغىلىق مىسرا يېڭى ئىماگ ۋە يېڭى ئوبرازلارنى تەشكىللەپ، شائىرنىڭ غايىۋى مېھرىبانغا بولغان قايناق سۆيگۈسىنى جانلىق ۋە تەسىرلىك ئىپادىلىگەن. ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئابدۇللا ئارىپوف ئۈرۈمچىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان دوستلار بەزمىسىدە »ئالەمدە كېرىكى باغرىڭدۇر ماڭا« ناملىق شېئىرىمنىڭ:


»ھەسەتسىز كۆزلەرنى ئىزدەيمەن دائىم،
ھەسەتتىن ساقلىسۇن بىزنى خۇدايىم.
دۈشمەننىڭ دوقىدىن تىرىلىمىز - دە،
دوستلارنىڭ ئوقىدىن ئۆلىمىز دائىم.«


دېگەن بىر كۇپلېتنى ئوقۇپ بەرگىنىمدە شائىر شېئىرنىڭ ئۆزىگە ياققانلىقىنى قايىللىق بىلەن ئېيتقانىدى.
دۈشمەننىڭ دوقىدىن تىرىلىش ۋە دوستلارنىڭ ئوقىدىن ئۆلۈش شەكىل جەھەتتىن دىيالېكتىكىلىق ئىستىلىستىكا تۈسىنى ھاسىل قىلسا، مەزمۇن جەھەتتىن چوڭقۇر پەلسەپە قاتلىمىنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئەدەبىيات −− تىل سەنئىتى. ئەدەبىي تىل دېگىنىمىز، تېگى - تەكتىدىن يەنىلا شېئىرىي تىلدىن ئىبارەت، شېئىرىيەت تىلىلا شېئىرىي تىل بولۇپ قالماستىن، بەلكى نەسرىي تىلمۇ شېئىرىي تىل بولۇشى كېرەك. چۈنكى پەقەت شېئىرىي تىللا سەنئەتنىڭ ھەقىقىي ئالاھىدىلىكى بىلەن ماھىيىتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. بىزنىڭ يازغۇچى - شائىرلىرىمىز شەك - شۈبھىسىزكى ئانا تىلىمىزنىڭ كامالەتلىك ئۇستىلىرى. ئۇلار ئىجاد قىلغان ئەسەرلەردە تىلىمىزنىڭ ئاجايىپ ئىپادىلەش قۇدرىتى بىلەن تەڭداشسىز تەسۋىرىي جىلۋىلىرى ئەكس ئەتكەن. ھەرقانداق قەلەمكەش، ئىجادىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇسى كېلىدىغان شائىر ياكى يازغۇچى تىل ئۆگىنىش، تىل تاۋلاش مەشقىنى ئۆمۈربويى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ كەسپىي تەجرىبىخانىسىدىكى ئەركىنلىك ۋە تەبىئىيلىك مانا شۇنىڭدا كۆرۈلىدۇ. ئەدەبىياتتىكى تىل ئۆگىنىش كەسىپ، ساھەلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، بۇ جەھەتتە كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا، كۆپ ئوقۇشقا، كۆپ مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر بىر يازغۇچى - شائىرنىڭ سۆز خەزىنىسى داۋاملىق بېيىپ تۇرۇشى، سۆز ئىشلىتىشتە خۇددى رويال چالغاندا ئون بارماقنى تەڭ ئىشلەتكەندەك، ئۆز سۆزلىرىنى قورۇنماي - قىينىماي ئازادە ئىشلىتىشى، ئومۇملاشقان ۋە ئادەتلەشكەن سۆزلەر بىلەنلا چەكلىنىپ، تىل ماھارىتىدە چولتا ۋە غورىگىل بولۇپ قالماسلىق كېرەك. ئانا تىلىمىزنى يۇقىرى مەدەنىيەتلىك تىلغا ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنى يۈكسەك دەرىجىدە قېلىپلاشتۇرۇش ئەڭ ئالدى بىلەن يازغۇچى - شائىر، قەلەمكەشلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ۋە بۇرچى. بۇ ۋەزىپە، بۇرچنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا قەلەمكەشلەرلا ئەمەس، ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان مۇھەررىر يولداشلارمۇ تەڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەك. مەلۇمكى تەھرىرلىك خىزمىتىمۇ خۇددى يېزىقچىلىققا ئوخشاش جاپالىق، ئىنچىكە، يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازىدىغان خىزمەت. تىل ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ نازۇك چېگرالىرىنى ئېنىق ئىگىلەشتە مۇھەررىرلەر يازغۇچى - شائىرلاردىن ئېشىپ چۈشۈش كېرەككى، كەم قالماسلىقى كېرەك. ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر مۇنچە ئەسەرلەردىكى )مەيلى نەزمىي، مەيلى نەسرىي ئەسەرلەردە بولسۇن( ئىشلىتىۋاتقان تىل تەرجىمە تىلى، پىكىر يۈرگۈزۈش شەكلىمۇ غەيرىيرەك. مەلۇمكى، ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار سۆز تومۇرىغا ئۇلىنىش ئارقىلىق ئىخچام، ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان سۆزلەرنى ياساش جەھەتتىن ئالاھىدە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ قۇدرەتلىك ئىمكانىيەتتىن قانچە پايدىلانساقمۇ، بۇ ئىمكانىيەتنىڭ سۈزۈك بۇلىقى يوقىلىپ كەتمەيدۇ. چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ مەشھۇر »ئەسىردىنمۇ ئۇزاق كۈن« دېگەن رومانى بىزدە »ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن« دەپ تومتاقلا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يەردىكى »مۇ« يۈكلىمىسى »ھالقىغان بىر« دېگەن سۆزلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى تولىمۇ چىرايلىق ئورۇنلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە »ھالقىغان« دېگەن سۆز تازا جايىغا چۈشمىگەن، بىر دېگەن سۆزنى ئالساقمۇ كۈننىڭ ئۆزىدىن بۇ كۈننىڭ بىر كۈنلۈكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. ئەڭ مۇھىمى بىر »مۇ« يۈكلىمىسى ئارقىلىق بۇ ماۋزۇ ئۆزىنىڭ يوقالغان ئىستىلىستىك رەڭگى بىلەن مۇزىكىلىق رىتىمدارلىقىغا قايتىدىن ئېرىشىدۇ.
بەزى مۇھەررىرلەر ئانا تىلىمىزنى تازا پۇختا بىلمەيدۇ. سۆز تومۇرلىرىنىڭ مەنبەسىنى، سۆزلەملەر قامداپ ئالغان ئىنچىكە چېگرالارنى بىلمەيدۇ، ئۆزى بىلمەيدىغان سۆزلەرنى ھېچقانداق ئىككىلىنىپ تۇرماستىن باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىلىغا چىقىرىۋېتىدۇ. تەڭرى دېگەن سۆزنى سىمۋول، بىرۋىراقى دېگەن سۆزنى بىراقلا، بىشو دېگەن سۆزنى بۆز خالتا، كۆكتە دېگەن سۆزنى تۆمۈر چوماق، يېڭىش تۇغى دېگەن سۆزنى غالىبىيەت تۇغى دەپ ئۆزگەرتىدىغان مۇھەررىرلەر خېلى بار. ئەدەبىياتىمىزدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىم شېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇكېرىم خوجايوف، زوردۇن سابىر قاتارلىق نۇرغۇن تىل ئۇستىلىرى بارلىققا كەلدى، مەن شۇلارنى دائىم دېگۈدەك يېڭى تەسىراتلار ئىلكىدە تەشنالىق بىلەن ئوقۇيمەن.


