سوئال: خاسىيەت خانىم، سىز ئايال مۇھەررىر بولغاچقا، ئايال ئاپتورلار بىلەن جىقراق ئالاقە قىلىسىز ھەقاچان. ئايال ئاپتورلار ئىجادىيىتىدە قانداق يېتەرسىزلىكلەر بار دەپ قارايسىز؟
خاسىيەت ئەمەت: مېنىڭچە ئايال ئاپتورلار خاس ئائىلىۋى تۇرمۇشنى يېزىشقا بەكرەك كۈچەۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇمۇ خاتا ئەمەس، لېكىن تۇرمۇشتىكى باشقا نەرسىلەرنىمۇ كۆزىتىپ بېقىش لازىم. ھەدېسە ئۈچىنچى شەخس ھەققىدىكى نەرسىلەردىن يىراققا سىلجىيالمايۋاتىمىز. ھاياتنىڭ قوينى كەڭ، ئىنساننىڭ كەچمىشلىرى يالغۇز مۇھەببەت بىلەنلا چەكلەنمەيدىغۇ؟ ھازىرقى تەرەققىيات دەۋرىدە مائارىپ، سودا ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان چىگىش مەسىلىلەر بىزنى چۆرىدەپ تۇرۇپتۇ، شۇلار ھەققىدىمۇ قەلەم تەۋرىتىشى كېرەك ئاياللار...
سوئال: مۇھەممەد ئەيسا ئۆزئەرك ئەپەندى، سىز ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكنىڭ ئەدەبىياتىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قانداق قارايسىز؟
مۇھەممەد ئەيسا: تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ. چەت ئەلنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەدەبىي ئېقىملىرى توغرىسىدىكى ماقالىلەر ۋە شۇ ئېقىمدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئەدەبىياتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق. بىز چەت ئەل تىلىنى بىلمىگەن شارائىت ئاستىدا، بۇلارنى تەرجىمىچىلىك ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرالايمىز. «ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك، چەت ئەلنىڭ داڭدار ئەسەرلىرىنى ئۆز تىلىمىزدا كۆرۈش ئارقىلىق ئاپتورلىرىمىز ئۇنىڭدىكى ئىپادىلەش، ۋەقەلىكنى بىر تەرەپ قىلىش، پېرسوناژلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تىل ئىشلىتىش ماھارەتلىرىنى بايقىۋالالايدۇ، قانداق تېمىنى قانداق يازسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ. ئەنئەنىۋى يېزىقچىلىق ئۇسۇلىمىز بىلەن چەتنىڭكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىجادىيىتىدە يېڭى پەللىگە قاراپ سىناقلارنى ئېلىپ بارالايدۇ. ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىقلارنى سېزىپ، ئىجادىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەشتە تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن ئۆرنەك ئالالايدۇ.
سوئال: مۇختار تۇردى ئەپەندى، ژۇرنالدا ئىزچىل ھېكايە تەھرىرلىكىنى قىلىش جەريانىدا جىق نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ھېكايىچىلىقىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى دېگۈڭىز بار؟
مۇختار تۇردى: ھېكايىچىلىقىمىزنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەپ كەتتى دېيىلدى بايا، لېكىن نېمىشقا شۇنداق بولغانلىقى ئېنىق دېيىلمىدى. مەن قارىسام، بىزگە كەلگەن ھېكايىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، بەدىئىيلىكىدىن باشقا، تىنىش بەلگىلىرىمۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ. بەزى ھېكايىلەرنىڭ جۈملىلىرى يامان تاقا - تۇقا. مېنىڭچە، ھەۋەس كۈچلۈك، ئەمما تەربىيەلىنىش كەمچىل. بىز پىشقان بولسۇن ياكى پىشمىغان بولسۇن، ئەۋەتىلگەن ھەممە ئەسەرنى قالدۇرماي ئوقۇپ چىقىمىز. بايا رېئالىزم بىلەن ناتورالىزمنىڭ گېپى چىقىپ قالدى. مېنىڭ يەنە مۇنداق بىر سوئالنىمۇ قويغۇم كېلىدۇ: «ئۇيغۇر تۇرمۇشىنى ئىپادىلەشتە رېئالىزمنىلا ئاساس قىلىش كېرەكمۇ ياكى باشقا ئۇسلۇبتىراق يېزىپ بېقىش كېرەكمۇ؟... » بىز مۇھەررىرلەر ھەممە ئېقىملار بىلەن تونۇش. شۇڭا بىزگە ئەسەر ياخشى بولسىلا، قايسى ئېقىمدىكى ئەسەر بولسا بولۇۋېرىدۇ. بىر خىللا ئۇسلۇبقا ئېسىلىۋالساق مەزمۇن تەكرارلىقى، گاھىدا تېخى ۋەقە تەكرارلىقىمۇ كېلىپ چىقىدۇ.
سوئال: ھەزرەتئەلى ئەخەت ئەپەندىم، سىز ئىزچىل تۈردە شېئىر تەھرىرلىكىنى قىلىپ كېلىۋاتىسىز، «تارىم»غا كېلىۋاتقان شېئىرلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق بولۇۋاتىدۇ؟
ھەزرەتئەلى ئەخەت: بايا ياسىنكام ئېيتقاندەك، كەلگەن ئەسەرلەر ئىچىدە شېئىرلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. لېكىن بىزگە يارايدىغانلىرى يەنىلا ئاز. شېئىرلارغا بولغان سۈپەت تەلىپى كۈنسېرى يۇقىرىلاۋاتقان شارائىتتا، قاتتىق تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى جەھەتتە مۇھەببەت تېمىسىدىكىلىرى جىقراق. داستان، باللادا دېگەندەك چوڭراق ئەسەرلەر كەمرەك. ئېپىك شېئىرلارمۇ كۆرۈنمەس بولۇپ كەتتى. پىششىقراق يازىدىغانلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. ئەمما شېئىر سەھىپىسى بىر - ئىككىلا ئاپتورغا مەركەزلىشىپ قالسا، باشقىلارنىڭ ئىلھام تۇلپارىمۇ ئۇسساپ قالىدۇ - دە، شۇڭا بەزى ياخشى ئەسەرلەر ئۆچىرەت كۈتۈپ تۇرۇپ قالىدىغان ئىشلارمۇ يوق ئەمەس. لېكىن ئىشىنىش كېرەككى، ئېسىل ئەسەرلەر «تارىم»نىڭ تۆرىدىن ھامان ئورۇن ئالىدۇ.
سوئال: سەمەت ئابدۇراخمان «قومۇل ئەدەبىياتى»غا باش مۇھەررىر بولغىلى ئانچە ئۇزاق بولمىدى، مۇشۇنداق باش مۇھەررىرلىككە يېڭىدىن قەدەم قويغان ۋاقىتلاردا ژۇرنال ھەققىدە كۆپ نەرسىنى ھېس قىلىدۇ كىشى. شۇڭا سەمەت ئابدۇراخمان ژۇرناللار ھەمكارلىقى ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلىدىكىن، بىلىپ باققان بولساق؟
سەمەت ئابدۇراخمان: بۇ قېتىم «تارىم» ژۇرنىلى ئۆزى بىلەن باشقا يەرلىك ژۇرناللار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق يولىنى ئاچتى. بىزنىڭ تەرەپلەردە «تارىم» ژۇرنىلىدا ئەسەر ئېلان قىلىشنى شەرەپ ھېسابلايمىز. شۇڭا بەك دىققەت قىلىمىز ژۇرنالنىڭ ھەر سانىغا. ھەمكارلىق ھەققىدە بۇ قېتىم «تارىم»غا دەپ باقىدىغانلىرىم تۆۋەندىكىدەك: بىرىنچى، ئەدەبىي تەنقىدكە باشقىدىن دىققەت ئاغدۇرۇلسا. «تارىم» ژۇرنىلىدىكى ئەسەرلەرلا ئەمەس، باشقا ژۇرناللاردىكى ئەسەرلەر ھەققىدىمۇ مۇھاكىمە يىغىنى ئاچسا «تارىم» باش بولۇپ؛ ئىككىنچى، «تارىم»نىڭ قومۇلدىكى ئاپتورلىرى ئاز. شۇڭا ئەسەر ئېلان قىلىشتا تارقاق ئېلان قىلىش بىلەن مەركەزلىك ئېلان قىلىشنى بىرلەشتۈرسە. مەسىلەن: مەلۇم سەھىپە ئېچىپ، شۇ سەھىپىدە مەلۇم رايوندىكىلەرنىڭكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق «تارىم»نىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمايدىغانلارغا يول ئېچىپ بەرسەك؛ ئۈچىنچى، «تارىم» بىلەن تۆۋەننىڭ بېرىش - كېلىشىنى كۈچەيتسەك. بۇنداق بولغاندا ئۆزئارا چۈشىنىش چوڭقۇرلىشىپلا قالماي، مۇھىمى ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىمۇ چوڭ تۈرتكىسى بار؛ تۆتىنچى، ژۇرنال باشقۇرۇش، ئاپتورلارنى قوللاش جەھەتتە ھەمكارلىقنى چىڭىتساق، يەرلىك ژۇرناللار شۇ يەرنىڭ بولغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ بارلىق ئۇيغۇرنىڭ ژۇرنىلى. شۇڭا ئۇ يۇرتنىڭ يازغۇچىسىنى مەن تونۇشتۇرۇپ قوللىسام، بىز تەرەپتىكىلەرنى باشقىلار قوللىسا؛ بەشىنچى، «تارىم»نىڭ باشچىلىقىدا يەرلىكتىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنىمۇ ئورتاق مۇكاپاتلاش ئارقىلىق ئەدەبىي دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتسەك...
