شىئەندىكى ئۇنتۇلماس ئەدەبىي سۆھبەت
(سۆھبەتنى رەتلىگۈچى:ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران)
11 - ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن كېيىن كۇنمىڭدىن ئۇچۇپ يىللارنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا ھېچقانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماي، ئەسلىي ھالىتى پۇختا ساقلانغان شىئەن قەدىمىي شەھىرىگە چۈشۈپ قەشقەرلىك ئۇستامنىڭ ئاشخانىسىدا غىزالاندۇق. بۇ قەدىمىي شەھەردىكى خوتەننىڭ ياڭىقىدىن باشلاپ تۇرپاننىڭ ئۈزۈمىگىچە بولغان تۈرلۈك مېۋە - چىۋىلەر (تۇرپاننىڭ ئۈزۈمىنى بىز بارغان ھەممە يەردە، ھەتتا يوللاردىكى كىچىك ئۆتەڭلەردىمۇ ئۇچراتقان ئىدۇق)، ئوخشىغان لەڭمەن ۋە پېتىر مانتا بىزنى بىردىنلا ئۈرۈمچىگە كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇردى. مېنىڭ تەكلىپىم بويىچە كەچتە بىزنىڭ ياتاقتا ئەدەبىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. سۆھبەت شۇنداق قىزىپ كەتتىكى، ئەسلىي بىرەر سائەت داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنگەن سۆھبەت ئۈچ يېرىم سائەتتە ئاران ئاياغلاشتى. كۆپچىلىك سورالغان سوئاللار بويىچە ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۇچۇر ۋە كۆز قاراشلىرىنى بايان ئەتتى. رەتلەنگەن بۇ بايانلار نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق.
سوئال: »تارىم« ژۇرنىلى ئۇيغۇرنىڭ ئانا ژۇرنىلى. شۇنداق بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئۈزۈلمەي ئەسەر كېلىپ تۇرىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ژۇرنالنىڭ ئەسەر مەنبەسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى يازارمەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئازراق بولسىمۇ پەملىگىلى بولىدۇ. ياسىن زىلال ئەپەندى، سىز »تارىم« ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، شۇنداقلا باش مۇھەررىرى بولۇش سالاھىيىتىڭىز بىلەن مۇشۇ ھەقتە توختىلىپ باقامسىز؟
ياسىن زىلال: مەن «تارىم»نىڭ ئاپتورى، ھەم ئۆمۈرلۈك ئوقۇرمىنى. «تارىم» ژۇرنىلى ئارقىلىق ئۇيغۇرنىڭ ھىدى، ئۇيغۇرنىڭ دىلى ۋە تىلى، ئارزۇ - ئارمانلىرى ئەدەبىي تۈستە گەۋدىلىنىدۇ. بۇ ژۇرنالدا يىللار مابەينىدە ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ جەۋھەر ئەسەرلىرى جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىنىپ كەلدى. ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر«تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئۇششاق - چوڭ، پىششىق - توڭ بولۇپ 10مىڭغا يېقىن ئاپتورى بار. ھەر سانغا 30- 40ئاپتورنىڭ، يىلدا تەخمىنەن 400ئاپتورنىڭ 600پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنىدۇ. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇكېرىم رەھماننىڭ ئېيتىشىچە، ژۇرنىلىمىز ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم قىرائەتخانىلاردا تىزىقلىق ئىكەن. مىللىي تىل زامانىۋى تەرەققىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، بىر مىللەتنىڭ ژۇرنىلىنىڭ ئۇدا 60يىل نەشر قىلىنىپ، 610سان چىقىرىلىشى كاتتا ئىشتۇر. ئەسلىي بۇ يىل كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىشنى نىشانلىغان ئىدۇق، ھەتتا بۇ مەرىكىنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈشنىمۇ پىلانلىغان ئىدۇق. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ يىل 4 - ئايدا «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى« ئېچىپ، يۈزەكى تەبرىكلەپ قويغان بولدۇق. مانا بۇ قېتىملىق «تارىم» سەپىرى −− جەنۇبىي جۇڭگو زىيارىتى مۇشۇ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ داۋامى جۈملىسىدىندۇر.
