ئسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بېرى پارتىيە –ھۆكۇمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى تەشكىللەپ يازدۇرغان ياكى شەخسلەر يېزىپ چىققان ھەم نەشىر قىلدۇرغان ،جۈملىدىن چەت ئەللەردە نەشىر قېلىنغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر كىتابلاردىن بىر نەچچە پارچىسى ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسىمۇ ،بۇلاردا قىسقىچە ئومۇملاشتۇرۇپ بايان قىلىشنىلا ئاساس قىلغان .لېكىن ھەر بىر دەۋىر ئەدەبىياتىنى ،شۇنداقلا كلاسسىك ئەدەبىياتتا گۈللەنگەن ۋە باي 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى مەخسۇس ھەر تەرەپلىمە يورۇتۇپ بېرىدىغان ئەسەرلەر يوق ئىدى . ئۇستاز شېرىپىدىن ئۆمەرنىڭ «19- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى »ناملىق ئىككى توملۇق ئەسىرى يۇقىرىقى تارىخى ۋەزىپىنى بىر قەدەر ياخشى ئورۇنلىدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ جايدا مۇنۇ مەسىلىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۇش زۆرۈر دەپ ھېساپلاشقا بولىدۇكى ،ئسلام بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ،7-ئەسىردە سىياسىي سەھنىگە چىققان ئەرەبلەر ھىندى قولتۇقىدىن تارتىپ ئسپانىيگىچە بولغان ئۈچ قىتئەنى بېسۋىلىپ ،غايەت زور ئەرەپ ئىمپېرىيسىنى قۇردى .ئۇ بىسۋالغان بۇ كەڭ زىمىندىكى خەلىقلەرنى يېڭىلا قەبىلىچىلىكنى بېشىدىن كەچۇرگەن ئەرەبلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،ئۆز دەۋرى ئۈچۈن غايەت زور مەدەنىيەتلىك خەلىقلەر ئىدى . ئەرەپ ئىمپېرىيسى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى ئالغا سۈرۈش ئۈچۈن ،ئۆزى بېسۋالغان بۇ كەڭ زىمىندىكى مەدەنىيەتلىك خەلىقلەرنىڭ ئالملىرىنى باغداتقا يىغىپ (بۇلارنىڭ كوپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىم ،مۇتەپەككۇرلىرى ئىدى )تا شۇ كۈنگىچە شەرىق ۋە غەرب دۇنياسىدىكى ئنسانىيەت«ئودىسسىيە » بىلەن «ئىسكەندىرىيە »گە توپلىغان ،بىلىم جەۋھەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ قايتا ئۆزلەشتۇرۇپ ،غايەت باي مەدەنىيەتنى ياراتتى .مانا بۇ مەدەنىيەت ھەركىتى شەرىق ئويغىنىش دەۋرى دەپ ئاتالدى .9-ئەسىردىن باشلانغان بۇ مەدەنىيەت ئويغىنىش دەۋرىنىڭ تەسىرىدە 14-ئەسىردە ئىتالىيدىن باشلانغان غەرب – ياۋۇرپانىڭ ئويغىنىشى مەيدانغا كەلدى .ھازىرقى زامان شەرىقشۇناسلىرىنىڭ يۇقىرىقى خۇلاسىسى«بۇرۇن مەدەنىيەت ئويغىنىشى غەربتە بولۇپ كىيىن شەرققە كەلگەن »دېگەن غەرب مەركەزچىلىك كونا نۇقتىينەزىرىنى تەۋرىتىپ قويدى . ئەمدى ئوزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك .ئىنسانىيەتنىڭ ئاشۇ كۈنگىچە «ئودىسسىيە » بىلەن «ئىسكەندىرىيە»گە توپلىغان بىلىم جەۋھەرلىرىنى باغداتقا يىغىلغان ئالىملار تەتقىق قىلىپ قايتا ئۆزلەشتۇرگەندە ،شەرق مۇسۇلمان مەدەنىيتىگە ،پىلاتۇنىزىم ئىسلام ئىېتىقادى تونىنى يىپىپ ،سۇپىزىم (تەسەۋۋۇپ شەكلىدە ) ئارىستولىزىم ئوتتۇرا ئەسر پەلسەپىسىدىكى ئەڭ ئىلغار دۇنياغا قاراش سۈپىتىدە پانتىزىم بولۇپ شەكىللەندى . بۇ ئككى پەلسەپىۋى قاراش مۇسۇلمان شەرق مەدەنىيتى ۋو ئۇنىڭ بىر تەركىبى بولغان كلاسسىك ئەدەبىياتقا ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى كىرگەندىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيتى بىلەن ئەدەبىياتىغا باشتىن –ئاخىر سىڭىپ كەتكەن .شۇڭا مەيلى مۇسۇلمان شەرق ئەدەبىيياتى بولسۇن .مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن كىيىن مەيدەنغە كەلگەن ئەدەبىياتىنى تەھلىل قىلغاندا بولسۇن ،يۇقىرىقى سۇپىزىم بىلەن پانتېئىزىملىق دۇنيا قاراشلىرىنىڭ تەسىرىنى ئېتىبارغا ئالماي تۇرۇپ تەھلىل قىلىش مومكىن ئەمەس. ئۇستاز شەرىپىدىن ئۆمەرنىڭ 19-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىغا بېغىشلانغان بۇ ئككى توملۇق كىتابىدا ،ئەينى دەۋر ئەدەبىياتىغا باشتىن –ئاخىر سىڭگەن سۇپىزىم بىلەن پانتېئىزىم ئىدىيۋى شەكلىنى تەھلىل قىلغاندا ،ماركىزىملىق مەيدان ،نوقتىئىنەزەر ۋە ماركىستىك ئېستىتېكا ،ئۇسۇلى ئاساسىدا قاتلاممۇ قاتلام .كەڭ چۇڭقۇر تەھلىل قىلىدۇ ۋە .ئەدەبىي مىراسلارغا ماركىستك تەنقىدى ۋارىسلىق قىلىش پىرىنسىپى بويچە مۇھاكىمە ئېلىپ بىرىپ ،ھەر بىر شائىر ئىجادىيتىدىكى پانتېئېستىك ئىلغار ئىدىيلەرنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ پاسسىپ ،چۈشكۇن ،سۇپىستىك خاھىشلارنى قەتئىي تەنقىد قىلىپ ،كىتابىخانلارنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ئىبىرەت ئىلىشى لازىملىقىنى مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسكەرتىدۇ .ئاپتۇرنىڭ يۇقىرقى تەھلىلى نوقتىئىنەزىرى ۋە ئۇسۇلى ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس ئىلمى تەھلىل قىلىش تەتقىقات خاراكتىرىنى ئىپادىلەيدۇ . ئۇستاز شەرىپىدىن ئومەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمالى شەرىپىدىن ئومەر 1934-يىلى ئېلىدا دۇنياغا كەلگەن .كىيىن ئائىلىسى بىلەن موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىگە كۆچۈپ كېلىپ شۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1946- يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى بىلىم يۇرتىغا ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. 1952- يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا، «ئەدەبىيات نەزەرىيىسى»، «يېزىقچىلىق»، «ھازىرقى زامان سوۋېت ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتۈپ كەلگەن. |