سوئال: ئوسمانجان ساۋۇت ئاكا، بەزىلەر سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنىڭ تىلىنى »ئېغىر، چۈشەنمەك تەس« دېسە، يەنە بەزىلەر »ئىستېمالدىن قالغان سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدۇ« دەپ قارايدىكەن. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب: بۇ سوئالنى قويغىنىڭىز تولىمۇ ياخشى بولدى. مەلۇمكى ئەدەبىيات، جۈملىدىن شېئىرىيەت −− تىل سەنئىتى. چوڭ يازغۇچىلار يەنى كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىشلەتكەن سۆز ئاشۇ يازغۇچى ۋەكىللىك قىلىدىغان مىللەت تىلىنىڭ لۇغەت فوندىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بولۇپ چىقىدۇ. بۈيۈك شائىرىمىز نەۋايى ئۆزىنىڭ شاھ ئەسەرلىرىدە جەمئىي 1 مىليون 387 مىڭ 67 سۆز ئىشلەتكەن. تىل نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان مىللەت تىلىدىكى يوقالغان سۆزلەرنى تېپىپ بېرەلەيدىغان، چاڭ باسقانلىرىنى ئېرتىپ، پاكىزلاپ بېرىدىغان، يوقلىرىنى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ كەشىپ قىلىپ بېرىدىغان، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان كىشى. تىل ئۆگىنىش بىر قەلەمكەشنىڭ مەڭگۈلۈك ۋەزىپىسى. تەيۋەن شائىرى يۈ گۇاڭجۇڭ ئەپەندى »تىل −− دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى« دېگەن ئىدى. نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئىگىدارى گارسىيا ماركۇس ئەسەرنىڭ تىلىغا توختالغاندا، ئۆزىنىڭ ھەتتاكى سۆز ياسايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، دېمەك، بۇنىڭدىن ئىجادىيەت جەريانىدىكى شائىردا تىل ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن ۋەزىپىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بارىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە مەن سىزگە بىر مىسال كۆرسىتىپ بېرەي. بۈيۈك مەھمۇد كاشغەرىينىڭ 1000 يىللىقى ئېتىبارى بىلەن »ئون ئەسىر« دېگەن بىر شېئىر يازدىم. ئۇنىڭدا »تاۋغاچ يودالىرى ئېدىرلاردا چاڭقىتار ئىپار« دېگەن مىسرا بار. بۇنىڭدىكى »يودا« دېگەن سۆز سەۋسەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈكىنى كۆرسىتىدۇ. )»تۈركىي تىللار دىۋانى«دىن ئېلىنغان( قومۇلدىكى جىگدە بۇلاق دېگەن يەردىكى قاغا دېگەن بىر كەنتتە يودالىق دېگەن يەر بار. تىل ئۆگىنىشتە مېنىڭ ئۈچ چوڭ مەكتىپىم بار. بۇ مەكتەپلەر كىلاسسىك ئەدەبىيات ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، خەلق ئىچىدىكى ئەسەر يازمايدىغان يازغۇچى - شائىرلاردىن ئىبارەت. يېقىندا مەلۇم ئوقۇرمەندىن خەت تاپشۇرۇۋالدىم، ئۇ خېتىدە مېنىڭ »تارىم« ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىلى 12 - سانىدا ئېلان قىلىنغان »گۈللەر سۆزلەيدۇ« دېگەن شېئىرىمدىكى تۆت سۆزلەم توغرىسىدا مۇنداق يېزىپتۇ:
»... ئەسلىدە تىلىمىزدا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان سۆزلەر يېڭىلاش ئىستىكى بىلەن بۇزۇۋېتىلمىسە. مەسىلەن: ئىمەنلەر كۆكىرىپ، كۆۋەرەپ، ئالقىدۇق... ئەۋۋىلەم... دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھازىر ئىشلىنىۋاتقان شەكلى )چىمەنلەر كۆكىرىپ، كۆۋەجەپ...( بۇزۇۋېتىلمىسە، قەدىمكى تۈركىي سۆزلەردىن قېزىپ يېڭى سۆزلەر ياسالسا ياخشى بولغىنى، ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرنى ئازايتىشنىڭ ئورنىغا يەنىمۇ كۆپەيتىش ياخشى بولمىغىنى...« كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، ئوقۇرمەن ئەپەندىنىڭ تىل سەۋىيەسى مانا مۇشۇنداق بىچارە ھالەتتە.
ئىمەن −− بىر خىل گۈزەل دەرەخ، كۆۋەرەپ −− دەۋرەپ، دولقۇنلاپ ئاقماق، كۆۋەجەپ −− كۆپۈك چاچرىتىپ ئاقماق دېگەن مەنىدە. ئالقىدۇ - ئالقاش، ئالقىشلىماق دېگەن مەنىدە. ئەۋۋىلەم −− ئاۋۋال دېگەن سۆزلەرنىڭ ئاغزاكى ئېيتىلىشى. بۇ تۆت سۆزلەم ئىستېمالدىن قالغانمۇ، يېڭىدىن ياسالغانمۇ ئەمەس، ئەرەبچە، پارسچىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تىلىدا بار سۆز. كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، ئوقۇرمەن ئىمەن دېگەن سۆزنى چىمەن دېگەن سۆزنىڭ خاتا ئېيتىلىشى، »كۆۋەرەپ«نى »كۆۋەجەپ«نىڭ خاتا ئېيتلىشى دەپ چۈشەنگەن، ئەستايىدىللىق بىلەن كەمتەرلىك نۇرى ئۆچكەندە مانا شۇنداق مەسخىرىلىك ھالەت پەيدا بولىدۇ. مەن سۆيۈملۈك ئوقۇرمەننىڭ ئەكسىچە ئۆگىتىشكە قارىغاندا، ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.
مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرىمگە شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمەنكى، مەن مەيلى ئىجادىيەتتە، مەيلى ئەدەبىي تەرجىمىلىكتە بولسۇن بىرمۇ ئىستېمالدىن قالغان سۆز، بىرمۇ ژارگون، بىرمۇ مەھەللىۋى لەھجە ئىشلەتكىنىم يوق. بىزنىڭ ئەقىللىق ئەجدادلىرىمىز بىزگە ئىپادىلەش ئىقتىدارى ئاجايىپ يۇقىرى، سۆز ياساش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئەپچىل بولغان بىر ئەدەبىي تىلنى يارىتىپ بەرگەن. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز −− ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ كارامەتلىك تىلىمىزنى تونۇپ يېتىپ، ئۇنى ئۆز جايىدا ئىشلىتىشنى بىلىش.
رەسمىي ئەدەبىياتتا مۇتلەق چۈشىنىپ كېتىشمۇ، مۇتلەق چۈشەنمەسلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس. مەن تالاي قېتىم تەكىتلىگەن ئىدىمكى، شائىر غايىۋى ئىدىيەسى بىلەن قايناق ھېسسىياتنى تەپسىلاتلار باغرىغا ئەكىرىپ ئېزىپ، ماجغۇپ چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنداق ھەرىكەت ئىزاھشۇناسلارنىڭ ئىشى. شائىر دېمەكچى بولغانلىرىنى ئوبراز، ئوخشىتىش، ئىماگ، تەمسىللەرنىڭ ياردىمىدە ئەقىل ۋە تۇيغۇڭىزغا ئىشارە قىلىدۇ. ئىمكان بار شەكىلسىز شېئىرىي مۇھىت يارىتىپ، بېشارەت بېرىدۇ. شائىر بىر ئىزىدا توختاپ قالمايدۇ، ئۈزلۈكسىز ئالغا باسىدۇ. تىل ئىشلىتىش، ئوخشىتىش، جۈملە تۈزۈش جەھەتلەردە يېڭى، ئىجادىي قەدەملەر تاشلايدۇ. شائىرنىڭ ھەر بىر ئىجادىيەت جەريانى بىر نىسپىي ۋاز كېچىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. يەنى، ئىجادىيەتكە كىرىشكەندە ئۈلۈشكۈن بىلەن تۈنۈگۈندىن قەتئىي ۋاز كېچىپ بۈگۈن ۋە ئەتىگە يۈزلىنىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئادەتلەنگەن نەرسىلەر چۈشىنىشلىك، ئادەتلەنمىگەن، يېڭى نەرسىلەر ھامان چۈشىنىكسىز، ئېغىر تۇيۇلىدۇ.
نازىم ھېكمەت، پابلو نېرودا، پاستېرناكتەك زامانىۋى شېئىرىيەت پىرلىرىمۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇنداق ۋايساشلارغا دۇچ كەلگەنىدى. لېكىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشتىياقمەن ئوقۇرمەنلىرىنى يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىدىن تېپىۋالالىدى.
دەۋر توختىماي تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. دەۋرگە ئەگىشىپ ئوقۇرمەنلەرمۇ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. شائىردا تەرەققىي قىلىدىغىنى ئىپادىلەش ماھارىتى، ئوقۇرمەندە تەرەققىي قىلىدىغىنى چۈشىنىش ئىقتىدارى. بىلىم، تەجرىبە، تەسەۋۋۇر ئامىللىرى شائىر ئۈچۈن قانچە مۇھىم بولسا، ئوقۇرمەن ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك مۇھىم. شائىر بىلەن شېئىرغا قويۇلىدىغان تەلەپنى تۆۋەنلىتىش −− مەدەنىيىتىمىزنى، شۇ مەدەنىيەت بەدىلىگە كېلىدىغان مەۋجۇدىيەت ھوقۇقىمىزنى تۆۋەنلىتىش دېگەنلىكتۇر. ھەددىدىن زىيادە ئاددىي - ساددىلىق چاكىنىلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ھەقىقىي شائىر ھەر بىر سۆز، ھەر بىرمىسرانىڭ دۇر - جاۋاھىر بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىر شېئىر ياكى بىر مۇنچە شېئىرنىڭ تەستە چۈشىنىلىشى بۇ شېئىرلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش ئادىتى، چۈشىنىش سەۋىيەسى بۇ شېئىرلار بىلەن ئۆزئارا ماس كەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئىجادىيەت شائىر ۋە ئوقۇرمەننىڭ ئەقلىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بىرلىكىدىن ئىبارەت بولىدۇ. شېئىرىي مۇھىتقا قاتناشقان شېئىرىي تەسۋىرلەر ئىلگىرى ئىزچىل ۋە ئۇدۇل لىنىيەلىك بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە سەكرەتمىلىك ۋە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان مونتاژلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ. سۆز زىننىتى ۋاسىتىلىرىنىڭ يېڭى ۋە مۇرەككەپ بولۇشىمۇ شېئىرنىڭ مۇرەككەپلىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل.


