ئۇستازىم پروفىسسۇر شېرىپىدىن ئۆمەرنى ئەسلەيمەن(2)

يوللانغان ۋاقتى:24-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ئابدۇرېشىت ئېلى   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 1 پارچە
بۈگۈنكى كۈندە مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى پەنى بويىچە پرو

بۈگۈنكى كۈندە مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى پەنى بويىچە پروفىسسۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئېلىش بىلەن بىرگە مۇشۇ ساھەدە ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بىرەر مەۋسۇممۇ دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلمىغان 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ئىستاژىنى ھازىرلىدىم.32نەپەر ئاسپىرانتنى قولدىن چىقاردىم.يەنە 7 نەپەر ئاسپىرانتنى يىتەكلەۋاتىمەن.نەچچە يۈز پارچە ماقالە،ئون نەچچە پارچە كىتاپ يېزىپ چىقتىم.بەش تۈرلۈك تەتقىقات تېمىسىغا يىتەكچىلىك قىلدىم.بەش تەتقىقات تىمىسىغا قاتناشتىم.دۆلەت ۋە خەلقارالىق يىگىرمە نەچچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىپ ماقالا ئوقۇدۇم.ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەر مېنىڭ مۇشۇنداق شەرەپلىك خىزمەتكە ۋە ئەھمىيەتلىك نەتىجىگە ئىرىشىمگە بىۋاستە سەۋەپچى بولغانلارنىڭ بېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەڭگۈلۈك ھۆرمەتلىشىمگە، پەخىرلىنىشىمگە ئەرزىيدۇ،ئەلۋەتتە.
تۆۋەندە ئۇستازنى ئېمىلىي ھەركىتىم بىلەن ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىككى پارچە كىتابىغا يازغان تەقرىز ماقالامنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن.

بىرىنچى تەقرىز:
«ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»نى ئوقۇپ......

