«ئاياللار دۆلىتى» −− ناشىلار قەبىلىسىدە ئەر - خوتۇنچىلىق
11 - ئاينىڭ 19- كۈنى180 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، سائەت 1:30 دا قەدىمىي لىجياڭ شەھىرىگە يېتىپ كەلدۇق. ناشىلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان بۇ شەھەردە 1 مىليون 200مىڭ نوپۇس بولۇپ، ناشىلار 600مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن مەدەنىيەت ئاساسى كۈچلۈكتەك قىلاتتى. شەھەردىكى ھەرقانداق بىر ۋىۋىسكىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە چىغناق - تارغاق يېزىقىغا ئوخشايدىغان ناشىچە خەتلەر كۆزگە روشەن چېلىقىپ تۇراتتى. بۈگۈنكى كۈندە گەرچە بۇ يېزىقتا مەخسۇس مەكتەپ ۋە نەشرىياتلار بولمىسىمۇ، لېكىن ناشىلار ياسىغان ھەميان، شارپا، ياغاچ ئويما قاتارلىق قول سانائەت بۇيۇملىرىدا بۇ يېزىق مەھكەم ئورۇن ئاپتۇ. ئىگىلىشىمىزچە، ناشىلار خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، ناشى يېزىقىنى ھەپتىسىگە بىرەر سائەتتىن ئۆتىدىكەن. ئەمما، ئۆز مىللىتى ئىچىدە بۇ يېزىقنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغانلار كۆپ بولمىغاچقا، شۇ تەرىقىدە كېتىۋېتىپتۇ. بۇ يەردىمۇ قىز - ئوغۇللارنىڭ ئىسمىنى ئاتىماي، قىزلارنى پەنجىنمېي، ئوغۇللارنى پەنجىڭگې دەيدىكەن. يۈننەن تەۋەسىدە مەيلى قەيەرگە بارمايلى، قىز - يىگىتلەرنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئاتىماي، ھەر يۇرتقا بارغاندا شۇ يۇرتنىڭ ئادەتلەنگەن سۆزى بىلەن ئاتايدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۇيغۇرلاردىكى «غوجام، خېنىم»، «يىگىت، قىزچاق»، «قارىم، بۈۋىم»، «ئەپەندىم»، خانىم دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەڭداش قوللىنىلىدىغان ئاتالغۇلار ئىكەن.
لىجياڭدا بىزنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى بولدى. بۇ شەھەر يەنە دايەن بازىرى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى ساقلانغان تۆت قەدىمىي شەھەرنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدىكەن، قالغان ئۈچى سىچۇەن، شەنشى، ئەنخۇيدا ئىكەن. يەنە كېلىپ لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى جۇڭگودىكى شەھەر سېپىلى بولمىغان تارىخىي مەدەنىيەتلىك ئەڭ مەشھۇر ئىككى قەدىمىي شەھەرنىڭ بىرسى ئىكەن. ناشىلارنىڭ ئۆيلىرى ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، 1 - قەۋىتى ياتاق ئۆيلەر، 2 - قەۋىتى ئىسكىلات ئىكەن. ياغاچ ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدىكەن. ئىشىك - دېرىزە، تورۇسلارغا ناھايىتى نەپىس نەقىشلەر ئىشلەنگەن بولۇپ، نەقىشلەر ئىچىدە گۈللەر ۋە قۇشلار ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. يوللارغا تاش خىشلار ياتقۇزۇلغان بولۇپ، بۇ خىشلار بىرلا قارىماققا تەبىئىيلىك تۇيغۇسى بەرگەندىن سىرت، بىر خىل ئىپتىدائىي ئەسلىي گۈزەللىكنى ئېسىمىزگە سالدى. 850يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى دېڭىز يۈزىدىن 2400مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر كۆلىمى 3.8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن. شەھەردە ھازىر 6200دىن ئارتۇق ئائىلە، 30مىڭدىن كۆپ ئادەم بار ئىكەن. ناشىلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن، %30ئاھالە تۇچ، مىس بۇيۇملارنى ياساش، كالا تېرىسىدىن سومكا، ئاياغ، ھەميان، بەلباغ قاتارلىقلارنى ئىشلەش، ئىپتىدائىي توقۇمىچىلىق، شاراب ئېچىتىش، ياغاچ ئويمىچىلىقى قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۆيلەر ناشى ئۇستىلارنىڭ قولىدا ناھايىتى پۇختا ياسالغان بولۇپ، 1996- يىلى يەر تەۋرىگەندىمۇ كېسەك تاملار ئانچە - مۇنچە يېرىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، شەھەر قىياپىتىگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. شەھەردىكى ئۈچ تارماق ئېقىن ۋە نەچچىلىگەن ئېرىقلاردا سۈزۈك سۇلار يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان گۈزەل مىسرالاردەك كىشىگە ئالەمچە ھۇزۇر بېغىشلاپ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىكەن. بولۇپمۇ، شەھەرلىشىش تەرەققىياتى سەۋەبلىك، مەھەللىلىرىدىن ئېرىق - ئۆستەڭلىرى غايىب بولغىلى خېلى ئۇزاق بولغان بىزدەك كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ كۆرۈنۈش ئۆزگىچە سۈرەتتەك قەلبىمىزدە ئورناپ قالدى. ھەتتا بەزى ھويلىلاردىمۇ سۈزۈك سۇلارغا تويۇنغان كىچىك - كىچىك ئېرىقچىلار كۆزىمىزگە چېلىقتى. لىجياڭ قەدىمىي شەھىرى 1997- يىلى ب د ت تەرىپىدىن ئىنسانىيەتنىڭ ماددىي مىراسى سۈپىتىدە قوغدىلىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەن ئىكەن.
لىجياڭدا بىر باغچە بار ئىكەن. ماي بوياقلا رەسىمگە ئوخشايدىغان، تۈرلۈك گۈل - چېچەكلەر، كۆللەر ۋە تاغلار بىلەن تەبىئىي بېزەلگەن بۇ يەر ئالامەت بىر ئارامگاھ ئىكەن. ئالدىمىزدا بىر بۇلاق ئۇچرىدى. ئېيتىلىشىچە، جاراڭلىق ئاۋاز ياڭرىسا، بۇلاقمۇ باشقىلاتىن تېشىپ چىقىدىكەن. بۇ گەپنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئىسپاتلىغۇمىز كەلدى. شۇنىڭ بىلەن شائىر ياسىن زىلال بۇلاق بويىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ غەزىلىدىن بىرنى ئۆزىگە خاس كۈچلۈك ئىنتوناتسىيە بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدى. ئۇ شېئىر ئوقۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ كۆزىمىز بۇلاقتا. راست دېگەندەك، دېكلاماتسىيە ھەر بىر يۇقىرى پەللىگە يەتكەندە، بۇلاق تۇرۇپ - تۇرۇپلا بۇلدۇقلاپ كەتتى. شېئىر ئوقۇش توختىغاندا بولسا، يەنە ئەسلىي ھالىتىگە قايتتى. تەبىئەتنىڭ بۇ ھادىسىسىگە ھەم زوقلاندۇق، ھەم ھەيران قالدۇق.
* *
ناشىلارنىڭ بىر قەبىلىسى بولۇپ، لىجياڭدىن 227كىلومېتىر ماڭسا بارغىلى بولىدىغان لۇگۇ كۆلى بويىدا ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەر - خوتۇنچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئاجايىپ ئىكەن:
بۇ يەردە مەيلى جەمئىيەتتە بولسۇن، مەيلى ئائىلىدە بولسۇن، ئاياللار مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىكەن. شۇڭلاشقىمىكىن ئادەتتە بۇ يەر «ئاياللار دۆلىتى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇ يەردە ئەر «خوتۇن ئالمايدىغان»، قىز «ئەرگە تەگمەيدىغان» بىر ھالەت ئومۇملۇق ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا قېيىنئانا - كېلىن، قېيىنئاتا - كۈيۈئوغۇل، ئۇكا - يەڭگە مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئەمەسكەن. ھەر بىر ئائىلىدە 20ئەتراپىدا نوپۇس بولىدىكەن، ھەر كۈنى گۇگۇم چۈشۈش بىلەن تەڭ چىغىر يوللار قىز دوستىنىڭكىدە تۈنىگىلى ماڭغان يىگىتلەر بىلەن توشۇپ كېتىدىكەن. بۇلارنىڭ بەزەنلىرى قىز - ئاياللارنىڭ مەھەللىداشلىرى بولسا، يەنە بەزەنلىرى نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ كەلگەنلەر ئىكەن. ئۇلار كېچىچە ياقتۇرۇشقان قىزنىڭ ھۇجرىسىدا بولغاندىن كېيىن، ئەتىسى يىگىت تاڭ يورۇپ بولماستىلا ئانىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشلىرى زۆرۈر ئىكەن. ناۋادا قىز تۇغسا، يىگىتنىڭ بالىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بولمايدىكەن، بالىنى ئانىسى باقىدىكەن. لېكىن خالاشسا يەنە مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرسا بولىۋېرىدىكەن. ئادەتتە ياش قىز - يىگىتلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يەتتە - سەككىزدىن ئاشۇنداق «ھەمراھ»لىرى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىرەرى مۇقىمراق، قالغانلىرى ۋاقىتلىق ھەمراھلار ئىكەن. بۇ خىل مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي ھېسسىياتنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قايسىلا تەرەپ ئارىلىشىشنى خالىمىسا، توختاپ قالسا بولىۋېرىدىكەن. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغاندا بولسا ھەمراھلارنىڭ سانى ئازىيىپ، بىرى بىلەنلا ياشايدىكەن. بۇ يۇرتتىكىلەر بىردەك «موسۇلار» ( 魔梭人)دەپ ئاتىلىدىكەن.
بۇ يەردىكى قىزلارنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمىمۇ ئوخشىمايدىكەن. چىرايى قارامتۇلراق كەلگەن، قورساق سالغان (سېمىز)، كۆزئەينەك تاقىغان يىگىتلەر قىزلارنىڭ كۆڭلىگە بەكرەك ياقىدىكەن.
ساياھەت يېتەكچىسى ئايال شۇلارنى چۈشەندۈرۈۋاتقاندا ئارىمىزدىن بىرى سورىدى:
−− سىزچە، مۇشۇ 14يىگىتنىڭ ئىچىدە قايسىمىز موسۇ قىزلارغا يارارمىز؟
ئۇ ھەممىمىزگە بىر قۇر سىنچىلىغاندىن كېيىن ياسىن زىلالنى كۆرسىتپ دېدى:
−− مۇشۇ يىگىت يارايدۇ!
|