سوئال: ئىلھام توغرىسىدا ھەركىم ھەر نېمە دەپ كېلىۋاتىدۇ، ئۆلچەملىك ياكى ئومۇمىيلىققا ئىگە قاراش يوق. سىزنىڭچە، ئىلھام دېگەن نېمە؟ سىز قانداق مۇھىتتا شېئىر يازىسىز؟


جاۋاب: ئىلھام توغرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر نۇرغۇن ئېنىقلىمىلارنى بېرىشتى. ھەممىسى ئۆز مۇھىتىدا توغرا. مەن ئۆز تەجرىبەمگە ئاساسەن ئېيتسام، ئىلھام روھىي دۇنيانىڭ راۋانلىقى، ھېس - تۇيغۇلار بىلەن ئوي - پىكىرلەرنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشى، قىلىۋاتقان ئىشقا رىغبەت ھېس قىلىشى، يۈرەكتىكى ئىشتىياقنىڭ پارتلىشىدىن ئىبارەت. تەجرىبەمگە كۆرە، ھەرقانداق قەلەمكەش مۇشۇ تەقلىدتىكى پەيتنى قولدىن بەرمىسە، ئۆزىمۇ ھەمىشەم مۇشۇنداق مۇھىت ئىچىدە تۇرۇشنى يېتىلدۈرسە، قەلەمنى قولىغا ئېلىپلا توختىماي يېزىپ كېتىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ. بىر مۇنچە كىشىلەر قارىغۇلارچە »كەلدى، كەتتى« دەپ يۈرىدىغان ئىلھام دېگەن مانا شۇ. شېئىر شائىرنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ چىققان، سۆڭىكى، قېنى، يىلىكىدىن تامغان پەرزەنتى. ئۇلار بىر - بىرىگە سېلىشتۇرما بولغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بىر - بىرىگە ئوخشىغان بىلەن بىر - بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. پەرزەنتنىڭ ھەممىسىلا ئاتىسى ئۈچۈن چىرايلىق. بۇ سېلىشتۇرمىلىق مەۋجۇدىيەت.
مەن شېئىرنى ھەرقانداق مۇھىت ۋە كەيپىيات ئىچىدە يېزىۋېرىمەن. شادلىنىپمۇ، قايغۇرۇپمۇ، ئىلھاملىنىپمۇ، مەجبۇرلىنىپمۇ، خالاپمۇ، خالىمايمۇ، قاقشاپ تۇرۇپمۇ، سۆيۈنۈپ تۇرۇپمۇ يازىمەن. شادلىنىپ، خۇشاللىنىپ، ئىلھاملىنىپ تۇرۇپ يازغانلىرىم ياخشى چىقىدۇ. بۇنداق چاغلار مېنىڭ ھەقىقىي بايرىمىم، تۇغۇلغان كۈنۈم، نىكاھ تويۇم بولىدۇ. نۇرغۇن چاغلاردا يول مېڭىپ يۈرۈپ، كاللامدا يازىمەن. بۇنداق شېئىرلار مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان شېئىرلاردىن دەپ كېسىم قىلىمەن، ئەمما بۇنى ئاخىرقى ھېسابتا ۋاقىت بەلگىلەيدۇ.


سوئال: ئوسمانجان ساۋۇت ئاكا، سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزدا ئالماش قاپىيەدىكى بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شېئىرىي ئىجادىيىتىڭىزدە بۇ خىل شەكىلنى تاللىشىڭىزدىكى مۇددىئايىڭىز نېمە؟ سىزنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىڭىز ۋە ئىجادىيەت ئادىتىڭىز قانداق؟


جاۋاب: شېئىر ئىجادىيىتىدە ئالماش قاپىيەنى تاللىشىم ئىپادىلەش ماھارىتىنى ئاشۇرۇش، شېئىرنىڭ مۇزىكىلىق ئاھاڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش ئۈچۈندۇر. شېئىرىيەت يېزىقچىلىقىدا مۈشكۈلدىن قېچىش، مۈكۈل - تېقىل ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. يەنىلا »چىدىغانغا چىقارغان« دېگەن ھېكمەتكە قاتتىق ئەمەل قىلغان ئوڭ. مەن ئىجادىيەتتە نېگىزىدىن بارماق ۋەزىن شەكلىنى، ئەدەبىي تەرجىمىدە، خۇسۇسەن كىلاسسىك شېئىرىيەتنى تەرجىمە قىلغاندا ئارۇز ۋەزىن قوللىنىمەن.
ئەمدى ئىجادىيەت ئۇسلۇبىغا كەلسەم، ھەرقانداق بىر ئەدىبنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسۇلى يەنى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بولىدۇ. ئۇسلۇب )خاسلىق( ئەدىبنىڭ ئىچكى ئالىمى. ئۇ تاشقى ئالەمنى كۆزىتىش، ھېسابسىز ئىكىر - چېكىرلەر ئارىسىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك بەدىئىي ئېلېمېنتلارنى تاللاش ۋە ئۇلارنى كېرەكلىك بويىچە جايلاشتۇرۇش، تىل تاۋلاش، جۈملە تۈزۈش جەھەتلەردە پەقەت ئۆزىگىلا خاس خۇي - مىجەز تونۇتىدۇ. ئىپادىلەش سەنئىتىدە پەقەت ئۆزىگىلا خاس بولغان سىرلىق سوقماقلارنى يارىتىدۇ. مەن ئەسىرىمگە شېئىرىي پىكىرگە مۇناسىۋەتسىز بولغان ھەرقانداق تەركىبنى كىرگۈزمەيمەن. ئەسەرلىرىمدە بىرەر كاۋاك قالدۇرمايمەن. ئوبرازلىق بولۇشقا، ھېكمەتلىك ئىبارىلەرنى كەشىپ قىلىشقا، تىلنىڭ ئەۋرىشىم ۋە ساپ بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن.


سوئال: شائىر ۋە شېئىر توغرىسىدىكى قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق، قانداق؟


جاۋاب: بولىدۇ. مەن بۇنىڭدىن نەچچە يىل بۇرۇن يازغان بىر پارچە ماقالەمدە »ھايات −− شېئىرىيەتتۇر« دېگەن ئىدىم. مەن بۇ كۆز قارىشىمدا ھېلىمۇ چىڭ تۇرىمەن. شېئىرىيەتكە جۈملىدىن ئەدەبىياتقا، رېئال دۇنياغا مۇشۇنداق قارايمەن. مەلۇمكى، ھايات مۇقەررەرلىك ۋە تاسادىپىيلىق، خاراكتېر ۋە ئىنتىلىش، مۇھەببەت ۋە نەپرەت، قىسمەت ۋە ئىمكانىيەتلەر ئارىسىدىكى ناتەكشى بولغان تەكشىلىكنىڭ تارىخىدىن ئىبارەت. شائىر ئۈچۈن رېئال دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر شەيئى، ھەرقانداق بىر ھادىسە شېئىرغا ئايلىنالايدۇ. شېئىر ئۇنچىۋالا سىرلىق، ئۇنچىۋالا تىلسىم نەرسىمۇ ئەمەس. ئۇ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنيانى ئىخچام، تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىر پارچە ياخشى شېئىردا پەلسەپىۋى مەزمۇن، زىچ بەدىئىي پىچىم، گۈزەل مەجازىلىق، قويۇق ۋە جۇشقۇن ھېسسىيات، يۈكسەك شېئىرىي مۇھىت ۋە يۈكسەك شېئىرىي پەللە ۋە ئۆتكۈر تىل بەلگىلىك يېڭى شېئىرىي مەنزىل بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى شېئىر يېزىش ئاساندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ھەقىقىي ياخشى شېئىر يازماق تولىمۇ مۈشكۈل. شېئىر ئىخچام بولۇشى كېرەك. شېئىردا مەزمۇن چەكسىز، مەزمۇننىڭ ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر چەكلىك، ھەجىم چاققان بولۇشى كېرەك.
شېئىرىيەت، جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئەمدى مەجازىلىق دۇنياغا قەدەم قويدى. ئىپادىلەشتىكى غورىگىللىق، كونىلىق، تەكرارلىقلار ئەمدى ئاقمايدىغان يەرگە بېرىپ قالدى. ئىجادىيەت دېگىنىمىز −− يوقنى بار قىلىش، يارىتىش دېگەن سۆز. ئۇنداق ئىكەن شېئىر ئەڭ ئالدى بىلەن ئۈلگىسى بولمىغان ساپ ئىجادىيەت. تەقلىد قىلىنغان، ئەبجەش نەرسىلەر ھەرگىز ئىجادىيەت بولالمايدۇ. ئىنسان ھاياتىنى تەشكىل قىلغۇچى دەقىقە - تىنىقلار بىر - بىرىگە ئوخشىمىغان ئىكەن، دېمەك، ئۇلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھاياتىي ئەھمىيەتمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. »تاغ« ياكى »دەريا« ھەققىدە يۈز شائىر يازسىمۇ، ئىجادىي يازىدىغانلا بولسا، بۇ شېئىرلار چوقۇم ئىجادىي سۈپەتكە ئىگە بولالايدۇ. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە نۇرغۇن ئىجادىي شېئىرلار، نۇرغۇن ياخشى شېئىرلار بارلىققا كەلدى. بۇنداق شېئىرىيەت مەمۇرچىلىقى نۇرغۇن شېئىرىيەت خۇشتارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. ئەمما بۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر، نۇقسانلار ھەتتا ئىللەتلەر ساقلىنىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. ئىجادىيلىق مەزمۇن، پىكىر يېڭىلىقىنى كۆرسەتكەندىن باشقا يەنە ئىپادىلەشتىكى يېڭىلىق ۋە تاپقۇرلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بالزاك: »ئايال كىشىنى بىرىنچى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان كىشى دانىشمەن، ئىككىنچى قېتىم گۈلگە ئوخشاتقان كىشى ئەخمەق« دېگەنىدى. روھەن ئەخمەق بولۇشتىن خالىي بولۇش ئاسان بولسىمۇ، لېكىن زاتەن ئەخمەق بولۇشتىن خالىي بولماق قىيىن. دېمەك، بۇنداق قىيىنلىقنى جاسارەت بىلەن يېڭىشلا كېرەككى، ئۇنى ئەخمەق بولۇشنى ئاقلاشنىڭ دەستىكى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. تەكرارلايمەنكى، شېئىر ھەر زامان ھەر ماكاندا ئىجادىيەتتۇر. شېئىر ئۆز تەبىئىتى، ئۆز مەۋجۇدىيىتى بىلەن بارلىق سەنئەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي سەنئەت.
مېنىڭچە، شائىر ئۆز قوۋمى، ئۆز خەلقى، ئۆز دوستى، ئۆز قېرىنداشلىرى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن رېئال جەننەت بەرپا قىلىش يولىدا كېچە - كۈندۈز ھاردىم - تالدىم دېمەي كۈرەش قىلغۇچى، ئىزدەنگۈچى. ئۇ تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك - تۈمەن ماددىي ۋە مەنىۋى بوھرانلار، ئاپەتلەر، بەختسىزلىكلەر، زۇلۇملار، تەڭسىزلىكلەر ئۈچۈن ھەمىشە ھەسرەت چېكىدۇ، ئۆز باغرىغا خەنجەر ئۇرىدۇ. مۇشۇنداق شورلۇق قىسمەتلەرنى كەلتۈرگىنى ئۈچۈن تەڭرىتائالا بىلەن ياقا سىقىشىدۇ. ئانىنىڭ كۆزىدىكى بىر تامچە ياش، يۇمران بوۋاقنىڭ لېۋىدىكى بىر تارام كۈلكە، ئىنساننىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئوڭۇشلۇق قەدەم، دېرىزە ئەينىكىدىكى بىر تۇتام شولا، يارقىن ئاتقان تاڭ، ئېچىلىپ تۇرغان بىر تال گۈل، ئىپار چاچقان گىياھ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئالەم - ئالەم ھاياجانلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئەزگۈلۈك، چىنلىق، گۈزەللىك ئۇنىڭ تومۇرلىرىدا جۇش ئۇرۇپ قايناۋاتقان قان، ئۇنىڭ گەۋدىسىنى مەڭگۈ ئېگىلمەس قىلىپ كۆتۈرۈپ تۇرغان جان، ئۇنىڭ قەلبىدە سامانيولى بار، ئۇ قانداق يەرگە قەدەم تاشلىسا، شۇ يەر ۋاللىدە يورۇپ كېتىدۇ. ئۇ سىيپىغان تاشلارمۇ تىلغا كىرىپ مۇقام توۋلايدۇ. ئۇ ئىنسانلارغا كەلگەن ھەننىۋا بالايىئاپەتلەرنى ئۆز ھاياتىي بەدىلىگە ئاللادىن سېتىۋالغۇچى، لېكىن شائىر ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئېتىقادى ۋە بۇ ئېتىقادتىن تۇغۇلغان ھەددى - ھەرىكەتلەر تۈپەيلى ۋاپاسىزلىق، چەتكە قېقىلىش، خورلىنىش، يوقسۇزلۇققا ئۇچرىغۇچى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ بۇلارنى كەچۈرگۈچى ۋە ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلغۇچى. شائىر خۇددى يېۋتوشىنكو ئېيتقاندەك ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن شائىرلارغا، زامانداشلىرىغا، ئوقۇرمەنلىرىگە، ئەۋلادلىرىغا قەرزدار. چۈنكى ئۇ ئالدىنقىلاردىن ئانا تىل قۇدرىتى بىلەن قانداق يېزىشنى، قانداق سۆيۈش بىلەن قانداق ھاياجانلىنىشنى، تەبىئەت بىلەن جەمئىيەتنى قانداق ھېس قىلىشنى ئۆگەنگەن. زامانداشلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن بىر زېمىن ئۈستىدە بىر ھاۋادىن نەپەس ئالغان. ئەۋلادلىرى شائىرنىڭ بىباھا خەزىنىسىدىكى دۇر - جاۋاھىرلار ئارقىلىق ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئاتا - بوۋىسىنىڭ مەنىۋى پەللىسىنى كۆزىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.
قىسقىسى، ھەرقانداق بىر ھەقىقىي شائىر ۋە شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىپىسى −− ماددىي ۋە مەنىۋى دۇنيانى گۈزەللىك قانۇنىيىتى بويىچە قۇرۇپ چىقىش.


سوئال: سىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا قوزغالغان »گۇڭگا شېئىر« قىزغىنلىقىغا يانداشماي، شېئىرىي ئىجادىيىتىدە ئۆزىڭىزگە خاس يول تۇتۇپ كەلدىڭىز. ھازىرغىچە »گۇڭگا شېئىر« نىڭ تەپتى سوۋۇغىنى يوق. سىز بۇ خىل شېئىرلارغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب: مەن »گۇڭگا شېئىر« ھادىسىسىگە ئەزەلدىن ئەزگۈ نىيەت بىلەن ئۈمىدۋار قاراپ كەلدىم. لېكىن بۇ ھادىسە ياخشى شېئىرلارنىڭ ئىنتىزامىغا رايىشانە بۇيسۇنۇپ، ئۆزىدە ئەلا شەرتلەرنى تەييارلىشى كېرەك. ئالدى بىلەن ئۇ چۈشىنىلسۇن. چۈشىنىلمىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس.
»گۇڭگا شېئىر« دەپ ئاتالغان يېڭى شېئىرلار ھەققىدە كۆپ سۆزلەندى، مەن پەقەت مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى ئېيتىپ قويسام كۇپايە بولار:
ھەرقانداق سەنئەت، مەزمۇنەن ئۈستىگە ئالغان ئەخلاقىي گۈزەللىك جەھەتلەردىكى ۋەزىپىلەردىن باشقا يەنە شەكىل جەھەتتىكى ۋەزىپىسى −− ئىپادىلەشنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىش بۇرچىنى ئادا قىلالايدىغانلا بولسا، چوقۇم بەدىئىي گۈزەللىك زېمىنىدا مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدۇ.