ئۇيغۇر خەلقى ياراتقان مەدەنىيەت بايلىقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات مىراسلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.لېكىن ھازىرغىچە بۇ مىراسلارغا بىرقەدەر ئومۇمىي يۈزلۈك تەھلىل يۈرگۈزگەن بىرەر كىتاب يوق ئىدى.شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى يېقىندا نەشىر قىلغان يولداش شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار»نىڭ1-قىسمى بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.
«ئوچېرىكلار»دىن شۇ نەرسە ئېنىقكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئۇزۇن،مەزمۇنى باي،تۈرى خىلمۇ-خىل،ئۇئۇزاق زامانلارنىڭ بەدىئىي تەسۋىرى خاتىرىسى سۈپىتىدىلا ئەمەس،بەلكى ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ بەدىئىي ئۆرنىگى.شۇڭا ئۇنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىش،جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىپ،بۈگۈنكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ يول ئېچىش ئىنتايىن زۆرۈر.
ئاپتور بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ،رىيال تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا تەرەققى قىلىپ ئۈزلۈكسىز زورايغانلىقىنى ئىمكان قەدەر ئەتراپلىق ۋە ئىلمىي ئاساستا تەتقىق قىلغان ۋەشەرھىلىگەن.
بىز«ئوچېرىكلار»دىن ئېغىز ۋە تىن ئىلگىرىكى توتىمىزىم ئېتىقادى،شامان، ئاتەشپەرەسلىك، بۇددا ۋە مانى دىنلىرى دەۋرىدە يارىتىلغان كۆپلىگەن نەمۇنىلەرنى،بۇ ھەقتە يۈرگۈزۈلگەن تەھلىللەرنى كۆرىمىز.شۇنداقلا ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى ئۇيغۇرمەدەنىيىتى ۋە تىل-ئەدەبىياتىنىڭ دەۋر بۆلگۈچ نامايەندىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس مەلۇمات ئالىمىز.ئاپتور كىتاپتا ھەر قايسى تارىخىي دەۋىرلەردە ياشىغان ئەدىبلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئىپادىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن،شۇنداقلا ئەسەرلەردىكى مەركىزىي ئىدىيىلەرنى خېلى روشەن شەرھىلەپ بەرگەن.
«ئوچېرىكلار»نىڭ ئالاھىدىلىگى ئوبرازلارنى تەھلىل قىلىشتا كۆرۈلىدۇ.ئاپتور كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا ھەرقايسى ئەسەرلەرنىڭ شۇ تارىخىي دەۋرىنىڭ روھى قىياپىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن بەدىئىي ئوبرازلارنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇشقاۋە ئۇنى تەھلىل قىلىشقا دىققەت قىلغان.ئالايلى، «چىستانى ئىلىگ بەگ»، «ئوغۇزنامە»،«بۆگۈ خان رىۋايىتى»قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى ئىلىگ بەگ،ئوغۇزخان،بۆگۈخانلارنىڭ خەلىقپەرۋەر،ئەركىنلىك،ھۆرلۈككە تەلپۈنىدىغان، مۈشكۈل- جاپادىن،ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق ئوبرازى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان.
دەۋر روھىغا ئىگە بولۇش ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى. ئاپتور «ئوچېرىكلار»دا،ئۆزى توختالغان ئەسەر ۋە ئوبرازلارنىڭ دەۋر روھىنى،مىللىي خۇسۇسىيىتىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ،ئۇنىڭغا ماتېرىيالىستىك قاراش بويىچە تەھلىل يۈرگۈزگەن ھەم كىتاۋىنىڭ تۈزۈلىشىنى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇنىڭدىن باشقا،بۇ كىتاپتا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتە رىۋايەتتىن ئېپوسلارغا،يىرىك داستانلارغا تەرەققىي قىلىش جەريانى،رىيالىزىم بىلەن رومانتىزىمنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى،ئەدەبىيات شەكىللىرى،ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى، مەزمۇن، ئىجادىيەت مىتوتى قاتارلىقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، مۇكەممەللىشىپ بارغانلىقىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە باتۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخىي،دىننىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى، تەبىئەت ۋە جەمىيەت ھادىسىلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى، ئۆرپ-ئادىتى، قەدىمى تىل خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتە بىزگە خېلى كۆپ ئەمىلىي بىلىم بېرىدۇ.
شۇنىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇكى،«ئوچېرىكلار»دا مەلۇم كەمچىللىكلەرگە يول قويۇلغان.ئاپتور توختالغان ئەسەرلىرىنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى،ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە كۆپرەك توختىلىپ،ئەسەرنىڭ مەزمۇنى،بەدىئىي ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە بەزىدە ئەتراپلىق،چوڭقۇر توختىلالمىغان،ئاپتورنىڭ كىتاپنىڭ 2-قىسمىنى ئىشلىگەندە بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇستازنىڭ بۇ كىتابى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1982-يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ،شۇ كەمگىچە رەسمىي نەشرىياتتا نەشر قىلىنغان ھەم شۇ تىمىغا بېغىشلانغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
مەنبە: بۇ تەقرىز«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1983-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سانىدا ئىلان قىلىنغان.
(《评< 维吾尔古典文学史概论>一书》《新疆日报》1983年 4月23日。)

ئىككىنچى تەقرىز:
«ⅩⅨ ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق كىتاپ ھەققىدە...

ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996-يىلى نەشر قىلىنغان ئىككى توملۇق «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق بۇ يىرىك ئەسىرى .مەخسۇس 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا بېغىشلانغان .چۇنكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە .باي ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى نوقتىسىدىن قارىغاندا ،19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ؛تېمىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە رەڭدارلىقى ،مەزمۇنىنىڭ بايلىقى ھەم بەدىيلىكىنىڭ يۇقىرلىقى ،جۇملىدىن ئالغا سۈرگەن ئېستىتىك غايىسىنىڭ ئىلغارلىقى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىر يۈكسەك چوققا بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .بۇ دەۋىردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئەنە شۇ چوققىنى ياراتقان يىرىك مۇتەپەككۇر شائېرلار مۇھەممەد سادىق كاشغەرى ،ئابدۇرېھىم نىزارى ،زىيائى ،تۇردى غېرىبى ،موللا شاكىر ،ناقىس ،موللا بىلال نازىمى ،تەجەللى قاتارلىقلار ئەنە شۇ دەۋىرنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن ئىبارەت.




ھالقىلىق سۆزلەر :


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار