ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن
يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014
مەنبە: Tarimweb.com
مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى
كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىنكاس: 1 پارچە
ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنى رەسمىي يوسۇندا بىلگەن ۋاختىم 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.شۇ كۈنى ئۇ لىكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن
ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن
غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنى رەسمىي يوسۇندا بىلگەن ۋاختىم 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.شۇ كۈنى ئۇ لىكتورلۇق سالاھىيىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىتى1977-يىللىق 2- ۋە 4-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە تارىخ پاكۇلتىتى 1977-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا پاكۇلتىتنىڭ بىرلەشمە زالىدا بىرلا ۋاقىتتا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» ناملىق دەرسنى سۆزلەشكە كېرىپ كەلدى.ئۇنىڭ تۇرقىدىن شۇنداق تەمكىنلىكى، تېتىكلىكى، سالاپەتلىكى، چىرايىدىن شۇنداق خۇشخۇيلىقى، يېقىملىقلىقى، ۋۇجۇدىدىن شۇنداق سەمىمىيلىكى،ئاق كۆڭۈللۈكلىكى چىقىپ تۇراتتى. دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن ھەممىمىزدە قانداقتۇر بىر خىل ھودۇقۇش، جىددىچىلىق كەيپىياتى بولغان بولسىمۇ، ئۇستازنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ ھەممىمىزدە بىردىنلا كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە قەلب مايىللىقى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. دەرس باشلانغاندىن كېيىن بولسا ئۇستاز دەرس مەزمۇنىغا يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق، سۆزلەرنى،تەسىرلىك ھىكايىلەرنى قىستۇرۇپ ماڭىدىغان بولغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن جەلىپكارلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىۋىتەتتى.
ئۇ شۇ تەرىقىدە 1982-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى پەيشەمبە 1-،2-سائەتلىك ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقتا توپ-توغرا ئىككى يىل ۋاقىت ئىىچىدە بۇ دەرسنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا سۆزلەپ تۈگەتكەن ئىدى.ئۇستازنىڭ بۇ دەرسنى ئۆتۈشى تولىمۇ تەسكە چۈشكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.چۈنكى،‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار›› دىن ئىبارەت بۇ دەرسنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىدا تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ۋە مۇنتىزىم دەرسلىك قىيلىنىپ مۇنبەرگە ئېلىپ چىقىلىشى مانا مۇشۇ ئۈستازدىن باشلىنىۋاتقان ئىدى.ئۇنىڭ دەرسلىك ماتىرىيالى يوق بولۇپلا قالماستىن، پايدىلىنىش ماتىرىيالىمۇ يوق ھىساپتا بولۇپ،مانا مۇشۇ تەستە تېپىش مۇمكىن بولغان ماتىرىياللارنى، دۆلەت ئىچىدە تېپىش مۇمكىن بولغانلىرىنى بولسۇن ۋە چەتئەلدە چىققانلىرىنى بولسۇن ئېرنمەستىن-زېرىكمەستىن تېپىپ، چاغاتايچە، روسچە، تۈركچە، ئۆزبېكچە، خەنزۇچە ماتىرىياللاردىن ئوقۇپ، تەرجىمە قىلىپ، تەھلىل قىلىپ،تۈرگە ئايرىپ، رەتلەپ، سىستىمىلاشتۇرۇپ، كونسىپىكلاشتۇرۇپ ۋە ھەزىم قىلىپ ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە دەرس قىلىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە كۆپ جاپا چېكىشكە، نۇرغۇن تەر ئاققۇزۇشقا توغرا كېلىپلا قالماستىن،بەلكى ئۇزۇن يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ماھارىتىنى ئىگىلىگەن بولۇش،نەزىرىيە سەۋىيىسى،سىياسى سەزگۈرلىكى، پىسخىك ساپاسى يۇقۇرى بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تەرەپلەر ئىتىبارغا ئېلىنىدىغانلىقى ئەقەللى ساۋات ئىدى.دېمەك،ئۇ ئۆزى ئۆتمەكچى بولغان دەرسنى 120دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىغا رازى بولغۇدەك ھالدا سۆزلەپ، ئەينى زاماندىكى ۋەزىپىسىنى شەرەپ بىلەن تاماملاپ،كەڭ ساۋاقداشلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.ئۇستازنىڭ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار» دېگەن تىمىدا سۆزلەپ،ئاساس سېلىپ بەرگەن خاسىيەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك دەرسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىدا شاگىرتلىرى تەرىپىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا داۋاملىشىپ كېلىنمەكتە.
مەن ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ ئەشۇ قېتىملىق دەرسى باشلىنىش بىلەن تەڭلا بۇ دەرسكە خۇشتار بولۇپ قالغان ئىدىم.ئۇستازمۇ مەندىكى بۇ خىل ھېرىسمەنلىكنى ناھايىتى تىزلا بايقىۋېىلىپ،ماڭا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىدىغان بولغان ئىدى.ئىككى يىللىق دەرس جەريانىدا خۇشتارلىق بىلەن ھېرىسمەنلىك چوڭقۇرلاپ،ئۆزىنى كۆرسىتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.ئالىي مەكتەپنى تۈگىتىدىغان ۋاقتىمدا ئۇستاز باشقا ئۇستازلار بىلەن دىمۇكىراتىك ئاساستا كېڭىشىپ،تەشكىلگە مېنى مەكتەپتە قالدۇرۇپ، ئۆزىگە شاگىرتلىققا تەربىيىلەشنى ئىلتىمىس قىلدى.مانا مۇشۇنداق سەۋەپ بىلەن مەن 1983-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالدىم ۋە 1983-يىلى 9-ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى»نامىدىكى ئىككى يىللىق،تۆرت مەۋسۇملۇق تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسىنى ئۆتۈشتىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋە مۇشكۇل ۋەزىپىگە تۈتۈندۇم.ئۇستازنىڭ ماڭا ئۆزى قان تەر بەدىلىگە تەييارلىغان كونسىپىكى بىلەن قوشۇپ بۇ دەرسنى مېنىڭ ئۆتۈشۈمگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى(ئۆزىمۇ قەرەللىك ھالدا دەرس ئۆتۈپ تۇراتتى) ئۇنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن باشقا،يەنە ئۇنىڭ كەڭ قورساقلىقى، مەردلىكى، ئالدى-كەينىگە قاراپ ئىش قىلىدىغانلىقى،بىر كەسىپ،بىر ھۈنەر،بىر ئىلىمدە ئىز باسار تەربىيىلەشنىڭ موھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تولىمۇ يۇقۇرى ئىكەنلىكىنى كېيىنكى خىزمەت ئەمىلىيىتىم جەريانىدا چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىم ھەم ئۇنى ئۆزۈمگە ئۆمۈرلۈك مىزان قىلىپ تاللىغان ئىدىم.
ئۇ يەنە مەن قاتارلىق پاكۇلتىتقا يېڭىدىن ئلىپ قلىنغان ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشمىزغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئالاھىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرغان ئىدى.ھەر قېتىم كافىدىرا يېغىنى ئاچسا:سىلەر ياشلار ئالىي مەكتەپ مۇنبىرىدە پۇت دەسسەپ تۇرىمىز ،بىر كىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولىمىز دەيدىكەنسىلەر ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدرىڭلار ۋە نەتىجەڭلار بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.شۇڭا بىر قولۇڭلاردا دەرس ئۆتۈشنى،بىر قولۇڭلاردا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىشنى چىڭ تۇتىشىڭلار كېرەك ۋە بۇنى ئۆمۈرلۈك خىزمەت پىلانى قىلىشىڭلار لازىم دەپ جىكىلەيتتى. مانا مۇشۇ خىل جىكىلەشنىڭ تۈرتكىلىكىدە مەن ۋە باشقا بەزى ساۋاقداشلىرىمىز ياش چاغىدىن باشلاپلا ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشىپ كېتىپ،ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەيىنلەنگەندىن باشلاپ، بولۇپمۇ 1978-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ دۆلىتىمىزدە مائارىپ ئىسلاھاتى يولغا قويۇلۇپ، مۇنتىزىم ئوقۇتۇش يۈرۈشۈلگەندىن باشلاپ تاكى 1995-يىلى پىنسىيىىگە چىققانغا قەدەر ئۇقۇتۇش مۇنبىرىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى.يەنە ئىلمىي تەتقىقات، بولۇپمۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ساھەسى بويىچە ئىلمىي ئىزدىنىشنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر كۈنمۇ توختاتمىغان ئىدى.ئۇ ئىلمىي ھاياتىدا 100پارچىدىن ئارتۇق ماقالا ئىلان قىلدى.« ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» تېمىسى بويىچە يەتتە توملۇق كىتاپ يېزىپ نەشىر قىلدۇردى.ئۇ يېزىپ چىققان كىتاپلارنى خېمىرتۇرۇچ قىلغان ھالدا «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن تېزىس»(1987-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (2001-يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» (ئىككى قىسىم،2001- يىلى نەشرى)، «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى» (ئىككى قىسىم، 2004 -،2005 - يىللىرى نەشرى)، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى» ( 2012- يىلى نەشرى) قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تۈزۈپ ياكى تۈزۈشكە يىتەكچىلىك قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوملىرىنىڭ دەرسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەسسە قوشقانلىقىم ئۈچۈن تولىمۇ رازىمەنلىكىمنى ئىزھار قىلماي تۇرالمايمەن.
|
ھالقىلىق سۆزلەر :
بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------