سوئال: سىزنىڭچە، ياخشى شېئىر قانداق بولۇشى كېرەك؟ ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلارغا ۋە شېئىرىيىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب: ياخشى يېزىلغان شېئىر باشقىلارنى ھەيران قالدۇرۇشى، ھاياجانلاندۇرۇشى، يىغلىتىشى، خۇشال قىلىشى، ئۆزگىچە غايىۋى دۇنياغا يېتەكلىشى، ئىلھاملاندۇرۇشى لازىم. تىل، ھېسسىيات، شېئىرىي پىكىر، شېئىرىي مۇھىت جەھەتلەردە ئەلا ئۈلگە يارىتىشى لازىم.
يۇرتىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ژۇرناللار چىقىدۇ. بۇ ژۇرناللاردا ئۆز نېسىۋىسى بويىچە ئاز بولمىغان شېئىرلار مەتبۇئات يۈزى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ھازىرغىچە بىرەر چوڭ شېئىرىي ئەسەرنىڭ بېسىلماي قالغىنىنى ئاڭلىغىنىم يوق. ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ شېئىرلارغا قويۇلۇۋاتقان تەلەپلىرى ئۆز مۇددىئالىرى بويىچە توغرا. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ماكسىم گوركىي: »مەن پۈتكۈل ئۆمرۈمدە، مەيلى بىر پارچە يازساممۇ ياخشى بىر شېئىر يېزىشنى ئارمان قىلغانىدىم« دېگەن ئىكەن!
شېئىرىيەتنىڭ ھازىرقى پەللىسى 50 يىللار مابەينىدىكى تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسى. خۇددى مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگىلى بولمىغاندەك شېئىرىيەتنىمۇ بىر كۈندىلا ئاخىرقى پەللىگە ئىتتىرىپ ئاپارغىلى بولمايدۇ. شېئىرىيەتنىڭ مەڭگۈ ئاخىرقى پەللىسى يوق. شېئىرىيىتىمىز نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگىنىگە قارىماي، مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئىگە بولدى. بولۇپمۇ سۈپەت جەھەتتە تاڭ قالغۇدەك دەرىجىدە ئۆستى. بۇ ئۆسۈش، بۇ ئىنقىلاب ئالدى بىلەن ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە كۆرۈلدى. كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، بىزنىڭ شېئىرىيىتىمىز ئۆزىدە زامانىۋى شېئىرىيەتنىڭ نۇرغۇن ئامىللىرىنى تەييارلىدى. كەمچىلىك، يېتەرسىزلىك، بىر تەرەپلىمىلىك، قاتماللىقلار بولسا ۋاقىتنىڭ سۈزگۈچىدىن مەڭگۈ ئۆتەلمەيدۇ. دەۋر تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىكەن، دېمەك، شېئىرىيەتمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە مەن دائىم ئۈمىدۋارمەن. بەلكىم بۇ شېئىرىيەتكە زىيادە ئاشىقلىقىمدىن تۇغۇلغاندۇ.
سوئال: بەزىلەر: »ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بىلەن بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق يوق« دەپ قارايدىكەن. سىزنىڭ بۇ گەپلەرگە بولغان قارىشىڭىز قانداق؟
جاۋاب: بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئەنئەنە دېگىنىمىز، يىلتىز ۋە روھتىن ئىبارەت. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى يارالغاندىن تارتىپ، تا ھازىرغىچە تەرەققىيات ھالىتىدە تۇرۇپ كەلدى. شېئىرىيەتمۇ شۇنداق. مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرى، ئىدىقۇت شېئىرىيىتى، »ئوغۇزنامە«، »ئەتەبەتۇل ھەقايىق«، »خەلق قوشاقلىرى«، »دىۋان« شېئىرلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى شېئىرىيەتكىچە بولغان ئۇزاق بىر جەرياندا تارام - تارام شاخچىلىرى بار بىر ئوق يىلتىزى بار، كىشىلەر مەنىۋىيىتىدە دەريادەك ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بىر سامانيولى بار. مەزگىللەر مەزگىللەر تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ، دەۋرلەر دەۋرلەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىپ، ئىنسانىيەت ئەقلىنىڭ پارلاق ۋە گۈزەل يېڭىشلىرى يېڭىشلەر ۋۇجۇدىدا مۇستەھكەملىنىپ ھازىرغىچە سىبجىپ ۋە سىلجىپ كەلگەن. ئالەم ئىپتىدائىي ئىنساندىن زامانىۋى ئىنسانغىچە بولغان ئارىلىقتا، تالاي ئۆزگىرىش ۋە تالاي ئىنقىلاب بولغان بولسىمۇ، ئىنساندىن ئىبارەت ئالىي مەخلۇقنىڭ ھايات ئىمكانىيىتىگە بولغان ئارزۇ - ئارمان، تەلەپلىرى، ياشاش جەريانى ۋە شەكلى ئۆزگەرگىنى يوق. سەنئەت ئېسىلزادىسى بولغان شېئىرىيەتتە مەيلى مەزمۇن، مەيلى شەكىل، مەيلى ئېستېتىك تۇيغۇ، مەيلى ئېستېتىك كۆزىتىش جەھەتلەردە بولسۇن، پەيدىنپەي ئۆزگىرىش، يېڭىلىنىشلار جەريان بولۇپ تۇرسىمۇ، يەنىلا نېگىزلىك روھ −− ئالەمنى گۈزەللىك قانۇنىيەتلىرى بويىچە قۇرۇپ چىقىش مۇددىئاسى ئۆزگەرگىنى يوق. ئەنئەنە ئەسلىدىكى گۈزەللىك يىلتىزى بىلەن كۇنسايىن ئۆزگىرىپ تۇرۇشقا مايىل بولغان ماھىيىتى ئارقىلىق مەدەنىيەت ۋە ئىلغارلىقتىن ئەبەدىي روھنى مەڭگۈ چاقنىتىپ تۇرىدۇ.
مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچىمىز مۇھەممەد پولات: »مېنىڭچە، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي شېئىرىيىتىمىز ئاجايىپ بىر پەزىلەتكە ئىگە، ئۇ نېمە؟ ئۇنىڭ ئەقلىي ھېكمەتكە بايلىقى، مۇزىكىلىق تۈسىنىڭ قويۇق ۋە يارقىنلىقى« دېگەن ئىدى. باي ئەقلىي ھېكمەت، قويۇق مۇزىكىلىق تۈس شېئىرىيەتنى يۈكسەك ئېستېتىك پەللىگە ئېلىپ چىقىدىغان ئاساسىي ئامىللاردىن ئىبارەت. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ھازىرقى شېئىرىيەت ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتنىڭ داۋامىلا، تولۇقلىمىسىلا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان قارىمۇقارشىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت ئۆزىنىڭ ھېكمەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا پارلاق بىر پەللىگە كۆتۈرۈپ، چەكسىز بەختلىك قىلغان شېئىرىيەت. مەن بۇ شېئىرىيەتتىن مەڭگۈ تۈگىمەس شېئىرىيەت ئۇيۇتمىسى بىلەن مەڭگۈ تۈگىمەس ئەقىل - پاراسەت، دىنىي ئېتىقادتەك قۇدرەتلىك ۋە پاكىز ئىشتىياق ئالدىم. ئۇنىڭدىكى كامالەتلىك ئىپادىلەش ئۇستىلىقىنىڭ مەپتۇنى بولدۇم، ئەرەب - پارس تىللىرى يۇتۇۋەتكەن ئانا تىللىرىمىزنى تاپتىم. ھەقىقىي شېئىرىيەت بىلەن يۈزلەشتىم. ئەنئەنە مەڭگۈ ھەرىكەت ئىچىدە تۇرىدۇ. ئۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى يۈكسىلىشچانلىققا ئىگە. ھازىرقى زامان ئىزاھات ئىلمىنىڭ پىر ئۇستازى گادامور: »ئەنئەنە −− ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ ئۈزۈكسىز ئۇچرىشىشى، ئۈزۈكسىز سوقۇلۇشى، ئۈزۈكسىز توقۇنۇشۇشى ۋە سىڭىشىشى ئىچىدە بارلىققا كەلگەن خىلمۇخىل ئىمكانىيەت ياكى ئىمكانىيەتلىك دۇنيا، يەنى بىز چۈشىنىدىغان كېلەچەك« دەپ ھېسابلايدۇ.
دېمەك، ئەنئەنە يىلتىز، ئەنئەنە روھ. ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئوزۇق مەنبەسى، ھازىرقى زامان شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت مەۋجۇدىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلىغان. گەرچە بۇ نۇقتىنى بەزى كىشىلەر تەن ئېلىشنى خالىمىسىمۇ، لېكىن تارىخىي ھەقىقەت ئاشۇنداق. ياش شائىر ئادىل تۇنىياز بىر ماقالىسىدە مېنى »ئەنئەنىۋى شائىر« دەپ ئاتىدى. مەن ئۆزۈمنى ھەم ئەنئەنىۋى ھەم زامانىۋى قەلەمكەش دەپ قارايمەن. چۈنكى مېنىڭ يىلتىزىم ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتتە، ئىشتىياقىم زامانىۋى شەكىلدە جابدۇنغان زامانىۋى شېئىرىيەتتە.