«تارىم» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى تاپشۇرۇۋېلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ كېلىش نىسبىتى تەكشى ئەمەس. ئەڭ جىق ئەسەر كېلىدىغان يەر −− خوتەن. ئەڭ ئاز ئەسەر كېلىدىغان يەر −− غۇلجا، ئاندىن قالسا قومۇل، قەشقەر، ئاقسۇ. كورلىدا ئەسەر ئەۋەتىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. جايلاردىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ناھىيەلەردە 100ئۆپچۆرىسىدە ئاپتور، ھەۋەسكار بار ئىكەن. مانا بۇ يەردە ئولتۇرغانلار شۇلارنىڭ ۋەكىللىرى. »تارىم« ژۇرنىلىنى بىز ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ چىقارغان بىلەن، بۇ ھەممىمىزنىڭ ژۇرنىلى. بىز سىلەرنىڭ غوجايىنىڭلار ئەمەس، پەقەت سىلەر ئۈچۈن ۋاكالىتەن ژۇرنال چىقارغۇچىلارمىز. قايتقاندىن كېيىن ئەتراپىمىزدىكى ئاپتورلارنى كۆپرەك تەشكىللەپ بەرسەك. جىقراق ھەمكارلىشىپ ۋە پىكىرلىشىپ تۇرساق، ئەڭ ياخشى ئەسەرلەر بىزگە تەۋسىيە قىلىنسا دەيمەن، شۇنداق قىلىپ «تارىم»نى تەڭ گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرساق.
سوئال: پاتىگۈل ئەخمەت خانىم، سىز «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ھەم ئۇزاق يىللىق بىۋاسىتە قول تىقىپ ئىشلىگۈچىسى. سىزنىڭچە نۆۋەتتە ئايال ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالى قانداقراق كېتىپ بارىدۇ؟
پاتىگۈل ئەخمەت: ئايال ئاپتورلار ئەر ئاپتورلارغا قارىغاندا بەكلا ئاز. مەسىلەن: قەشقەردىن ئىككى - ئۈچنىلا سانىيالايمىز. ئاقسۇدا يوق بولۇپ قالدى. كورلىدا ئۈزمەي يېزىۋاتقانلاردىن ماھىنۇر ئابدىلىم، نۇرگۈل ئەبەي قاتارلىق تۆت - بەشى بار. ئۈرۈمچىدە يەنە گۈلباھار ناسىر، تۇرسۇنگۈل تۇردى قاتارلىق ئۈچ - تۆتىلا بار. شىمالىي شىنجاڭ تەرەپتە يوق دېيەرلىك دېسەكمۇ بولىدۇ. خوتەندە بۇرۇن خېلى جىق ئىدى، ھازىر بەكلا ئازلاپ كەتتى. مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر يېڭىدىن يېتىشىۋاتىدۇ، بۇرۇنقى جەڭگىۋار ئاپتورلار نېمىشقىدۇر جىمىپ قالدى. گەرچە ئايال ئاپتورلار ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئەسەرلىرىنىڭ مەيلى تىلى ياكى تەسۋىرلىرىدە بولمىسۇن، ئەرلەر ھېس قىلالمىغان بەزى چوڭقۇرلۇقلار ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ ۋە بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرغاچقىمىكىن، ۋايىغا يەتكۈزۈلۈپ، خېلىلا ياخشى ئىپادىلىنىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھېسسىيات جەھەتتىكى نازۇك تەرەپلەردە بۇ نۇقتا روشەن گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. ئاشۇنداق بولغاچقا بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپى گەرچە تولىراق مۇھەببەت، نىكاھقا چېتىلسىمۇ، لېكىن يېزىش ئۇسۇلى ئوخشىمىغاچقا، بىر - بىرىنىڭ كەم يەرلىرىنى تولۇقلاۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەپسۇسكى، ئاياللار شۇنداق ياخشى يېزىۋېتىپ، مەلۇم مەزگىلگە كەلگەندە سەل توختاپ قالىدىكەن ياكى غايىب بولۇپلا كېتىدىكەن. مۇمكىن بولسا ئاياللار يېزىقچىلىقتا ئىزچىللىقنى ساقلىسا، تازا ياخشى نەتىجە يارىتىۋېتىپ كېلىپلا، توساتتىن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويمىسىكەن دەيمەن. مەسىلەن: خوتەندىكى ئالتۇنگۈل رەجەپ شۇنداق بەلەن كېتىۋېتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەل جىمىپ قالدى. بۇنداق بولسا ئادەم ئەپسۇسلىنىپ قالىدىكەن... يەنە بەزىلەر بىلەن ئۈچ - تۆت يىل شۇنداق ياخشى ھەمكارلىشىمىز، ئاندىن ئۇلار تۇرۇپلا رومانغا ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇ رومانلىرىنىڭ ساپاسى تازا دېگەندەك ئەمەس، ھېكايە يازغاندىكى ئارتۇقچىلىقى نەلەرگىدۇر غايىب بولغاندەكلا...
ياسىن زىلال: مەن ئازراق قىستۇرما قىلاي. بىزگە ئەسەر بېرىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ %70ى شائىر، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ جىقراق. «تارىم» ژۇرنىلى 160بەتلىك ژۇرنال. ھەر ساندا 25بەت ئەتراپىدا شېئىر بېرىلىدۇ. نەسرىي ئەسەرنىڭ خەت سانى 130مىڭ ئەتراپىدا، شېئىرنىڭ بولسا 180مىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق بولغاندا ھەر سان ژۇرنالنىڭ 60- 70پىرسەنت قەلەم ھەققىنى شائىرلار ئالىدۇ دېگەن گەپ. ھازىر شېئىر كۆپ، ئەمما «ئاجايىپ شېئىركىنا ماۋۇ» دېگۈدەك شېئىرلارنى بەكلا ئاز ئۇچرىتىمىز. مىللىتىمىز شېئىرخۇمار مىللەت، بىزدە شېئىرغا بولغان ئۆلچەم - تەلەپ خېلىلا يۇقىرى. نەچچە مىڭ يىللىق مەدرىسە مائارىپىمىزدىمۇ شېئىر بىر دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلۈپ كەلگەن خەلق بىز. لېكىن ھازىرقى شائىرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمىدا شېئىرنى ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن چۈشىنىدىغانلار ئازراق. شېئىرىيىتىمىز رەڭدار، ژانىرى بەكمۇ كۆپ. ئەمما شائىرلىرىمىزنىڭ قەدىمكى كىلاسسىكلىرىمىز يازغان ھەممە ۋەزىندە، ھەممە شەكىلدە يېزىپ، ئۆزىنى سىناپ باقىدىغانلىرى ئاز. مەسىلەن: بىزدە مەسنەۋى، مۇخەممەس، مۇستەھزات، تەرجىبەند، مۇۋەششەھ... دەيدىغان نۇرغۇن شەكىللەر بار. لېكىن ھازىر شائىرلارنىڭ جىقلىرى بۇ ھەقتە ساۋاتسىز. ھە دېسىلا توققۇز بوغۇملۇق، 11 بوغۇملۇق شېئىرغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋالغان. شېئىرلىرىمىزنىڭ مەنە چوڭقۇرلۇقىنىڭ تازا ۋايىغا يېتەلمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەبمۇ دەل كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇمىغانلىقىمىزنىڭ، تەتقىق قىلىپ باقمىغانلىقىمىزنىڭ مەھسۇلى. ھەۋەسكارلار كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدىكى جەۋھەرلەر بىلەن ئوبدانراق تونۇشۇپ چىقىشى، ئۆزلىرىمۇ شۇلارنىڭ ئىزىدا مېڭىپ بېقىشى لازىم، شۇ چاغدىلا شېئىرىيىتىمىز رەڭدارلىشىدۇ.
شېئىر دېگەن يۈرەكتىن سىرغىپ چىققان قاندەك ئۇلۇغ مەنىلەرنى ئىپادىلىيەلىگەندىلا، ئاندىن خەلق قەلبىگە شۇڭغۇپ كىرەلەيدۇ. تارىخنىڭ، ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن دادىل ئۆتەلەيدۇ. شۇڭا ئېتىقاد بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك شېئىرغا. شېئىر يېزىش ئۈچۈنلا شېئىر يازماي، خەلقنىڭ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا، روھىغا ئوزۇق، قەلبىگە نۇر بېرەلەيدىغان شېئىرلارنى يېزىشقا تىرىشىش لازىم. شائىرلاردا كۆرەڭلىك ئارىلاشقان مەغرۇرلۇق، شۆھرەتپەرەسلىك مەۋجۇت بولىدۇ. نورمال كىشىلەرگە قارىغاندا ھاياجانلىق كەيپىياتقا ئاسان چۆمۈلىدۇ. لېكىن بىلىش لازىمكى، خەلقتىن چەتنەپ كەتسەك بولمايدۇ. زاماننىڭ تۈرلۈك ھالەتلىرىنى، ھەر خىل تىپتىكى كىشىلەرنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولغاندىلا، تەسەۋۋۇرغا باي بولغاندىلا، ئاندىن شائىر بولغىلى بولىدۇ. «شېئىر يازماق ئاسان، شائىر بولماق تەس» دەيدۇ شۇڭا.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قارايدىغان بولساق، نەسرىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ سۈپىتى خەنزۇلارنىڭكىگە يەتمەيدۇ. چەتنىڭكىگە سېلىشتۇرۇشقا تېخى ئەتىگەن. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ھازىرقى بىر قىسىم يازغۇچىلاردا كەم نەرسە:1. باشقىلارنىڭكىنى ئوقۇمايدىكەن بەزىلەر. ئەدناسى ئاشپەزلەرمۇ باشقىلارنىڭ ئاشخانىسىغا خېرىدار تەرىقىسىدە كىرىپ باقىدۇ ھۈنەر تەتقىق قىلىش ئۈچۈن. شۇنىڭغا ئوخشاش بىزمۇ باشقىلاردىكى ماھارەتنى بىلمىسەك، ئۆگەنمىسەك بولمايدۇ. 2. يازغۇچىلار چوقۇم شېئىر ئوقۇشى كېرەك. شېئىرىي ئاھاڭ نەسرىي ئەسەرلەردىمۇ بولۇشى كېرەك، ھەم بار. لىرىكىغا تويۇنغان ياخشى ئەسەرلەرنى ئاھاڭدارلىقى بويىچە ئوقۇغىمىز كېلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا شېئىرىي ھاياجان بار. بىر ئەسەرنى ئوقۇپ يۈرەك ئېزىلمىسە، ئۇ ئەسەر ياكى ئادەمنى كۈلدۈرەلمىسە ياكى يىغلىتالمىسا، بۇنداق ئەسەر ناتورالىستىك ئەسەر بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ نە قىممىتى ئۇ چاغدا؟ تارىختىن، تۇرمۇشتىن جەۋھەر تاللاش كېرەك. ئۆزى يېقىپ، ئۆزى يېگەن ناۋايدەك ئۆتسەك بولمايدۇ. خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»تىمۇ ياخشى شېئىرلار بار. «سۇ بويىدا»دا تېخىمۇ كاتتا شېئىرلار. بىزنىڭ خەلق داستانلىرىمىزدىمۇ ۋەقەلىك تازا ۋايىغا يېتىۋاتقاندا توساتتىنلا شېئىرغا ئۆتۈپ كېتىدىغان يەرلەر جىققۇ؟ مانا ئاشۇنى يازغانلارنىڭ راۋرۇسلا شېئىرىي ساۋاتى بار دېگەن گەپ.
ياخشى شېئىرلارنى يېزىۋېتىپ، بايا پاتىگۈل دېگەندەك توساتتىنلا باشقا ژانىرلارغا ئاتلايدىغانلار چىققان، چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇتۇق قازانغانلاردىن ۋەيران بولغانلار جىقراق. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىرلا ژانىرنى ئىزچىل تۇتقان ياخشى، ئاندىن ئۈزۈپ چىققىلى بولىدۇ.
سوئال: غېنى مۇھەممەت ئەپەندى، «تارىم» نى ۋاراقلىغاندا، خېلى كۆپ ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنى سىز تەھرىرلەپسىز. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۆۋەتتىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز ھەققىدە سۆزلەپ باقامسىز؟
غېنى مۇھەممەت: ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ئاجىزلىقى بىزدىكى رېئاللىق. قاراپ باقسام، بۇ چۈشىنىش مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىكەن. بەزەنلەر ئەدەبىي تەنقىدنى باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئېچىش دەپ قارايدىكەن. بۇ خىل قاراش يازغۇچىدىمۇ، ئوقۇرمەندىمۇ، ئوبزورچىدىمۇ، ھەتتا بىر قىسىم مۇھەررىرلەردىمۇ مەۋجۇتكەن. بۇنداق قاراش خېلى بۇرۇندىن تارتىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقانىكەن. كۆپ كىشىلەر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىكەن. ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزسەك، ئەدەبىي تەنقىدنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئۆزى يەنە بىر مەسىلە ئىكەن. بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخىمىزنى ۋاراقلىساق، مەخسۇس تەنقىدچىلەر بولغان بىزدىمۇ. مەسىلەن: مۇھەممەد پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىملاردەك... كېيىن بۇ پېشقەدەملەرنىڭ ئىزىدىن ماڭىدىغانلار كۆپەيمەي، ئەكسىچە ئازلاپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا ئاجىز بۇ ساھە تېخىمۇ ئاجىز بىر ھالقىغا ئايلاندى. بۇنداق بولۇشىغا »ئەدەبىي تەنقىد بىلەن شۇغۇللىنىپ ئېرىشىدىغان نەتىجە قانچىلىك؟« دېگەن مەسىلىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شېئىر، ھېكايە، رومانغا قارىغاندا، تەنقىدچىلىكتە ئېرىشىدىغان ياخشى نام، ياخشى نەتىجە ئازراق بولىدىكەن. مەسىلەن: ئەسەر ئېلان قىلدۇرۇش، ئاپتورلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، ئەدەبىياتنىڭ ئىچى - تېشىدىكىلەرنىڭ باھاسى دېگەندەكلەردە. ھازىر ياشلاردىن ئارىلاپ ماقالە - ئوبزور يېزىۋاتقانلار خېلى كۆپ، ئەمما تىلغا ئالغۇدەك مەخسۇس تەنقىدچى يوق دېيەرلىك بولۇۋاتىدۇ. قوشۇنىمىز بەكلا ئاز بۇ جەھەتتە. بۇرۇنلاردا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلاردىن تەھرىر بۆلۈمىگە ماقالە - ئەسەر ئەكېلىدىغانلار خېلى بار ئىدى، ھازىر ئازلاپ كەتتى. ئەدەبىيات كەسپىدىكى ئاسپىرانتلارنىڭ ماقالىلىرى ئانچە - مۇنچە كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىدە غەربنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ۋە تەنقىدچىلىكىدە ئېيتىلغان ئۆلچەم، ئۇسۇللارنى شۇ پېتى قېلىپ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن ئەسەرلىرىمىزنى ۋە يازغۇچىلىرىمىزنى شۇ قېلىپقا سېلىپ ئۆلچەش، خۇلاسە چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق ماقالىلەر بەكلا قۇرغاق، زورمۇزور يېزىپ قويغاندەك ياكى قىچىشمىغان يەرنى تاتىلىغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدۇ كىشىگە. بىزدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئۆزىنى ئىزچىل بېغىشلاش روھى كەمچىل، شۇڭا ئىزچىللىق يوق، چوڭقۇرلۇق يوق، خاسلىق يوق.
|