سوئال: بالىلار ئەدەبىياتى بىزدىكى ئاجىز بولۇۋاتقان يەنە بىر نۇقتا. پەرھات كازىم، سىز ھازىر بۇ ساھەدە ئىزچىل ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ بىرى. مۇشۇ ھەقتە ھېس قىلغانلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىپ باقامسىز؟
پەرھات كازىم: 2007- يىلى بىر ئىش سەۋەبلىك بالىلار ئەدەبىياتى كاتولوگىنى تۇرغۇزۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن «تارىم»، «تارىم غۇنچىلىرى»، «تۇرپان» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ 1979- يىلىدىن 2007- يىلىغىچە بولغان سانلىرىنى تولۇق كۆرۈپ چىقتىم. ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولدىكى، «تارىم غۇنچىلىرى»دا ئاساسەن بالا ئاپتورلار ئەسەر ئېلان قىپتۇ. چوڭلارنىڭ بالىلار ئەدەبىياتىغا ئائىت ئەسەرلىرى ئەڭ جىق ئېلان قىلىنغان ژۇرنال يەنىلا «تارىم» ژۇرنىلى ئىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى بالىلار ئەدەبىياتى ئۈچۈن مەخسۇس «غۇنچە مۇكاپاتى» تارقىتىلغان ئىكەن. 2003- يىلى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا «خانتەڭرى مۇكاپاتى تارقىتىش يىغىنى» ئېچىلغاندا، بالىلار ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەر خېلى كۆپ مۇكاپاتلانغان ئىكەن. كېيىن بۇ ھەقتە مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئاساسەن ئېچىلماپتۇ. ھازىر قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىدا رومانلارمۇ بارلىققا كەلدى. ھەتتا پەرھات ئېلىياسنىڭ «كىرورانلىق بالىلار» ناملىق رومانى «تۇلپار مۇكاپاتى»غىمۇ ئېرىشتى. دېمەك، بىزدە دۆلەتلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكۈدەك ئەسەرلەر بار بولدى دېگەن گەپ. «تارىم» ۋە باشقا ژۇرناللار ھەر يىلى 6 - سانىنى بالىلار ئەدەبىياتىغا ئانچە - مۇنچە بېغىشلاپ قويغاندىن سىرت، ھازىر بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىزچىل سەھنىسى ئازلاپ كەتتى. شۇڭا كېلەچىكىمىز بولغان بالىلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغىمۇ مەلۇم دائىرىدە سەھىپە ئاجرىتىپ تۇرسا ھەر قايسى ژۇرناللار. شۇندىلا بالىلار ئەدەبىياتىمىز باشقا ژانىرلار قاتارىدا يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولاتتى.
سوئال: ھازىر ناھىيەلەردىمۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، يەرلىك ئاپتورلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا ھالقىلىق رول ئويناۋاتىدۇ. بۇنداق جانلىنىش باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا قارىغاندا، خوتەندە بىر قەدەر ياخشى ئومۇملاشقان. بۈگۈن بۇ يەردە گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن شائىر ئابلىكىم تالىپمۇ ئولتۇرۇپتۇ. شۇڭا مۇشۇ ھەقتە ئازراق ئۇچۇر بەرسە، باشقا ناھىيەلەردىكىلەر ئۈچۈن ئۈلگىلىك رول ئويناپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
ئابلىكىم تالىپ: گۇما بۇرۇندىن تارتىپلا يازغۇچىلار كۆپ چىققان يۇرت. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئايان بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۇمىدا ياش يازارمەنلەرنى تەربىيەلەشكە بىر قەدەر ئەھمىيەت بېرىلدى. گۇمىدا 1989- يىلىلا يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغان. مەن شۇ چاغدا ناھىيەلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدە ئىدىم. شۇ چاغدا گۇمىدا دائىملىق يازىدىغانلار 25تەك ئىدۇق. 2006- يىلىغا كەلگەندە ناھىيەلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلدى. شۇ چاغدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپتورلار سانى كۆپىيىپ 100دىن ئاشقان بولۇپ، مەتبۇئاتلاردا ئەسىرى چىقىۋاتقانلار 76گە يېتىپتىكەن. ئىزچىللىقنى ساقلاۋاتقانلار بولسا 56كىشى ئىكەن. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە قوبۇل قىلىندى. ھازىر ناھىيەدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 50ئەتراپىدىكى ئادەمنىڭ قاتنىشىشىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىۋاتىمىز. بۇنىڭدا ھەممەيلەن يازغانلىرىنى ئوقۇيدۇ، پىكىر ئالىدۇ، پىششىقلاشقا ئاساس سالىدۇ، ئاندىن مەتبۇئاتلارغا يوللايدۇ. تەلەپ يۇقىرىلىغانچە سۈپەتمۇ تەبىئىي ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. قارىساق، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا گۇمىلىق ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ، مانا بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا بىر رومان، ئىككى داستان، ئىككى پوۋېست ئېلان قىلىندى.
|