سوئال: كۆپ قىسىم جامائەت »ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجىسى«، »ئۇيغۇر مىللىتى شېئىرىي مىللەت« دەپ ماختىنىپ كەلگەن ئىدۇق، ھازىر كۆپچىلىك شېئىر ئوقۇشتىن سوۋۇپ كەتتى، دېيىشمەكتە. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: مەن 1997 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1998 - يىلىنىڭ بېشىغىچە »شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى« شىنجاڭ بويىچە ئۇيۇشتۇرغان كىتاب يەرمەنكىسى پائالىيىتىگە قاتناشتىم. ئوقۇرمەنلەر يەنىلا كىتابقا جۈملىدىن شېئىرىيەتكە تولىمۇ خۇماركەن. بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئوقۇرمەنلەر كىتاب دېسە، ئىچىۋاتقان ئېشىنى قويۇپ يۈگۈرەيدىكەن. بەزى يەرلەردە كىتابلارغا ئىمزا قويۇپ، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يېزىپ قوللىرىمىز قاپىرىپ كەتتى. ھەممىلا يەردە مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىر توپلاملىرىنى سوراشتى. خەلقىمىز ھازىرمۇ كىتابنى، ياخشى شېئىرلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. ياخشى شېئىرلارنىڭ بازىرى يەنىلا ياخشى.
مەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە مۇستەھكەم ئۇل سالغان ئاتا شائىرلارنى تولىمۇ ئۇلۇغلايمەن. ئەمدى ئويلىسام ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، نىم شېھىت، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيېف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق شائىرلىرىمىز قالتىس ئۇلۇغ شائىرلار ئىكەنتۇق. ئۇلار ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئۇل تېشىنى قويغان، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەڭداشسىز كارامىتىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار بەدىئىي غايىلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى، ئىنسانىي مىجەز - خۇلقى جەھەتلەردە بولسۇن، ھەقىقىي ئېسىل شائىرلار ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز قىممەتلىك ۋە تەكرارلانماس ئىجادىيىتى ئارقىلىق بىزنىڭ ھەممىمىزنى، شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلادلارنى دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ كەۋسەر بۇلاقلىرىدىن ھايات سۈيى ئىچەلەيدىغان، تۈگىمەس - پۈتمەس ھۇزۇر ئالالايدىغان مەنزىلگە ئېلىپ كەلدى. ئىپادىلەشكە باي ئانا تىلىمىزنىڭ ئالەمشۇمۇل قۇدرىتىنى ھېس قىلىش ئاڭلىقلىقىمىزنى، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىش تۇيغۇمىزنى يېتىلدۈردى. بىز ھېچقانداق بىر تىل ئالدىدا قورۇنۇپ - قىسىنىپ قالمىدۇق.
شائىر ھەمىشە شېئىرىي تەربىيەلىنىش ھالىتىدە تۇرۇشى، ئۆز مۇھىتىنى بىر چوڭ شېئىرىي ھالەتكە ئايلاندۇرۇشى لازىم. شائىر بۇ ھالەتتىن بىر كۈن مۆھلەتكە چىقىپ كەتسە، شېئىر ئۇنىڭدىن مىڭ كۈنلۈك يىراقلىققا ئۇزاپ كېتىدۇ. شائىر ئەقىللىق، ۋىجدانلىق، تالانتلىق، بىلىملىك بولۇشى كېرەك. بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان ھازىرقى دەۋردە ھەممىلا نەرسىنىڭ ئىككى خىلى يەنى، ساختىسى بىلەن ھەقىقىيسى قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ ھالەت شېئىرىيەتتىمۇ ئەكس ئېتىۋاتىدۇ. شېئىرىيەتتىن مىڭ كۈنلۈك يىراقتىكى بەزى كىشىلەرمۇ ھەر خىل يوللار بىلەن شېئىرىيەت بوستانىغا سىغدىلىپ كىرمەكتە. نۇرغۇن ناچار نەرسىلەر، ياخشى نەرسىلەر ئورنىدا، ماتا، بۆز، سەگەزلەر، تاۋار، دۇردۇن، تورقا ئورنىدا ئۆتۈۋاتىدۇ. بىر مۇنچە ناچار كىتابلار نەشر قىلىندى. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، ئەقلىي ھېكمەت ۋە ئېستېتىك گۈزەللىك بېغىشلايدىغان ياخشى شېئىرلار يەنىلا تاڭسۇق. مللىتىمىز شېئىرىيەت مىللىتى. مىللىي مىجەز - خۇلقىمىز، قېنىمىز، ئۈستىخىنىمىز، ھەر بىر ھۈجەيرىمىز، مېڭىمىزنىڭ ھەر بىر دۈمبەللىرىدە جۇشقۇن شېئىرىيەت دەۋرەپ تۇرغانلىقى بەرھەق. مەن يەنىلا شېئىرىيەتنى ئاقلايمەن، بەلكى شېئىرنى يەكلەش، خارلاشلار خېلىلا باش كۆتۈرۈپ قالغان بىر چاغدا شېئىرىيەتنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مەجازى رەڭگا - رەڭلىك بىلەن ئىستىلىستىكىلىق تۈسىنىڭ قويۇقلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. چۈنكى شېئىر ئۇزاق مەزگىل قارا بۇدۇن بولۇپ ياشاپ كەلدى. ئەمدى ئۇ ئېسىلزادە بولۇپمۇ ياشاپ كۆرسۇن. ئامېرىكا شائىرى ۋىتمان: »ئۇلۇغۋار كىتابخان بولغاندىلا ئاندىن ئۇلۇغۋار شېئىرىيەت پەيدا بولۇش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ« دېگەنىدى.
ھازىر بىزدە شائىر ۋە شائىرلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن. شائىر جۇتاۋ ئەپەندى »سىز نېمە ئۈچۈن شېئىر يېزىشنى تاشلاپ نەسرگە كۆچۈۋالدىڭىز؟« دېگەن سوئالغا: »ھازىر شائىر ۋە شېئىرغا قويۇلىدىغان تەلەپ قالايمىقان، ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن« دېگەنىدى. شېئىرىيەت ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شېئىر توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرۇشتا، شېئىرلارنى ئېلان قىلدۇرۇشتا، شېئىرىي ئەسەرلەرگە قەلەم ھەققى بېرىشتە، شېئىر توپلاملىرىنى مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىشتا، شېئىرىيەت تەرجىمىچىلىكىدە بۇ ئەھۋال تولىمۇ گەۋدىلىك.


سوئال: سىز بىر سۆھبەتتە »شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار قەلبىگە مۇھەببەت چېچىش« دېگەن ئىدىڭىز. بۇ ھەقتىكى قارىشىڭىزنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز.


جاۋاب: شېئىرىيەتنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلار قەلبىگە مۇھەببەت چېچىش. زوقلىنىشمۇ، كۆڭۈل ئېچىشمۇ، ئەخلاقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇھەببەتتىن ئىبارەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ھايات ۋە دۇنيا مۇھەببەت ئۈچۈن يارىتىلغان. ھايات بىلەن دۇنيا ئاخىرلاشسا، مۇھەببەتمۇ ئاخىرلىشىدۇ. مۇھەببەت ئاخىرلاشسا شېئىرىيەتمۇ ئاخىرلىشىدۇ. بىر ياخشى شېئىر ئالەم بىلەن ئادەمگە مەڭگۈ چاقناپ تۇرىدىغان ئاپتاپ، تەڭداشسىز گۈزەللىكلەر كۆرسەتكۈچى يارقىن تاڭ، سەزگۈلەر سۈزۈكلۈكىگە تەققاس سۈزۈك ئاسمان، ئەڭ قىممەتلىك چاغلىرىڭىزنى ئەسلەتكۈچى ناۋا ئاتا قىلىدۇ. سىز مۇشۇ تەركىبلەر ئارقىلىق شېئىردىن زوقلىنالايسىز، كۆڭۈل ئاچالايسىز، تەربىيەلىنەلەيسىز.


سوئال: كىلاسسىك ئەسەرلەرنى يەنە ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارامسىز؟


جاۋاب: ماكان ۋە زامان چېگراسىدىن ھالقىپ، شەكىل ۋە مەزمۇن، تىل ۋە ئىپادىلەش جەھەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ تەلتۆكۈس، مۇكەممەل ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئەسەرلەر كىلاسسىك ئەسەرلەردۇر. كىلاسسىك مۇقامىغا يەتكەن ئەسەرلەر ئەقىل ۋە ھېكمەت، گۈزەللىك ۋە مۇكەممەللىك، ئەخلاق ۋە جاسارەت ئاتا قىلىشتا تەڭداشسىز سېھرىي قۇدرەتكە ئىگە. كىلاسسىك ئەسەرلەر كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سالىدىغان دۇردانىلەر بولغاچقا، ئۇ ئۆزى ياراتقان گۈزەللىك قىممىتىنى مەڭگۈ يوقاتمايدۇ. بىز بۇ ئەسەرلەردىن زوق، ئىلھام، ئىشتىياق، مۇھەببەت ئالىمىز. ئۇلار بىزنى ئۆز باغرىغا چىللايدۇ، باغرىمىزدا يارىتىش قىزغىنلىقى، ئىجاد ھەۋىسى قوزغايدۇ.


سوئال: ئەدەبىي تەنقىدچىلىقىمىز ۋە تەنقىدچىلىرىمىز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىز قانداق؟


جاۋاب: مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يەتكەن پەللىسى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات پەللىسىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتتىكى مۇھىم ئامىل. 60 يىل مابەينىدە ئەدەبىي تەنقىد جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. ئىلمىي نەزەرىيەۋى سەۋىيەسى يۇقىرى، يۈكسەك سەنئەت ئادالىتىگە ئىگە، مەدەنىيەتلىك تەنقىدچىلەر قوشۇنى بارلىققا كەلدى. بىر مۇنچە ياخشى ئىلمىي تەنقىد ئەسەرلىرى يېزىلىپ شائىر، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پارلاق نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ۋە ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئورنى بېكىتىلدى. ۋاھالەنكى، بۇ جەھەتتە يۇقىرىقى ئارتۇقچىلىقلار بىلەن بىللە، كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى. بۇ يېتەرسىزلىك ئىلمىيلىك ۋە ئادالەتنىڭ كەم بولۇشىدا گەۋدىلىك كۆرۈندى. بەزى كىشىلەر غەرەزلىك ھالدا، جاپالىق ئەمگەك قىلىپ مول ھوسۇل بەرگەن قەلەمكەشلەرگە ھۇجۇم قىلدى. تارىخىي ئورنى بەلگىلەنگەن، تارىخ ۋە رېئاللىق تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنغان ھەرخىل ژانىردىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئىنكار قىلدى. بىزنىڭ بەزى مۇھەررىرلىرىمىزمۇ ئۇلارغا ماسلىشىپ، بۇنداق قىزىتما جۆيلۈشلىرىنى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا ئېلان قىلدى. ئەدەبىياتتا تاۋىدا بولغان ئىلمىي مۇھاكىمىگە ھەرقاچان يول بار. بۇ ھەيران قېلىپ كەتكۈدەك ئىشمۇ ئەمەس. لېكىن، بۇ خىل دېموكراتىيەدىن پايدىلىنىپ، مۇئەييەن ئارقا كۆرۈنۈش بار ھەسەتخورلۇق ۋە دۈشمەنلىككە تولغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن زور ھاقارەت. يەنە بىر يېتەرسىزلىك شۇكى، بىر مۇنچە تەنقىدچىلەردە بىلىم يېتىشمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەرقانداق بىر ئەسەرنى تەلتۆكۈس ئوپېراتسىيە قىلالمايدۇ. پەقەت ئەسەرنى قەلەمكەشنىڭ بايان قىلىش يولى بويىچە قايتىدىن بايان قىلىپ، قۇرۇق، دەبدەبىلىك گەپلەر بىلەن خۇلاسە چىقىرىدۇ. ئەسەرنى مەزمۇن، شەكىل، قۇرۇلما، تىل گۈزەللىكى جەھەتلەردىن ئەمەلىي، ئىنچىكە ھەتتا سۆز، جۈملىگىچە تەھلىل قىلالمايدۇ. بۇنداق تەنقىدچىلىكنىڭ ھېچكىمگە كېرىكى بولمىسا كېرەك.
ئۆز قارىشىمنى ئېيتسام، مېنىڭ ئەسەرلىرىم توغرىسىدا مۇھەممەد پولات، ئازات سۇلتان، قۇربان بارات، ئابدۇكېرىم رەھمان، ئابدۇللا مەتقۇربان، ئادىل تۇنىياز، ئېزىزجان ھوشۇر قاتارلىق قەلەمداش دوستلار ئىنتايىن ياخشى ئەدەبىي ئوبزورلارنى يازدى. بۇ ئوبزورلار مېنى داۋاملىق ئىلگىرىلەش، داۋاملىق ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. سەل - پەل پەرىشانلىق بېسىپ، روھىم چۈشەي دېسىلا، زوغۇيلۇق ۋە ئالىلاشلاردىن زەربە يېسەم، ئاشۇ ياخشى كۆڭۈل قەلەمداشلار كۆز ئالدىمدا پەيدا بولىدۇ - دە، قەددىمنى يېڭىباشتىن رۇسلاپ، يېڭى مەنزىلگە قاراپ قەدەم تاشلايمەن. مېنىڭچە، ئەدەبىي تەنقىدنىڭ باش ۋەزىپىسى گۈزەللىك قىدىرىش، بۇنداق قىدىرىش يۈكسەك ئىلمىيلىك بىلەن يۈكسەك ئادالەتكە موھتاج. لايىقىدا بولمىغان نەرسە مەڭگۈ ھەقىقەت ئەمەس. مەن ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، جۈملىدىن شېئىر تەنقىدچىلىكىنىڭ مۇستەھكەم ئىلمىيلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كەلگەن ھەممە ئەسەرلەر بىلەن قەلەمكەشلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئادىل باھالاپ، خەلق ۋە مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن!


سوئال: سىز شېئىر ئىجادىيىتى بىلە ئەدەبىي تەرجىمىنى تەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. تەرجىمە ئىشلىرىڭىز ئەدەبىي ئىجادىيىتىڭىزگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتتى؟


جاۋاب: ئەدەبىيات - سەنئەت تەرجىمىچىلىكىدە بىزگە كېرىكى ئەدەبىي تەرجىمە. مەن ئەدەبىي تەرجىمىنى خۇددى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوخشاش مۆتىۋەر بىلىمەن. ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تارىخى باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە ئوخشاشلا ئۇزاق. بىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى كىلاسسىكلىرىمىز ئۆز نۆۋىتىدە ناھايىتى بۈيۈك ۋە ناھايىتى تالانتلىق ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن ئىدى. ھەزرىتى نەۋايىنىڭ تۈركىي ۋە پارس تىللىرىدا ئوخشاش قىممەتتە ئەسەر يېزىشى پىكرىمىزنىڭ دەلىلى. كوماراجىۋا تەرجىمە قىلغان بۇددا نوملىرىدىكى تىلنىڭ ساپلىقى بىلەن تەرجىمىنىڭ ساپالىقلىقى كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ. ئەدەبىي تەرجىمە ھەرقانداق بىر ئەدەبىياتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر مۇھىم تارمىقى، ئۇ قەلەمكەشلىرىمىزنى نەمۇنە ۋە ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. 50 - 60 - يىللاردا، 80 - 90 - يىللاردا ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتە غايەت زور ئۇتۇقلار بارلىققا كەلدى. »ئادەمنىڭ تەقدىرى«دەك كىلاسسىك ھېكايىنىڭ 1957 - يىلى شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، شۇ يىلقى »تارىم« ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇر تىلىغا 1959 - يىلى تەرجىمە قىلىنىپ، بېسىلغىنىدىن تەرجىمە سۈپىتى جەھەتتە روشەن ھالدا يۇقىرى بولۇشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانىدى. 70−80 - يىللاردىمۇ ئەدەبىي تەرجىمىلىك تازا ۋايىغا يېتىپ، چەت ئەل ۋە جۇڭگونىڭ بىر مۇنچە مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. »قىزىل راۋاقتىكى چۈش«، »ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە«، »غەربكە ساياھەت«، »ئۆلىمالار قىسسەسى«، »تىنچ دون«، »ئىسپارتاك«، »تىرىلىش« قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر بۈيۈك غەلىبىسى. گۈزەل مەنىۋى دۇنيانىڭ كەڭلىكى بىلەن تىل ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كامالىتى قەلەمكەشنى ھامان يېڭى مەنزىل ۋە يېڭى ئىلھامغا ھەمراھ قىلىدۇ. مەن ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىگە تۇنجى قېتىم پابلو نېرودانىڭ چۈشىنىش تولىمۇ تەسكە توختايدىغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن كىرىپ كەلگەنىدىم. شۇنىڭدىن بېرى ئەدەبىي تەرجىمە مېنىڭ ئىككىنچى ئىجادىيەت مەكتىپىم بولۇپ كەلمەكتە. مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن شېئىر ۋە رومانلارنى، تەنقىدىي ماقالىلەر بىلەن ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلدىم. مەن شېئىرىيەت تەرجىمىچىلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم. بولۇپمۇ يېزىش قىزغىنلىقى، سۆز سەنئىتى، كېسىم سۆزلەرنى تاللاش جاسارىتى جەھەتتە كۆپ نەپكە ئېرىشتىم. مېنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىگە قويىدىغان تەلىپىم، ئانا تېكىستنىڭ ئۆز شەكلى بىلەن پۇرىقىنى مۇتلەق ھالدا يوقىتىپ، تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تىلنىڭ شەكلى بىلەن پۇرىقىنى ئېلىش لازىملىقىنى تەكىتلەش. رۇس شائىرى ژۇكوۋىسكىي: »نەسر تەرجىمانى يازغۇچىنىڭ قۇلى، نەزم تەرجىمانى شائىرنىڭ رىقابەتچىسى« دېگەنىدى. مەن بۇ ھېكمەتكە تولىمۇ ئېتىقاد قىلىمەن.


سوئال: سىز ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش - مۇكاپاتلاش ئىشلىرىغا قانداق قارايسىز؟


جاۋاب: مېنىڭچە، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى باھالاپ مۇكاپاتلاشتا تەنتەربىيە ماھىرلىرىنىڭ چېمپىيونلىرىنى باھالىغاندەك باھالاش لازىم دەپ قارايمەن. بىزدە ھازىرغىچە نۇرغۇن باھالاش ۋە مۇكاپاتلاشلار بولدى. قانچە ماھىر باھالاشقا قاتناشسا شۇنچىسى چېمپىيون بولدى. بەزىلەر چېمپىيون تۇرماق تۈزۈكرەك ماھىر بولالماي تۇرۇپمۇ »ئۇزاق يىللىق جاپاكەش« دېگەن تېتىقسىز سەۋەبلەر بىلەن چېمپىيونلۇق تاجىنى كىيىپ غادىيىپ يۈردى. بەزى كىشىلەر ئاغزىدا ئىنساپ، ئادالەتنى ھارغىچە سۆزلىسىمۇ ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق مۇكاپاتقا ۋاسىتە تاللىماي چاڭ سېلىپ كەلدى. مەلۇمكى، مۇكاپات −− ھالال ئەمگەك ۋە شۇ ھالال ئەمگەك جەريانىدىكى تاپقۇرلۇق ۋە ئىجادىيەتكە بېرىلىدۇ. ئەمگەك قەدىرلەنمىگەن ۋە ئاياغ ئاستى قىلىنغان يەردە ئادالەت ۋە مەدەنىيەت چىرىغى ئۆچىدۇ. ماكسىم گوركىي: »مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرىلىقى دائىم توغرىدىن - توغرا ئەمگەككە بولغان مۇھەببەتكە باغلىقتۇر«، ب. روشىر: »مەدەنىيەت قانچە يۈكسەك بولسا، ئەمگەك شۇنچە قەدىرلىنىدۇ« دېگەنىدى. بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت قوشۇنىمىز ئاددىي ھالدىكى قەلەمكەشلەر قوشۇنى بولۇپ قالماستىن بەلكى ئەمگەككە يۇقىرى دەرىجىدە مۇھەببەت باغلىغان، سەنئەت ئادالىتى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن مەدەنىيەتلىك قوشۇن بولۇشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا يۇقىرىقىدەك كەلگەن مۇكاپاتنى قاراڭغۇدا ئۆزئارا بۆلۈشۈۋالىدىغان »قوينۇم ئوغرى، قونچۇم ئوغرى«لىقتىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.


سوئال: »تەڭرىتاغ« ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتىدە سىز ئوقۇرمەنلەر ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ شائىرنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندىڭىز. شۇ چاغدىكى تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاب: ئەدەبىيات تۆھپىكارلىرى بىلەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاپ مۇكاپاتلاش ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى سىلجىتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش. لېكىن ئەدىب بىلەن ئەدەبىياتنى تونۇش ئوڭاي ئىش ئەمەس. ھازىر تارازىغا ھېسسىيات ئامىللىرى سالماق تاشلايدىغان ئىشلارمۇ خېلى ئەۋج ئېلىپ قالدى. مەن باھالىغۇچىلارغا ئۇپرىماس سەنئەت ئادالىتى تىلەيمەن. گۈزەللىك، بۈيۈكلۈك، مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ نېگىزلىك ئۆلچىمى مېھنەتنى قەدىرلەش، بۇ مېنىڭ كىشىلەرنى، دۇنيانى، روھىيەتنى ئۆلچەيدىغان مەڭگۈلۈك ئۆلچىمىم. ساغلام بولمىغان ساختا ئامىللارنىڭ جىددىي ۋە كەسكىن ئۆلچەملەر ئارىسىغا گويا كېزىك مىكروبىدەك كىرىۋېلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا مەۋجۇدىيەت سالاھىيىتىمىزنى مۇتلەق بەلگىلەيدىغان مەدەنىيەت قاتلىمىمىزنى يىمىرىشىگە يول بېرىش كەچۈرگىلى بولمايدىغان ئەجەللىك نۇقسان. شۇنى تەكرار قەيت قىلىش كېرەككى، سەنئەت ئادالىتى بولمىغان يەردە ھەقىقىي سەنئەت ئەسەرلىرىگە ئېرىشىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، سەنئەت ۋە سەنئەتكارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپىسى گۈزەللىك يارىتىش بىلەن مەڭگۈ راست گەپ قىلىش.


سوئال: شېئىر سەنئىتى −− تۇيغۇ سەنئىتى. خۇددى ئەدەبىي تەنقىدچى مۇھەممەد پولات ئاكا ئېيتقاندەك: »شېئىر شائىرنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ قايناق ھېس - تۇيغۇسىنىڭ بەدىئىي مەھسۇلى.« ئادەمدە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھېس - تۇيغۇ سۇسلىشىدۇ. سىزدە بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلدىمۇ؟


جاۋاب: تەيۋەنلىك ئاتاقلىق شائىر، نەسرچى، ئوبزورچى يۈگۇاڭجۇڭ ئەپەندى »ئەقىل - پاراسەت ئالەمدىكى مەۋجۇداتنىڭ ئۆزئارا پەرقىگە ئېتىبار بەرسە، ھېسسىيات ئالەمدىكى مەۋجۇداتنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ« دېگەن ئىدى. بۇ كىشىنىڭ دېگىنى مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجادىيەت جەريانى بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ نەختەنلىشىش جەريانىدۇر. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھېسسىياتنىڭ ئاجىزلىشىشى دېگەن بۇ گەپ ئومۇمىيلىققا قارىتا ئېيتىلغان. بۇ نىسپىي ئەھۋال، ھەقىقىي شائىر، ناۋادا ئۇ تۆرەلگەندىلا شائىر بولۇپ تۆرەلگەن بولسا، مەڭگۈ شائىر پېتىچە قالىدۇ. يىللار ئۇنىڭ شائىرلىق يۈرىكىگە قورۇق چۈشۈرەلمەيدۇ. فارابى 95 يىل، نەۋايى 60 يىل، لېف. تولىستوي 83 يىل ياشىسىمۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىجادىيەتتىن قالمىغان، ئەقىل - پاراسەت، ھېسسىيات، تۇيغۇسىنى يوقاتمىغان. بۇ قانداقتۇر روھىي تەسەللى بولماستىن، بەلكى مۇنازىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەمەلىيەت. تېببىي ئىلىمنىڭ ئوقۇش، يېزىش بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىشنىڭ مېڭە بىلەن سالامەتلىكىنى قوغداشتىكى تەڭداشسىز رولى توغرىسىدا ئەمەلىي دەلىل - ئىسپاتلارغا ئېرىشكەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. مەن بۇ جەھەتتە تولىمۇ ئۈمىدۋارمەن. ئىلگىرىكىدىنمۇ ئېسىل شېئىرلارنى ئىجاد قىلىش ئىشەنچىم بار. مېنىڭ روھىي ھالىتىمدە تېخى جۇشقۇن ھېسسىيات ۋە شېئىرىي تۇيغۇدىن مەھرۇم بولۇشتەك ئەھۋاللاركۆرۈلمىدى. ئىلاھىم، بۇنداق بەختسىزلىكنىڭ ئىشىكى ماڭا قاراپ ئېچىلمىغاي!


سوئال: سىز ھازىرغىچە قانچىلىك ئەسەر يازدىڭىز ۋە تەرجىمە قىلدىڭىز؟ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسىرىڭىز قايسى؟


جاۋاب: مەن ھازىرغىچە 900 پارچىغا يېقىن شېئىر يازدىم. »ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ«، »تاڭ لىرىكىلىرى«، »تارىم شاماللىرى«، »تۈن تىۋىشلىرى«، »تاڭلار بىلەن سۆزلىشىش«، »گۈللەر سۆزلەيدۇ«، »زېمىن قەسىدىسى« قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىم جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتى. 400 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل شېئىرلارنى، تۆت رومان، سەككىز پوۋېست، 30 پارچىدەك ھېكايە، ئون پارچىدەك ئەدەبىي ئوبزور، ئىككى سىياسىي - تارىخىي كىتابنى خەنزۇ تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدىم. قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز تىللىرىدىن تەرجىمە قىلغانلىرىممۇ بىر تالاي.


سوئال: ھازىرقى ئىجادىيەت ئەھۋالىڭىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىز توغرىسىدا توختىلىپ باقامسىز؟


جاۋاب: يەنىلا يېزىۋاتىمەن، سۈرئەت ئاستا، دوستلىرىم ئەسلىمە يېزىشنى تەلەپ قىلىۋتىدۇ، ياخشى نىيەتتىن چىققان تەشەببۇستۇ دەپ ئويلايمەن. ماڭا دىققەت قىلىدىغان ئوقۇرمەنلەرگە ئېيتىدىغان سۆزۈم شۇكى: شائىرنىڭ يازماقتىن باشقا چارىسى يوق. بىر كۈن ياشايدىكەنسەن، بىر كۈن يېزىشىڭ كېرەك. ھەسرەت - نادامەتمۇ، شادلىق - شادىمانلىقمۇ مۇشۇ ئەقىدىدىن كېلىدۇ. ياخشى يازالىسىڭىز تاغلارنىڭ چوققىسىدا سىز، ياخشى يازالمىسىڭىز ۋىجدان سوققىسىدا سىز. ئۆزۈمچە پىلانغا ئېلىپ، كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن نۇرغۇن ئەسەرلىرىم بار. »ۋاقىتنى تىزگىنلەش −− تالانت« دېگەنىدى ۋاڭ مىڭ. ۋاقىتنى تىزگىنلىسەملا بۇ ئەسەرلەرنى بىر - بىرلەپ يورۇقلۇققا چىقىرالايمەن.

 






بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار