مۇھەممەتئېلى ھېلىم
(سۆھبەت قىلغۇچىلار: مۇھەممەتئېلى ھېلىم، غەيرەت ھۇشۇر، نۇرمۇھەممەت يۈسۈپ)
سوئال: يېقىنقى يىللاردىن بېرى سىزنىڭ«قانلىق ئىز »«ئارمان»«يىمىرىلىش» ناملىق رومانلىرىڭىز «سوغۇق تام»ناملىق پوۋېست -ھېكايىلەر توپلىمىڭىز نەشرىدىن چىقتى، ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە ئەسىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىڭىز؟
جاۋاب: سىز ئىسمىنى زىكىر قىلغان ئەسەرلىرىم ماڭا نىسبەتەن ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە، دەپ قارايمەن. چۈنكى مەن ئىجادىيەتكە «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»ھېسسىياتىدا ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەسئۇلىيەت ۋە سەمىمىيەت ئەقىدىسى بىلەن ئۆزۈمنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق رېئاللىقنى ئىپادىلەشتە ساداقەتمەن بولۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ كەلدىم. ۋىجدانىمغا مۇخالىپ ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن ساقلانغانلىقىم مېنى روھىي ئازادىلىككە ئېرىشتۈرىدۇ.
سوئال: «قانلىق ئىز»نىڭ «قانغا بويالغان سايرام »دىن بەدىئىي سەۋىيىسى يۇقىرىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ۋەقەلىكىدە زور پەرق يوقكەن، ئۇنى قانداق بىر زۆرۈرىيەت بىلەن يېزىپ قالدىڭىز؟
جاۋاب: بۇنى سىزگە بىر نەچچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرەي:
بىرىنچىدىن، «قانغا بويالغان سايرام »رومانى نەشردىن چىققاندىن كېيىن، يېزىشقا تېگىشلىك بەزى تەپسىلاتلارنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى، بەدىئىي جەھەتتە مەسىلە بارلىقىنى ۋە يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىدا «ئۇقۇشماس»لىق بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
ئىككىنچىدىن، ئۇ رومان ھەققىدە «ئاپتورلۇق ھوقۇقى» داۋاسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بەزىلەر مېنى ئۇ روماننى «ئوغرىلىۋالغان»«كۆچۈرۈۋالغان» دەپ قاراشتى. (بۇ نېمە دېگەن كۈلكىلىك گەپ) «ئوغرى» دېگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى: «باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىگىسىگە تۇيدۇرماي ئېلىۋالغۇچى، ئوغرىلىغۇچى» دېگەندىن ئىبارەت. مەن بۇ رومانغا ماتېرىيال قىلغان ماتېرىياللارنى ئىگىلىرىدىن بىسوراق ياكى ئۇلارغا تۇيدۇرماي ئىشلەتكەن يېرىم يوق، مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزىلا ئۇ خىل نامنى قويغۇچىلارنىڭ يامان غەرىزىنى ئاشكارىلايدۇ. «كۆچۈرۈۋالغان» دېيىش تېخىمۇ بىمەنىلىك. چۈنكى، بىر روماننى قاپ يۈرەكلىك بىلەن ۋىجدان، نومۇسنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، شۇنداقلا كۆچۈرۈۋېلىشقا يۈز چىدىسۇنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىنساننىڭ ئەخلاقىي پەزىلىتىگە، سەمىمىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىش تۇرسا... ئىجادىيەتتە بۇنداق ساختىپەزلىك قىلىشنى ۋىجدانىم كۆتۈرمەيدۇ. ئابرۇي، شۆھرەت تەمەسىدە ئۇنداق رەزىل ئىشقا قول ئۇزاتقاندىن قەلەمنى تاشلىغان ئەۋزەل! تەبىئىتىم شۇكى، ۋەدىسىدە تۇرماس، يالغانچى، تۆھمەتچىلەر بىلەن ئەزەلدىن مۇرەسسە قىلمايمەن. ئۇلار نەزىرىمدىكى ئەڭ نەپرەتلىك ئىنسانلار! سەمىمىيەتسىز ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى! ئاشۇنداق گەپ تاپقۇچىلارنىڭ مەنىۋى ساپاسىنىڭ بەكمۇ تۆۋەنلىكى مېنى مەيۈسلەندۈرۈپ قويدى. كونىلار:«ئەقىلسىز دوستتىن، ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى»دېگەندەك مەن رەقىبلىرىمنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ئەمما، شۇنچىلىك مەسىلىنى چۈشىنىشكە ئەقلىي قۇۋۋىتى يەتمىگۈچىلەرگە پەقەت ئىچ ئاغرىتماي ئۆزگە چارە يوق. ئەگەر مەن «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان بولسام، ئۇنى سورايدىغان قانۇن ئورۇنلىرى بار. ھەسەتتىن ئۆزىگە ئوخشىماي قالغانلار: «سورىماي قالارمۇ؟» دەپ ئاھ ئۇرۇپ قىممەتلىك ۋاقتىغا خىيانەت قىلمىسىمۇ ھەم سۆز تارقىتىپ يۈزۈمنى يەر قىلىشىغا ۋە ئۇنى شەخسى ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۋالمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئىشنى سوت ۋە «نەشر ھوقۇقى» ئىدارىسى سوراپ، بىر تەرەپ قىلىپ بولدى. ئەڭ ياخشىسى ئۇنداقلار زېھنىنى چاچماي، ئەل ئۈچۈن بىرەر ياخشى ئىش قىلغىنى تۈزۈك. «قانلىق ئىز» ئېلان قىلىنغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇ رومان مېنىڭ «ئوغرى» ياكى ئەمەسلىكىمنى، «كۆچۈرمىچى» ياكى ئەمەسلىكىمنى ناھايىتى ئېنىق ئىسپاتلاپ بەردى.
دېمەك، «قانغا بويالغان سايرام »نى قايتا يېزىشىمغا بۇ ئىشمۇ سەۋەبچى بولدى. چۈنكى مەن ئۆزۈمنى باشقىلارغا زورۇقۇپ چۈشەندۈرۈش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى، جانلىق ئەمىلى پاكىتىم ئارقىلىق ئاقلىشىمنىڭ ئۆزى مەسىلىنى ھەل قىلىشىمدىكى توغرا تاللاش ئۇسۇلۇمنى كۆرسىتىدۇ.
سوئال: سىزگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم، بۇ رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، خەلق ئالدىدا يۈزىڭىز يورۇق بولدى، دەپ قارايمەن...
جاۋاب: مەن ئۇنداق قارىمايمەن، سەۋەبى، مەن خەلققە يۈز كېلەلمىگۈدەك ھېچ ئىش قىلغان يېرىم يوق، پەقەت ئارىلىقتا چۈشەنمەسلىك بولدى شۇ. چۈشىنىش روھىي ساپاسى تۆۋەن خەلقتە كېچىكىپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە غۇلغۇلا قوزغىغان ۋە خەلقنىڭ ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولغان ئەسەرلەرنىڭ «ئۇششاق گېپى»تولا بولىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنداق «ئۇششاق سۆز»لەرگە پەرۋا قىلمايمەن. ئۆز ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىمەن. مېنىڭ ئۇ روماندىن باشقا يەنە نەچچە كىتابنى چىقارغانلىقىمنىڭ ئۆزى غەيۋەت-شىكايەتلەرگە كۈلۈپ تۇرۇپ تەدبىرلىك مۇئامىلە قىلغانلىقىمنى چۈشەندۈرىدۇ. ئادەمدە تۆھمەتخورلارنى ۋە كۆرەلمەسلەرنى «توغرا چۈشىنىش» ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئاقىلانە چارە بولغاندا، ئارتۇقچە بىئارامچىلىقتىن، چاكىنا غەرەزلەردىن خالىي بولۇپ، ھاياتتا كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارالايدۇ ھەم كېچىكىپ بولسىمۇ چۈشىنىشنى ھاسىل قىلىپ«ھارام شاخ»لارنىڭ كۆكلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
سوئال: بۇ سۆزلىرىڭىز بەكمۇ جايىدا ئېيتىلدى. سىزنىڭ بىر نەچچە كىتابنى كەينى كەينىدىن ئېلان قىلىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى شۇ ئىش بىلەن باغلاپ چۈشەنگىنى بۇلامدۇ؟
جاۋاب: مەلۇم جەھەتتىن شۇنداق. بەزى«ئۇششاق سۆز»لەر مېنى زور «ئىلھام »«مەدەت»لەر بىلەن تەمىن ئەتتى ۋە مەندە رومان يازالايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىش ئويىنىمۇ پەيدا قىلدى، ئەمما بۇ ئۇ كىتابلارنى يېزىپ چىقىشىمدىكى ئاساسى سەۋەب ئەمەس! ئۇنى پەقەت غىدىقلىغۇچى تاشقى ئامىل، دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ.
سوئال: ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىخچام كارتىنا ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن «سوغۇق تام»ناملىق ھېكايىڭىزدىكى ۋەقەلىك قانداق بىر ئەھۋالدا مەيدانغا كەلگەن؟
جاۋاب: بىر كۈنى قورۇنى ئايلىنىۋېتىپ، قوشنىمىز بىلەن تاماق سۇنۇشىدىغان كىچىك دېرىزىنىڭ ئېتىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، قاتتىق چۆچۈش ھېس قىلدىم ھەم تېنىمگە سوغۇق بىر ئېقىم يامرىدى. ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتا ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. ئۆيدىكىلەردىن سورىسام ئۇلارمۇ قاچان ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمىدى. شۇ ۋاقىتتىكى قوشنىمىز بىلەن تاماق سۇنۇشقان ئىللىق مەنزىرىنى ئەسلىدىم. ۋۇجۇدۇمغا ئاچچىق بىر يىغا ياماشتى...ئارىلىقىمىزغا سوقۇلۇۋاتقان، ئادەملەرنى چىن ئىنسانى سۆيگۈدىن مەھرۇم قالدۇرغان«سوغۇق تام»لارنىڭ بىزگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئاخىرقى زاماننىڭ ئالامەتلىرى ئىدى. جالالىدىن روھىي: «سۆيگۈ پۈتۈن مەۋجۇدىيەتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ»«ئىنسان ئۆزىگە ئوخشاش ئىنسانغا مۇھەببەت باغلاش بىلەنلا ئىنسانلىق ماھىيىتىنى تاپالايدۇ.»دېگەن. شۇ كۈنى، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ، بىر يوللا ئۇ ھېكايىنى يېزىپ چىقتىم ھەم ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمىنىڭ ماۋزۇسى قىلىپ تاللىدىم. بەزىلەر:«كىتابنىڭ ئىسمى ئادەم تېنىنى ئەندىكتۈرىدىكەن ھەم ئادەمنى ئانچە جەلپ قىلالمايدىكەن، كىتابنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدىكىن...»دېگەندەك ئەندىشىلىك پاراڭلارنى قىلىشتى ھەم كېيىن كىتابنىڭ سېتىلىشى ئۇلار دېگەندەكمۇ بولدى. لېكىن مەن رېئاللىقنى ئاشۇ ماۋزۇ ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىشنى نىيەت قىلغاچقا، كىتابنىڭ سېتىلىش-سېتىلماسلىقى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمىدىم. چۈنكى، ياتلىشىش پەيدا قىلىۋاتقان«سوغۇق تام»لارنى كۆرسىتىپ بېرىش مەسئۇلىيەتچان يازغۇچىلارنىڭ بۇرچى.
سوئال:«سوغۇق تام»توپلىمىڭىزدىكى ھېكايىلەر ھەرخىل ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنى ئۆزىدە نامايان قىپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئىزدىنىشىڭىزنىڭ چوڭقۇرلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدۇم...
جاۋاب: ئىدىيىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر خىللا ئىجادىيەت ئۇسۇلى كۇپايە قىلمايدۇ. ئۇنى ھەرخىل بەدىئىي ماھارەت ۋە ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىگە مۇراجىئەت قىلغان تۈزۈك. خىياللار ھەر تۈرلۈك بولغىنىدەك ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مەزمۇنلارمۇ ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆز ئەكسىنى تاپىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، ئىپادىلەش ماھارەتلىرىنى ئەسەر مەزمۇنىغا ئوقۇرمەنلەرگە چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان قىلىپ تەبىئىي سىڭدۈرۈشتە. بۇ مەركىزىي مەسىلە ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىسا، ئەسەر يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلىنى تارتالماي، لاۋزا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ھەر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى ئامال بار جانلىق قوللىنىشقا تىرىشتىم. بۇ مەزكۇر توپلامدىكى «ئەدىبنىڭ ئۆلۈمى» «سىقىلىش»«تەبىرسىز چۈش»«ئەۋلىيا»، «مەن ۋە دۇنيا»... دېگەندەك ھېكايىلىرىمدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
ئىزدىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، يازغۇچىنىڭ بىر مىنۇت ئىزدىنىشتىن توختىشى، ئۇنىڭ بىر قەدەم كەينىگە چېكىنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
سوئال:«ئەۋلىيا»ھېكايىسى ھەققىدە توختىلىپ باقسىڭىز؟
جاۋاب: شامالخان يۇرتىمىزدا ياشاپ ئۆتكەن رېئال شەخس. مەن شامالخان ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى مەيلى ئاتا- ئانامدىن بولسۇن، مەيلى چوڭلارنى بولسۇن كۆپ ئاڭلىغان. شامالخاننىڭ سېھرى قۇدرىتى ۋە شامالخان ھەققىدە ئېيتىلغان:«شامالخان يۇرتتىن يوقالسا، يۇرتنى بالايى-ئاپەت باسىدۇ...» دېگەندەك تۈرلۈك ئەپسانىۋى پاراڭلار، شامالخاننىڭ قويۇق مىللىي روھقا ئىگە خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ يۇرتداشلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئەۋزەل بىلىشتەك ۋىجدانى تۇيغۇسى مەندە ئۇنى ھېكايە قىلىپ يېزىش ئىستىكىنى خېلىدىن بېرى قوزغاپ كەلگەنىدى... ھېكايە«تەڭرىتاغ»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. ژۇرنالىست ۋە ئەدىب ئەركىن نۇر ئەپەندى ۋە باشقىلارمۇ ئۇ ھېكايىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى...
سوئال:«ئەۋلىيا»ھېكايىسىدىكى شامالخان بىلەن « قانلىق ئىز »رومانىدىكى شامالخان ئوخشاش بىر شەخسمۇ؟
جاۋاب: توغرا، ئىككىلىسى بىرلا شەخس. شامالخان ھەققىدىكى سېھرى قۇدرەتكە ئىگە ھېكايىلەر كاللامغا بەك ئورناپ كەتكەچكىمۇ ياكى شامالخاننىڭ ھاياتى مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغاچقىمۇ ئۇنى يېزىش ئاچچىق بولسىمۇ، يىغا بىلەن كۆڭلىنى بوشىتىۋالغان ئادەمدەك ئۇنى يازغانسېرى ئەركىن دۇنياغا چىققاندەك ئۆزۈمنى يېنىك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن...
شامالخاننىڭ ناخشا ئېيتىپ، چېكىسىگە گۈل قىسقان ھالدا توپىلىق يولدا يالاڭئاياق كېتىۋاتقان ھالىتىنى ئەسلىسەملا، نېمىشقىدۇر كۆزۈمگە يىغا يامىشىدۇ. ئاتا-ئانام ۋە چوڭلارنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شامالخان تولىمۇ يېقىملىق كىشىكەن، يۇرتداشلىرىنىڭ پۇتىغا كىرگەن تىكەننى يۈرىكىگە سانجىلغان بىلەن باراۋەر كۆرىدىكەن، ئۇنىڭغا يۇرتتىكى ھېچقانداق ئۆي يات ئەمەسكەن...
شامالخان 40- يىللاردىمۇ يۇرتىمىزدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىگە جەڭگىۋار ناخشىلىرى بىلەن قارشى تۇرۇپ، ئەركىنلىك كۈيىنى ياڭرىتىپتىكەن...
كۆپىنچىلەر ئو رومان ھەققىدە توختالغاندا شامالخان ئوبرازىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغانلىقىنى قەيت قىلىشتى. رومان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قايتا ئوقۇپ كۆرۈپ:«ئەگەر روماندا شامالخان ئوبرازى يارىتىلمىغان بولسا، روماننىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن سۆز ئېچىش تەسكەن» دېگەننى ئويلاپ قالدىم. چۈنكى شامالخان ھەققانىيەت ۋە مىللىي روھىنىڭ قۇياشى ئىدى. شۇڭا ئۇ ئارقىلىق روماندىكى ئاساسى خاھىش ئۆز ئەكسىنى تېپىپ، ئەسەرنىڭ بەدئىي ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى.
مەن شامالخاننى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايدىغان ئوخشايمەن. ئۇنى ئەسلىسەملا يۇرتىمىزنىڭ ئەسلىدىكى قېلىن توقايلىقلاردا بۇغا-ماراللارنىڭ سەكرىشىپ يۈرگەن ھالەتلىرى، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار، تايچاقتەك سەكرىشىپ يۈرگەن بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى، كۈجۈم مەھەلىدىكى قايناق بىر ھايات... كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ، شۇ ۋاقىتلارغا قايتقاندەك ھېسسىياتتا بولۇپ قالىمەن...
سوئال:«ئەدىبنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق ھېكايىدىكى ئەدىبنىڭ «ئەركەك»لىكتىن مەھرۇم قالغانلىقى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار بولماقتا. سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى بىر ئاڭلاپ باقسام...
جاۋاب: بىزدە ئەدىبلەر قوشۇنى بارغانچە زورىيىۋاتىدۇ. لېكىن مۇستەھكەم ئېتىقادقا، نۇرانە روھقا، ساپ مىللىي ھېسسىياتقا، يازغىنى بىلەن قەلبى تەڭكەش ئەدىبلەر تولىمۇ ئاز. ھېكايىدىكى ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىدىن مىللىي روھ چاقناپ تۇرىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ روھىدا ئەسەرلىرىدىكىدەك جاسارەت كەمچىل، ئۇنىڭ ئەركەكلىكتىن مەھرۇم بولۇپ قالغىنى ئەمەلىيەتتە روھنىڭ ئۆلگەنلىكى. ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ ئېتىقاد، ئىمانىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدۇ. قېرى پروفېسسور ۋە ئەدىبنىڭ ئايالىنىڭ ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ تۇرۇشمۇ، ئەدىبنىڭ ئەركەكلىكتىن مەھرۇم بولۇشقا بىر سەۋەب بۇلاۋاتقان يەنە بىر ئامىل.
ئەدىبنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان ئارسلان يىراقتىن ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئەدىب روھىنىڭ كاۋاكلىقىنى، خۇدۈكسىرەش ئىچىدە ئەركەكلىكتىن مۇستەسنا ھالدا ياشاۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدۇ...بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەدىبنىڭ «ئەركەك»لىكتىن مەھرۇم قېلىشىنى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى ئۆز-ئۆزىنى روھىي جەھەتتىن ھالاك قىلىشى دەپ چۈشىنىش بولىدۇ.
بۇ دۇنيا بىر سىناق دۇنياسى ئىدى، ئەپسۇس، ئەدىب بۇ سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلمىدى...
سوئال:«سىقىلىش» ھېكايىسىدىكى باش پېرسوناژ ئالىمنىڭ يالىڭاچلىنىشنى ئۇلۇغلىشى ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويامدۇ، قانداق؟
جاۋاب: ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنساننىڭ يوشۇرۇن تەشنالىقى بولغان يالىڭاچلىنىش ئالىمدا سىقىلىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ كېچە-كۈندۈز ئاشۇ خىل تۇيغۇدا دەھشەتلىك ئازابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۈرمىگە كىرىپ قېلىشىغىمۇ دادىسىنى ئاشنىسى بىلەن تۇتۇۋېلىپ ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى سەۋەبچى بولغان. پۈتكۈل ئادەم ئەخلاق بۇزۇلۇشىدا شادلىنىۋاتقاندەك، يالىڭاچلىنىشقا قانمايۋاتقاندەك، بوۋىلىرىنىڭ خوتۇنبازلىقى ئالىمغا ئېغىر بىر قىسمەتنى ھازىرلاۋاتقاندەك... تۇيۇلىدۇ. بۇ خىل خىيالى ھېسلار ئالىم ۋۇجۇدىدا غالجىرلىشىپ ئەسەبىي بىر ھېسسىياتنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇ جان ئاچچىقىدا يالىڭاچلىنىشنى ئۇلۇغلايدۇ.(ھېچنەرسىنى يوشۇرۇشنى خالىمايدۇ) ئاخىر كامىرىدىكى بىر يۈرۈش جىنايەتچىلەر بىلەن تەڭ ئالىم ھايۋانغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئالىمنىڭ نەزىرىدىكى يالىڭاچلىنىش بىر تەرەپتىن ھەممىگە بولغان نەپرىتىنى ۋە مەسخىرىسىنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئۇ ئەخلاق بۇزۇلۇش، پاھىشىۋازلىق، پاھىشىلىك... مەۋجۇت بولمىغان گۈزەل بىر دۇنياغا قايتىشنى ئىستەيدۇ. بۇ ئۇنىڭ روھىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق يانار تاغدەك زور پارتلاش ۋە ھەممىگە قىلىنغان جىددىي بىر سىگىنال!
سوئال:«مەن ۋە دۇنيا»ھېكايىسىدە روھىي چۈشكۈنلۈك بەكرەك يېزىلىپ كەتتىمۇ قانداق؟
جاۋاب: مەن ئەسەر يازغىنىمدا ئۆزىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىمنى مۇڭلىنىپ ئاچچىق يېزىپ كېتىدىكەنمەنيو ، ئازراق ئۈمىدنى ئىپادىلىگەندىن باشقا تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىقتا زور ئۈمىدلەرنى يورۇتۇشقا ئاجىزلىق قىلىدىكەنمەن. بەلكىم بۇنى ۋۇجۇدۇمدا «ئەتە»گە بولغان ئىشەنچنىڭ يېتەرلىك نۇرلىنالماي، ئارمانلىرىم بىلەن رېئاللىقنىڭ تەتۈر تاناسىپلىقى بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا يازمىلىرىمدا ئاخىرىقى زاماننىڭ ئالامەتلىرىدىن شەپە بېرىدىغان ھەر خىل ئىپادىلەر قىستۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ئەسەرلىرىمدە ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى، رېئال مەنزىرىنى يورۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلغانلىقىمدىن بولسا كېرەك. چۈنكى مەن ئەسەرلىرىمنىڭ ئىچ - ئىچىدىن ھەتتا سۆز - جۈملىلەرگىچە رېئال كەيپىياتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تىرەن بىر پىكىرنىڭ تېمىپ تۇرۇشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن. بۇندىن كېيىن سىز دېگەن مەسىلىگە دىققەت قىلسام بولغۇدەك، چۈنكى، بىز خەلققە ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان ئەسەرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ روھىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز، ئەتىگە ئۈمىد بىلەن قارىشىغا ھەمدەمدە بولۇشىمىز لازىم. چۈشكۈنلۈك بەخش ئېتىدىغان ئەسەرلەر ئەسلى روھىي چۈشكۈن ئادەملەرنى ئاسانلا زەئىپلەشتۈرۋېتىدۇ...
سوئال:«قانلىق ئىز»رومانىڭىزدا ئاسىي-مۇناپىقلارنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنى كىشى خۇرسەن بولغىدەك يېزىپسىز، مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ باقسىڭىز ...
جاۋاب: ئاسىي - مۇناپىقلار تارىختىن بېرى تالاي شىر يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ، ئوت - يۈرەك ئەدىب - شائىرلىرىمىزنىڭ ۋە گۈزەل ئەتىمىزنىڭ شەپقەتسىز قاتىلى بولۇپ كەلدى. مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت يىرگىنچلىك ئىللەتنى مىللەتكە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك يازغۇچى يۈكسەك بەدىئىي ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، خەلقنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك دەرىجىدە سۆكىدۇ.
ئاسىي - مۇناپىقلار ۋەتىنى، مىللىتى تۇرماق، ئاتا - ئانىسىنىمۇ ئازغىنە نەپ ئۈچۈن سېتىۋېتىشتىن يانمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت تەۋەلىكى بولمايدۇ. روماندىكى ھېكىمباي مال - دۇنياسىنى قوغداپ قېلىش ۋە ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلارغا قىز - چوكانلارنى سۇلاپ بېرىدۇ. تۇرسۇن تىڭتىڭلار مال - دۇنيا ئۈچۈن مىللەتنى ساتىدۇ. بۇلارنىڭ قاقشال قەلبى شەخسىيەتچىلىك بىلەن تولغان. روماندىكى باشقا ئاسىي - مۇناپىقلارمۇ ماددىي مەنپەئەتنىڭ قۇلى بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر»بولۇپ قالغانلىقىدىن ۋايساپ ياشايدۇ. ئۆز قېرىنداشلىرىنى ساتقانلىقىغا ئۇلار ئۆكۈنۈپمۇ كەتمەيدۇ. ئەكسىچە بۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشىدىغان نەپ، ئەمەلدىن لەززەتلىنىشنى ياشاشنىڭ ئالىي نىشانى دەپ قارايدۇ. ئاقىۋەت بۇلار ئۆزلىرى «ھېمايىچىمىز» دەپ خۇدا دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ مۇئامىلە قىلغان ئەكسىيەتچىل ھۆكمەت تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلىنىدۇ. گەپنى ئۈزۈپ ئېيتساق مۇناپىققا ھەر ئىككى تەرەپتىن ياخشىلىق يوق، پەقەت ئۇلارنىڭ سېسىق نامى كېيىنكىلەرنىڭ سەسكىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان ئىبرەت ھەقىقىتى بولۇپ قالىدۇ، خالاس. ( بىلگۈچىلەر ئۈچۈن) لېكىن ئۇلارنى چىن ئادەملەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەش مۇھىم، بولمىسا پېرسوناژلار خاراكتېرى چىن ئىگە يورۇتۇلماي قالىدۇ.
سوئال:مەزكۇر روماندىكى باش قەھرىمان بارات پالۋان رومانىنىڭ خاتىمە قىسمىدا شامالخان ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاڭلاپ نېمە ئۈچۈن ئازابلىق بىر خىيالغا پېتىپ، ئۇلۇغ - كىچىك تىنىدۇ؟
جاۋاب: ئۇنىڭ يۈرىكى ئۆزىگە سوغۇق بىر ئەلپازدا دېۋەيلەپ كېلىۋاتقان ئاچچىق بىر مەغلۇبىيەتنىڭ شەپىلىرىنى تۇيغانىدى. مەن باشتا دەپ ئۆتكەندەك شامالخان بۇ يۇرتتىن يوقالسا، يۇرتقا ئاپەت ياغاتتى. شامالخاننىڭ يوقىلىشى ئۇنىڭغا ئېغىر بىر ئازابنى قۇچاقلىتىپ قويدى. بارات پالۋان يەنە ھېسسىياتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشتىنمۇ خەۋىپسىرىمەي قالمىدى...
سوئال: «ئارمان» رومانىڭىز ياشلار ئارىسىدا زىلزىلە پەيدا قىلدى، ئۇنى ئوقۇمىغان ياشلارمۇ ئازمىكىن دەيمەن، ئۇنداق بولۇشىنى پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قىزىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغانلىقىڭىزدىن دەپ ھېس قىلدۇق، مۇشۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ باقسىڭىز؟
جاۋاب: پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر نازۇك تۇيغۇلارنى قىزىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئوبرازىدىن رېئاللىقتىكى ئادەملەر ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ چىن تەسىرات ۋە تونۇشقا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشكە، ئۇنى سۈنئىيلىكتىن خالىي ھالدا جانلىق، ھېسسىياتلىق قىلىپ تەسۋىرلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردىم. چۈنكى، ئەدەبىيات پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىنى چىن ئىنسانغا لايىقلاشتۇرۇپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان تەبىئىتىنى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۇ ھەقتە ماتېرىيال توپلاش ئىنتايىن مۇھىم ھالقا.
چۈشلىرىمنى خاتىرىلەيدىغان «چۈش خاتىرىلىرىم»، ئالاھىدە مۇھىت تەسۋىرلىرىنى يازىدىغان خاتىرەم ۋە بەزىبىر تاسادىپىي ۋەقەلەرنى ئىخچام خاتىرىلەپ قويىدىغان خاتىرىلىرىم بار. ئەسەر يازغاندا، ئەسەرنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىمەن. ئىشقىلىپ پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتۇشقا ۋە ئەسەر چىنلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى تېگىدىغان ماتېرىياللارنى يىغىپ ساقلايمەن ھەم ئۇنى يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىمدە ئىشلىتىمەن. شۇڭا «ئارمان» رومانىدىكى ئۆزۈم توقۇپ يېزىشقا ئاجىزلىق قىلىدىغان نۇرئەلىنىڭ چۈشلىرى ۋە پېرسوناژلارنىڭ ئۆزئارا تەكرار يېزىشقان خەتلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە چىن تۇيغۇ بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى ئۇيغۇر كىتابخانلىرىغا غەيرىي تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىنى ئىنسان تەبىئىتىدىن ئايرىلغان ئەدەبىياتىمىزدىكى ياسالما پېرسوناژلار چىرماپ ئالدى. بىز ئىنسان پسىخىكىسىنى ئاختۇرساق، ئۇنىڭ گۈزەللىك ۋە رەزىللىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قوشۇلمىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. شۇڭا دانالار:«ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قىيىن»دەپ ئېيتقان. ئەسەردە پېرسوناژلار ئۆز خاھىشى بويىچە ھەرىكەت قىلىشى ھەم شۇ ئاساستا ئۆزىنىڭ تۇراقلىق بىر چۈشەنچىسىنى ھاسىل قىلىشى كېرەك. پېرسوناژلارنىڭ بۇ ئەركىنلىكىنى بوغۇشى يازغۇچىنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە قارىتا قىلىنغان زوراۋانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەم مۇرەككەپ شەيئى. ئۇنىڭ روھىيىتىنى قېزىپ خاراكتېرىنى جانلىق، تەبىئىي، ئەركىن ئىپادىلەش ئەسەرنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسى ئامىل. مەن بۇ جەھەتتە خېلى ئەمگەك قىلدىم. شۇڭا «ئارمان» رومانىنىڭ ياشلار ئارسىدا زىلزىلە پەيدا قىلىشىنى ئەسەردىكى پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ چىنلىقى ئارقىلىق رېئال ئەھۋالنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكتىنمىكىن دەپ قارايمەن.
سوئال:«ئارمان»رومانىڭىزدا نۇرئەلىنىڭ رېئال كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق ھازىرقى مائارىپىمىز ھەققىدە ئۆزگىچە مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈپسىز. بۇنىڭ ھازىرقى ھالىمىز بىلەن مۇھىم باغلىنىشى بار دەپ قارىدىڭىزمۇ؟
بىز «مىللەتنىڭ ئۈمىدى مائارىپتا»«مائارىپ پۈتكۈل تەرەققىياتنىڭ ئاساسى»«مائارىپسىز مىللەت قۇل مىللەتتۇر»دېگەندەك شوئارلارنى تولا توۋلاپ تىلىمىز ساڭگىلاپ قالدى. ئەتراپىمىزغا بىر خىل ھەققانىيەت، جاۋابكارلىق سەزگۈسىدە قارىماستىن ھاسىراپ تۇرۇپ يەنە توۋلاۋاتىمىز، مائارىپنىڭ تۈپكى نىشانى كاللىسى قۇرۇق نەزەرىيىۋى ئۇقۇملار بىلەن قاچىلانغان ياكى ئىنسانىي مۇھەببەتتىن مەھرۇم ئادەملەرنى تەربىيىلەش ئەمەس. بەلكى، تۇراقلىق ئېتىقادقا، يىمىرىلمەس قاراشقا ۋە ئېينىشتېين ئېيتقاندەك: «مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان» ۋە يۇقىرى ئەخلاقىي ساپاغا ئىگە ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجى.
مائارىپ ھازىر ئۆز رېلىسىدا كېتىپ بارغىنى يوق. ساغلام ئوقۇتۇشقا توسالغۇلۇق پەيدا قىلىۋاتقان مەسىلىلەر قابىل تەتقىقاتچى، رەھبەرلەرنىڭ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. شۇڭا ئۇ مەزمۇنلارنى ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن مۇھىم باغلىنىشقا ئىگە دەپ قارىدىم.
سوئال:«ئارمان» رومانىدىكى لۇتفىيەنىڭ تراگېدىيىسى مېنى بەك ئېچىندۇردى، ئەسلى ئۇ ئۆلمەسلىكى كېرەكتەكلا ھېس قىلدىم، سىزچە قانداق؟
جاۋاب: خىيالىمدا روماننىڭ دەسلەپكى سۇژىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقتىمدا، لۇتفىيە ھايات قالغان ئىدى. لېكىن ئۇ نۇرئەلى بىلەن توي قىلمايتتى. كېيىن ئۇ رومانىمنى يېزىش جەريانىمدا ۋەقەلىكنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى ئۇنى ئۆلۈمگە ئېلىپ باردى. بۇنىڭغا مەنمۇ ئامالسىز قالدىم.
دۇنيانىڭ ئۆزى كېچىكىش بىلەن تولغان. ئادەم ئەمدى ئەقلىنى تاپقاندا، ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان قىممەتنىڭ نەرسىنىڭ مەڭگۈگە يوقالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن ئىنساننىڭ ھاياتى پۇشايمان، ئارمان، ھەسرەت... دىن ئايرىلالمايدۇ. نۇرئەلى لۇتفىيەگە گۇمان بىلەن قاراپلا، ئۇنىڭغا ئازاب سېلىپ كەلدى. مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتىنى تونۇپ يەتمىدى... ئۇ چوقۇم مەڭگۈلۈك ھەسرەتكە بوغۇلۇشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن رېئال دۇنيادىكى جازا. ئۇ بۇ ئازابنى تارتىشقا ھەقلىق. بەخت نەزىرىمدە بىر خىل ئىنتىلىش جەريانى بولسىمۇ، لېكىن نۇرئەلى ئۈچۈن بۇ ئازابنى تارتىشنىڭ ئۆزى بەخت. بۇلاردىن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، لۇتفىيەنىڭ ئۆلۈمى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇنى مۇھەببەت ئەنە شۇنداق تراگېدىيىگە مۇپتىلا قىلدى. ئۇ مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىدىن كەچتى. مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى چوڭقۇر تۆنىدى. ئۇنىڭ بۇ روھىي ۋە تراگېدىيىسى مۇھەببەتنى ئىچ پۇشقىنى چىقىرىش دەپ بىلگەنلەرگە قويۇلغان ۋەزنى ئېغىر سوئال!
سوئال:«ئارمان» رومانىڭىزنى قايسى خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا مەنسۇپ دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: سۆيگۈنىڭ تۈپكى ماھىيىتىنى ھېس قىلالمايۋاتقان قىز-يىگىتلەرنىڭ قايمۇققان روھىي ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قارشى ۋە غەيرىي ئەخلاق مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان ئۇ رومانىمنى تەنقىدىي رېئالىزمغا تەۋەمىكىن دەيمەن. ئەمما بەزى بىر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا غەيرىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللانمايمۇ بولمىدى. ئۇ مېنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش ئۈچۈن زورۇققان ئۇسۇلۇمدىن ئەمەس، بەلكى ۋەقە ۋە ئىدىيىنىڭ جىددىي تەلىپىدىن بەلگىلەندى.
سوئال: «يىمىرىش» رومانىڭىزدىكى مۇھىت، پېرسوناژلار تەسۋىرلىرىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم، كىشى ئۆزىنى شۇ خىل مۇھىتتا باردەك ھېس قىلىدىكەن ھەم ئۇ تەسۋىرلەرمۇ ماھىيەتلىك بىر مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن، ئەمما بەزىبىر جىنسى تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ «سەل ئېشىپ كەتتىمۇ، قانداق؟» دېگەننى ئويلاپ قالدىم...
جاۋاب: بىر يازغۇچىنىڭ قەلەم كۈچىنى نامايان قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تەسۋىرلەش كۈچىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ روماننى يېزىشتا بۇ جەھەتكە خېلى كۈچىدىم. ئوقۇرمەنلەرمۇ بۇنىڭدىن رازى. بىراق، سىز دېگەن مەسىلە ھەققىدىمۇ كۆپ ئويلاندىم، چۈنكى، يازغۇچى بولغان ئادەم ئۆز ئەسىرىگە ۋە خەلقىگە ھەر تەرەپتىن مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئۇ تەسۋىرلەر بىر قارىسام نورمالدەك تۇيۇلىدۇ، بىر قارىسام نورمالسىزدەك قىلىدۇ. كىتاب يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوقۇپ كۆرسەم جىنسى تەسۋىرلەرنىڭ سەل «ئېشىپ» كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم. شۇڭا روماننىڭ «ئاپتوردىن» قىسمىغا « مەن پېرسوناژلار خاراكتېرىنى يارقىنلاشتۇرۇشقا ۋە ئەسەر قەھرىمانلىرىنى رېئاللىقتىكى قېنى بار، جېنى بار تىرىك ئادەملەرگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشتىم. شۇڭا قىسمەن شەھۋەت ھېسسىياتلىرى دولقۇنلىرىدا ئېيتىلغان دىئالوگلار ۋە كۆرۈنۈشلەرنى تەسۋىرلەشتىن خالىي بولالمىدىم. بۇ مېنىڭ ئاشۇنداق تەسۋىرلەرگە خۇشتارلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى بۇنى ئەسەردىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەقە تەرەققىياتى بەلگىلىدى» دەپ ئەسكەرتىش سۆزۈمنى يازغانىدىم. قانداقلا بولمىسۇن ۋە نېمىلا دەي ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا پىكرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە.
سوئال: مەزكۇر روماندا مۇنداق بايانلار بار:« ئۇ (مەخسۇم بوۋاي) بىر كۈنى دۇتارنى پارە-پارە قىلىپ مەشكە سېلىۋەتتى ۋە كۆڭلى يورۇپ قالغاندەك ھېسسىياتتا بولدى» «خېلى ۋاقىت تاشلىنىپ تۇرغان مەخسۇم بوۋاينىڭ ئۆيىنى يىغىشتۇرغىلى كىرگەن بىر مالاي ئۇنىڭ ياستۇقى يېنىدىكى دەستىلەكلىك كىتابلارنى بىرمۇ بىر ۋاراقلاپ كۆرۈپ، دىمىغىنى قېقىپ بېشىنى يېنىك ئىرغىتىپ قويدى ۋە كىتابلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ نان يېقىش ئۈچۈن قىزدۇرۇۋاتقان تونۇرغا تاشلىۋەتتى –دە، قوللىرىنى قېقىشتۇردى. ئۇ بىر ئىشنى بولسىمۇ تۈگەتكەندەك ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلىپ، يەنە مەخسۇم بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتتى» بۇنىڭدىكى ھەر ئىككى پېرسوناژ ئۆز ئىشلىرىدىن رازىمەنلىك ھېس قىلىدۇ. دۇتارنىڭ چېقىلىشى بىلەن كىتابنىڭ تونۇرغا تاشلىنىشىنى ئوتتۇرىسىدا زىتلىق بارمۇ؟
جاۋاب: بۇنىڭدا زىتلىق يوق، بەلكى ئادەمنىڭ ئۆزىنى كامال تاپقۇزۇشتا تايىنىدىغان ئۇقۇم مەسىلىسى بار. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇ رېئاللىققا دادىل يۈزلىنەلمەي، ئۆزىگە تەسەللى تاپىدىغان ھېسسىيات بىلەن روھىي قىممەتنىڭ خارلىنىشى ئوتتۇرسىدىكى قىسمەتنىڭ يورۇق ياكى تۇتۇق بولۇشىدىن شەپە بېرىدىغان ئىدىيە قارىشى، خالاس. بۇنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىۋېلىش يەنىلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىغا باغلىق. چۈشىنىشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر كىتابنى سەگەك تەپەككۇردا ئوقۇش كېرەك.
سوئال: «يىمىرىش» رومانىنى يېزىشتا قىينالغان تەرەپلىرىڭىز بولدىمۇ؟
جاۋاب: ئۆزۈمگە تونۇش تۇرمۇش بولمىغاندىن كېيىن، قىينىلىش بولىدىكەن. شۇ زاماننىڭ ياشلىرى قانداق كىيىم كىيىدۇ؟ چوڭلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى قانداق؟ تۇرمۇشىچۇ؟ باخشىلارنىڭ تارىخى... دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە قىينالدىم. بىراق بۇنى ماتېرىيال كۆرۈش، شۇ مەزگىلدىكى تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرگەن سەھنە ئەسىرى ۋە فىلىملەرنى كۆرۈش، چوڭلاردىن سوراش... لاردا ھەل قىلدىم، ئەمما تاز ئوبرازىنى يارىتىش مېنى بەك قىينىدى. «تاز ئوبرازى زادى خەلق ئەدەبىياتىدا نېمە ئۈچۈن كۆپ ئۇچرايدۇ؟» بۇ سوئالنى كۆپلىگەن كىشىلەردىن ۋە قەلەمكەشلەردىن سوراپ كۆردۈم. بىراق ئۇلارنىڭ جاۋابىدىن تازا قانائەت ھاسىل قىلمىدىم. بەزىلىرى، تاز ئىزىلگۈچى تۆۋەن قاتلام ئەقىل- پاراسەتلىك ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ سىمۋولى دېسە، يەنە بەزىلەر مەككار، قۇۋ - ھىيلىگەر، قىزىقچى، كاززاپلارنىڭ ئوبرازى دېدى. خەلق چۆچەكلىرىدە تازلار گاھ ئاقكۆڭۈل، ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ بايلارنى مات قىلغان، گاھ قۇۋ - ھىيلىگەر، ساختىپەز، قىزىقچى بولۇپ نەپكە ئېرىشكەن، گاھ تەلىيى كېلىپ پادىشاھ بولغان ۋە مەلىكىنىڭ كۆزى چۈشكەن ئوبراز بولۇپ كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. كىچىكىمدىن تارتىپ تاز ھەققىدە كۆپ چۆچەكلەرنى ئاڭلىغان ھەم ئوقۇغان بولساممۇ، تازنىڭ نېمە ئۈچۈن چۆچەكلەردىكى ئاساسى پېرسوناژ بولۇپ تەسۋىرلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ باقماپتىكەنمەن. كېيىن ھېس قىلدىمكى، ئەينى دەۋردىكى ئەمگەكچى خەلق تاز ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى، ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ۋە ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى گۈزەللىك ۋە بولمىغۇر ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپتىكەن. دېمەك، تاز ئوبرازى ھەممىمىزگە تونۇش ھەم يېقىن بولغان سۆيۈملۈك بىر ئوبرازىكەن. مەن ئۇنىڭ ئوبرازىنى ياراتقاندا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى بارلىق خاسلىقلارنى خاراكتېرىگە سىڭدۈرۈپ، مۇكەممەلرەك بىر تاز ئوبرازىنى يارىتىشقا تىرىشتىم. شۇڭلاشقىمىكىن، بۇ رومان ھەققىدە گەپ بولغاندا، ھەممە بىردەك تازنىڭ گېپىنى قىلىشىدۇ ھەم ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان ئوبراز دېيىشىدۇ. ئەسلى مەن ھاپىز شاڭيو ئوبرازىنى روماندىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئوبراز قىلىپ يارىتارمەن، دەپ ئويلىغانىدىم. بۇ بەلكى تاز ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كېرەك... جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ئەپەندى تېلېفوندا بۇ روماننى رادىئودا ئاڭلاپ تەسىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، مېنى زور ئىلھاملارغا ئىگە قىلدى.
سوئال: ھازىر بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلەرنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈنلۈكىنى سورىسام ئۇلارنىڭ بەزىلىرى:«تارىخ بولسا بىز كۆرۈپ باقمىغان ھەم ياشاپ باقمىغان دەۋر. شۇڭا ئۇنى ئوقۇپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىمىز. بۈگۈنكى زامان تۇرمۇش ئەكس- ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەر بولسا، بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا كۈندە كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ئىشلار، شۇڭا ئۇنى ئوقۇشنىڭ ئانچە زۆرۈرىيىتى يوق...» دېيىشمەكتە ...
جاۋاب: تارىخ ئارقىلىق بۈگۈننى ئەسلەش، تارىخىي ساۋاقلارنى بۈگۈن ئۈچۈن ئەقلىي تەپەككۇردا خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەككى، ھەرگىزمۇ بۈگۈن بىلەن چەك -چېگرانى ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى تارىخ ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ يۇغۇرۇلمىسى. بىز تارىخنىڭ ئىبرىتىنى چوڭقۇر تېتىپ، بۈگۈنگە قانداق قاراشقا تولىمۇ موھتاجمىز. تارىخنى دەپ بۈگۈننى يېتىم قالدۇرۇش، تولىمۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە. بىز ئۆزىمىزنى بۈگۈننى چۈشىنىش ئارقىلىق تاپىمىز. بۈگۈننى-ھازىرقى زاماننى چۈشىنىش يۈكسەك پەلسەپىۋى ئاڭنى تەلەپ قىلىدىغان- مەسىلىلەرگە ھېسسىيات قارىشى بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ۋەزىيەتنى ھازىرلاپ قويدى. بىز ھېسسىي تۇيغۇ بىلەن قارساق ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى چۈشىنىپ ئالالايدىغاندەك ھېسسىياتتا بولىمىز. لېكىن ماھىيىتى بىلەن ھەزىم قىلماق بەك مۈشكۈلدۇر...
يىغىپ ئېيتقاندا، تارىخنى ئىبرەتكە ئايلاندۇرۇپ ئەقىل تاپماي، گاھ، گاھ چاقناپ قالغان شەرەپلىك تارىخىمىزنى ئېمىزگۈ قىلىۋالغاندىن، بۈگۈنكى ھالىمىز ئەكس-ئەتتۈرۈلگەن پەلسەپىۋى قىممىتى زور بولغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ياشاش يولىنى تېپىش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، بۈگۈنكى زاماننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىزدەنمىگەنلەر ئەتىدىكى ھالاكەتنىڭ يوقىتىش نىشانى بولۇپ قالىدۇ.
سوئال: بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت قىيامىغا يەتكەن چاغلىرىنى قايسى چاغلار دەپ قارايسىز؟
جاۋاب: مېنىڭچە، بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت قىيامىغا يەتكەن چاغلىرى، ئۇنىڭ تەربىيىلىنىش ساپاسى بولۇشتىن تاشقىرى، روھىدىكى ساپ ئېتىقاد پەلسەپىۋى ئاڭدا نۇرلانغان، ئاۋام ئۈچۈن يۈرىكى ۋىجدان، غۇرۇر ئوتىدا كاۋاپ بولغان، ئازاب قەلب ئىشىكنى جالاقلىتىپ ئۇرغان، قەلىمىدىن سىياھ ئەمەس، قان تامغان چاغلىرىدۇر. بۇنىڭدىن مۇستەسنا يازغۇچىنىڭ قىياملار چاغلىرى تۇرماق، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلماق قىيىن.
سوئال: سىز رومان يېزىشتىن ئاۋۋال قانداق روھىي ھالەتتە بولىسىز ۋە قانداق ھازىرلىقلارنى قىلىسىز؟
جاۋاب: كاللام رومان ۋەقەلىكى بىلەن تولۇپ، مېنى پىكىر شاۋقۇنلىرىدا ئارامسىزلاندۇرىدۇ ۋە يېزىشقا قىستايدۇ. دەسلەپ «قانغا بويالغان سايرام»نى يېزىش خىيالىغا كەلگەندە تەسۋىرلىگۈسىز ئاجايىپ بىر روھىي ھالەت ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ، «يازالارمەنمۇ؟»دىن ئىبارەت ئەندىشىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلدى. ئاخىرى ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ ماتېرىيال توپلاشقا ئاتلاندىم... بۇ چاغدىكى قىزغىن كەيپىياتىمغا سۇ سېپىدىغان ھەر قانداق بىر سەۋەب توسۇپ قالالمايدۇ. بۇ رومان ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كاللامغا «ئارمان» روماننىڭ ۋەقەلىكى كىرىۋېلىپ، ئەس-يادىم شۇنىڭغىلا باغلىنىپ قالدى. قەلەمنى قولۇمغا ئالساملا يېزىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇدا بۇلاتتىم... بىر خىل سېھرى كۈچ ۋە ئۈنسىز بىر سادا مېنى ئۈزلۈكسىز يېزىشقا دەۋەت قىلىپ تۇراتتى. ئۆزۈممۇ بۇ خىل تۇيغۇدىن ھەيران بولاتتىم. (شۇڭا تۆھپەمنى ھەرگىز ئۆزۈمنىڭ ئەجرى دەپ قارىماي، ئاشۇ غالىپتىن ئىلھام ھەم مەدەت بەرگەن «سېھرى كۈچ» ۋە «ئۈنسىز سادا»نىڭ دەپ قارايمەن.)
رومان يېزىشقا كىرىشىشتىن ئاۋۋال ئەنە شۇنداق غايىۋى تۇيغۇ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سېلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ھاپىلا-شاپىلا قولۇمغا قەلەم ئېلىۋالمايمەن. ئەكسىچە، بەش، ئالتە روماننى ئوقۇپ، ئۇنىڭ ئامال بار، ياخشى يېزىلمىغان تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىپ، شۇنداق يېزىپ قېلىشتىن ساقلىنىشنى ئۆزۈمگە جېكىلەيمەن ھەم ئالاھىدە تەرەپلىرىنى ئىجادى ئۆگىنىمەن. پەلسەپە، پسىخولوگىيىگە ئائىت كىتابتىن ئىككى، ئۈچنى ۋە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە چۆچەك، رىۋايەت، ماقال-تەمسىللەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، يازماقچى بولغان ئەسىرىمگە مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى قاتلاپ ماڭىمەن. بىر قاتار تەييارلىقلىرىم پۈتكەندىن كېيىن «بىسمىللا...» دەپ قولۇمغا قەلەم ئالىمەن ۋە ھەممىنى ئۇنتۇپ جىددىي يېزىشقا كىرىشىپ كېتىمەن. پۈتكۈل ئوي-خىيالىم شۇنىڭغىلا مەركەزلىشىدۇ.
مەن رومان يېزىشتىن بورۇن بىر قىسىملاردەك ۋەقەلىكنى كاللامدا پىشۇرۋالمايدىكەنمەن ھەم بۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنسام، بىر خىل سۈنئىي تەسىراتتا بىئارام بولىدىكەنمەن. شۇڭا رومانلىرىمدىكى كۆپىنچە پېرسوناژلارنىڭ تەقدىرى ئەسەر يېزىشتىن بۇرۇن ئويلىغىنىمدىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بەلكىم بۇ پېرسوناژلارنىڭمۇ چىن ئىنسان ئىكەنلىكىگە قىلغان ھۆرمىتىمدىن بولسا كېرەك...
سوئال: «قۇمۇل ئەدەبىياتى»دا يارمۇھەممەد تۇرسۇن قاراخاننىڭ «‹قانلىق ئىز›دىكى مۇناپىقلارغا بىر تەستەك»، «ئىلى دەرياسى»دا ئابدۇۋەلى تۇرسۇننىڭ «‹سوغۇق تام›نىڭ پەلسەپىسى قىممىتى» دېگەن ئوبزورلىرى ئېلان قىلىندى. سىز ئۇ ئوبزورلارنى ئوقۇپ قانداق تەسىراتتا بولدىڭىز؟
جاۋاب: مەن ئالدى بىلەن ئەسەرلىرىمنى ئوقۇپ، ئوبزور يازغان يارمۇھەممەد تۇرسۇن قاراخان بىلەن ئابدۇۋەلى تۇرسۇنغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. تەسىراتىم شۇكى، بۇ ئوبزورلاردا ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كەمچىلىك تەرەپلىرى كۆرسىتىلىپ ئۆتۈلمىدى. (ئۇلار بەلكىم «يۈز-خاتىرە» قىلغاندۇ ياكى دىققىتىنى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە مەركەزلشتۈرۈۋالغاندۇ؟) ھەر قانداق بىر ئەسەردە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق خاتالىقلارنىڭ بولۇشى مۇقەررەر، ئاشۇ «كېتىپ قالغان» يەرلەر كۈچلۈك پاكىتلار ئارقىلىق ئىلمىي يول بىلەن ئىسپاتلىنىپ ئۆتۈلگەن بولسا، مېنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىمنى پايدىلىق ئامىللار بىلەن تەمىن ئەتكەن بولاتتى.
سوئال: سۆزىڭىزگە قارىغاندا، سىز ئەدەبىي تەنقىدكە توغرا مۇئامىلە قىلالايدىكەنسىز-دە...
جاۋاب: ئەلۋەتتە. «ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىياتنىڭ بىر قانىتى» دېگەن گەپ تولا دېيىلگەن بىلەن قەلەمكەشلىرىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنەلەيدىغانلار بەكمۇ ئازكەن. ئەكسىچە، ئەدەبىي تەنقىدنى «ئۆچ ئېلىش» «كۆرەلمەسلىكتىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەش»«يۈزىنى تۆكۈش»... دەپ چۈشىنىدىغانلار خېلىلا بار ئىكەن. بىر ئەسەرگە ئاپتورنىڭ شەخسىيىتىگە چېقىلماي، سەلبىي غەرەزلەردىن مۇستەسنا ھالدا، ئىلمىي يېزىلغان تەنقىد ئاپتورنى توغرا دۇنياغا قاراشقا، ئىجادىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىشقا ۋە بۇرچ، مەسئۇلىيەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. «ئاتقا مىنگەشمەسلىك كېرەك، مىنگەشكەن ئىكەن، بەرداشلىق بېرىش كېرەك.»دېگەندەك ئىجادىيەت سېپىگە قېتىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىز خەلقنىڭ مەنىۋى مۈلكىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قارىتا ھەر خىل پىكىرلەرنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال. بىر قەلەمكەشنىڭ ئۆز ئەسەرلىرى ھەققىدە ماختاش پاراڭلىرىنىلا تەمە قىلىپ يۈرۈشى ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى كېيىنكى كۈنلۈكتە مەغلۇبىيەت بىلەن خاراكتېرلەيدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ بىر پارچە ئەسەرنى تەھلىل-تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئۇنى ھەر تەرەپتىن باھالاپ چىقمىقى ئاسان گەپمۇ؟ بۇ ئەدەبىي تەنقىدچىنىڭ ئاپتورغا كۆيۈنۈش، ئۆز ئەدەبىياتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قارىغانلىقى دەپ چۈشىنىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ تەنقىدچىلەرنى «كالتەكچى»«قۇسۇرچى»«چوقماقچى»... دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىماسلىقى كېرەك. گاھىلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي تەنقىدكە بولغان قارىشى دوگما ھەم چولتا بولغاچقا، بەزىلىرىمىزدە تەنقىدتىن قورقۇش «كېسىلى» ئېغىرلاپ، راكقا ئايلاندى ۋە ئەدەبىي تەنقىد ئىجادىيىتى سۇسلاپ كەتتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۈپەتسىز ئەسەرلەرنىڭ كۆز ئېچىشى ئاۋۇپ قالدى.
سوئال: ھازىرغىچە خېلى كۆپ ئەسەر ئېلان قىلىپسىز، سىز تەھرىر، مۇھەررىرلەردىن رازىمۇ؟
جاۋاب: رازى. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب: تەھرىر، مۇھەررىرلەر ئەسەرلىرىمنىڭ تىلى ۋە باشقا تەرەپلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىغا كۈچ چىقىرىپ، ئورۇنسىز قىسقارتىش، يوقىلاڭ تەلەپلەرنى قويۇش تەرەپدارىدا بولمىدى. قايسى نەشرىيات ئورۇنلىرىغا كىرەي ياكى مۇناسىۋەتلىك تەھرىرلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى تېلېفوندا كۆرۈشەي ئۇلارنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى قىزغىن بولدى ھەم ئەسەرلىرىمگە قارىتا سەمىمىي پىكىر تەلەپلىرىنى ئايىمىدى، مەن ئۇلارنىڭ توغرا پىكرىگە ھۆرمەت قىلدىم، ئۇلار مېنىڭ توغرا پىكىرلىرىمگە ھۆرمەت قىلدى. دېمەك، ئۆز-ئارا چۈشىنىش بىزنى يېقىنلاشتۇرۇۋەتتى. كېيىنكى كۈنلۈكتە قەدىمىم تەھرىر بۆلۈملەرگە ئىلدام ماڭىدىغان بولۇپ كەتتى ھەم مۇھەررىرلەرمۇ مەندىن ئەسەر تەلەپ قىلىدىغان بولدى. شۇڭا مەن ئۇلاردىن ئاغرىغانلارغا توغرا چۈشەنچە بېرىپ قويىمەن ھەم ئۇلارنى توغرا چۈشەنمەي، قىينايدىغان تەلەپلەرنى ئەڭ ياخشىسى قويماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن. قەلەمكەشلەرنىڭ بەزىبىر جاھىل ئۆتۈنۈشلىرى ئاپتور بىلەن تەھرىر ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلسا قىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئىللىقلىق پەيدا قىلالمايدۇ.
ئەسەر تەھرىرلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا، ئەسەر تەھرىرلىگەندە پېرسوناژ تىلىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەككەن. مەسىلەن ئەسلى ئەسەردە:«-مەن تۇققانلار بىلەن تاققا ئوينىغىلى باردىم» دېگەن دىئالوگ بولسا، ئۇ مۇنداق ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن: «مەن تۇغقانلار بىلەن تاغقا ئوينىغىلى باردىم» ئىملانىڭ توغرىلىقى جەھەتتە كېيىنكى جۈملە توغرا، ئەمما، ئېيتىلىشتا ئاۋۋالقىسى توغرا. بۇنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشىمدىكى مۇددىئا: پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئۇلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئېچىلىدۇ ھەم ئەسەرنىڭ تەبىئىيلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئادەم بىراۋ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ھەر قاچان مەنتىقىگە ئۇيغۇن ۋە گرامماتىكىلىق قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىپ پىكىر قىلىشمايدۇ. گاھىدا سۆزلەردە ئېزىش ياكى تاققا-تۇققا پاراڭ قىلىپ قويۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ شۇ كىشى كەيپىياتىنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. مانا مۇشۇ ئەھۋال پېرسوناژلار دىئالوگلىرىدا كۆرۈلسە، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ. لېكىن مۇشۇنداق يېزىلغان بەزى دىئالوگ ۋە مونولوگلار مۇھەررىرلەر تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ كېتىپ قالىدىكەن... تەھرىر-مۇھەررىر، كوررېكتورلار ئىملاغا ۋە سۆز-جۈملىلەرنىڭ راۋانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشتە ئاپتور تىلىغا ئىنچىكە قارىشىنى ئۈمىد قىلمەن. بولمىسا ئوبزورچىلار مۇشۇ نۇقتىدىكى كىچىككىنە يەرلەرنى تۇتۇۋېلىپ چاتاق تېرىيدىكەن...
سوئال:«بىزدە ھازىر پەلسەپە نامراتچىلىقى ئېغىر » دېگۈچىلەر مەلۇم سالماقنى ئىگىلەيدىكەن، سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟ ئەدەبىيات بىلەن پەلسەپىنىڭ مۇناسىۋىتىگىچۇ؟
جاۋاب: دېمەكچىلەردىن، بىزدە كەم بۇلاۋاتقان نەرسە ئۆزىمىزگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان ئىلغار بىر پەلسەپىۋى قاراش. ئەقىلنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىغان ماكان-زامانغا ئۇيغۇنلاشقان پەلسەپىۋى ئىدىيە ئۆزىمىزنىڭ ئىزدەشنىڭ ۋە يارىتىشنىڭ ئاساسى. مەسىلىلەرگە ھېسسىياتقا مايىل ھالدا ئىش كۆرىدىغان خاراكتېرىمىز پەلسەپىۋى ئاڭنىڭ قوماندانلىقىغا تولىمۇ موھتاج. «ئۆزىنى يېڭەلىگەن ئادەم ئەڭ كۈچلۈك ئادەم» دېگەندەك ئۆزىمىزنى مىللىي ئەنئەنە، ئېتىقاد ۋە مىللىي خاراكتېرىمىزگە ماس ھالدىكى پەلسەپىۋى قاراشلار بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى، كەڭ تەبىئەتنى چۈشىنىش رېئاللىقنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. پەلسەپىۋى پىكىرلەر چۈشەنچىسىدىن ئايرىلغان ئادەم، ئۆزىنىڭ مۇئەييەن ياشاش نىشانىنىمۇ يوقىتىپ قويۇشى ھەم ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلىيالماي قېلىشىمۇ مۇمكىن. «بىزدە ھازىر پەلسەپە نامراتچىلىقى ئېغىر » دېگۈچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنى «تەربىيىلىشى» ئاندىن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش تەرەپكە ئۆتۈش كېرەك، ئۆزى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان پەلسەپە ھەقىقىي مەنىدىكى پەلسەپە بولالمايدۇ، ئۇ تەقلىدى پىكىرلەرنىڭ تەكرارلانمىسى.
بەزى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى 20-ئەسىر دۇنيا ئەدەبىياتى ھەققىدە توختالغاندا:«پەلسەپە بىلەن ئەدەبىيات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنچىلىك زىچ بولدىكى، بۇ دەۋردە يازغۇچىلار پەيلاسوپقا، پەيلاسوپلار يازغۇچىلارغا ئايلاندى. بىر قىسىم يازغۇچىلار مەلۇم پەيلاسوپنىڭ قارىشىنى ئەدەبىيات شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ بەرسە، يەنە بىر قىسىم پەيلاسوپلار بىۋاسىتە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پەلسەپىسىنى ئوبرازلار ئارقىلىق شەرھلىدى.»دەپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىدۇ. دېمەك، ئەدەبىيات بىلەن پەلسەپە بىر بىرىنى شەرت قىلىپ ئىدىيە يورۇتۇش ئوخشاشلىقىغا ئىگە. ئەدەبىيات رېئال ھاياتقا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى ئۈچۈن پەلسەپىنىڭ ياردىمىگە تايانماي بولمايدۇ. يازغۇچى ئۆز ئەسىرىدە پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك مەلۇم بىر پەلسەپىۋى ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرمىسە، ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسەر بولۇپ چىقىشى ناتايىن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا خېلى ياخشى يېزىلغان دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ بىرلا شاۋقۇن پەيدا قىلىپ غايىب بولۇپ كېتىشى ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن تېرەن بىر پەلسەپىۋى ئىدىيىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىلىش كېرەككى، ئەدەبىيات پەلسەپىنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇ ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق ئۆز خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەچكە، ئوبرازلىق تەپەككۇرغا تايىنىدۇ. پەلسەپە ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا بولغان نېگىزلىك قارىشىنىڭ نەزىرىيىلەشكەن سىستېمىسى بولغاچقا، مەلۇم بىر پىكرى ئېقىمىنى ھاسىل قىلىش خۇسۇسىدا لوگىكىلىق تەپەككۇرنى ئاساس قىلىدۇ. مانا شۇ پىكىر ئېقىمى ئەدەبىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ، يۆلىنىشىنى بەلگىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىنى تېپىش باسقۇچلىرىدىكى ئىدىيىۋى قاراشلارغا سىڭىپ كېتىدۇ. (يەنى يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە قارىشى، ئىدىيە ئېقىملىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى... دېگەندەك) مېنىڭچە، ئەدەبىي ئەسەرلەردە پەلسەپىۋى پىكىرلەر توغرىدىن توغرا ھالدا بەك كۆپ ئىپادىلىنىپ كەتمەي، ئومۇمىي ئەسەر ئىچىگە سىڭدۈرۈلۈپ كەتسە، ئەسەر ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى ھېمىڭۋاينىڭ «بوۋاي ۋە دېڭىز»پوۋېستىدا «ئادەم يوقىتىلىشى مۇمكىن، لېكىن مەغلۇپ بولمايدۇ» «ئىنسان مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئۆز ئەجرىگە كەلگەن نېسىۋىسىنى مەڭگۈ قوغدىشى كېرەك»... دېگەندەك ئوخشىمىغان پەلسەپىۋى ئىدىيىلەر ئەسەرنىڭ ئومۇمىي قىسمىدىن شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ «ئۆلمەسلىكى»گە كاپالەتلىك قىلالىغان.
سوئال: سىزچە، پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلىرى ھازىر قانداقراق بۇلاۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا نېمىلەرنىڭ كەمچىلىكىنى ھېس قىلدىڭىز؟
جاۋاب: مېنىڭ كىتابپۇرۇشلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتىم بولغاچقا، قانداق ئەسەرلەرنىڭ ياخشى سېتىلىۋاتقانلىقىنى، قانداق ئەسەرلەرنىڭ سېتىلماي تۇرۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى سوراپ تۇرىمەن، ھەتتا شىنخۇا كىتابخانىسىنىڭ باش تارقىتىش ئورنىغا بارساممۇ، ئامبارنى ئايلىنىپ كىتابلارنى كۆرۈپ چىقىمەن ھەم شۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلاردىن بازارلىق كىتابلارنى سورايمەن. ھېكايە، پوۋېست توپلاملىرىغا قارىغاندا ۋەقەلىك ئاساس قىلىپ يېزىلغان رومانلارنىڭ بازىرى باركەن. بۇنى شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىرىدىن سورىسام «بازارلىق كىتابلار» تىزىملىكىدىن كۆرسىتىپ قويدى. (كومپيۇتېردىن ئاختۇرۇپلا قايسى شەھەردە قايسى كىتابتىن قانچىلىك سېتىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن) ئويلاپ قالدىم: ھېكايە، پوۋېست توپلاملىرىنىڭ بازىرى نېمە ئۈچۈن ئىتتىك ئەمەس؟
مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بەلكىم، ھېكايە-پوۋېستلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ۋەقەلىكلەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى، تېخنىكىلىق ئىش قوشۇشنىڭ ئەسەرنى سۈنئىيلەشتۈرۋەتكەنلىكى ۋە ئىلگىرى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىدىم. ئەينى ۋاقىتتا بەزى پېشقەدەم يازغۇچىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۆگەنگىلى مەلۇم يەرلەرگە كەتكەنلىكىدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق. ھازىر ئۇنداق خەۋەرلەرنى ئانچە كۆپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدۇق. شۇڭا تىرىك ئادەملەر يازغۇچىنىڭ تېخنىكىلىق قەلىمى ئاستىدا «قورچاق»لىشىپ كېتىۋاتامدىكىن، دەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە قەلەمكەشلەردە ئەسىرىگە ئۆزىنى ئاتاش ۋە ئىزدىنىش روھىي سۇسلاپ كەتتى. ئازاد سۇلتان ئەپەندى «ياش يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت مۇھاكىمە يېغىن»ىدا:« زوردۇن سابىردەك كىتاب ئوقۇيدىغان ۋە تۇرمۇشقا چۆكۈپ ئەسەر يازىدىغان ئاپتورلىرىمىز ئازلاپ كەتتى...» دەپ قايناپ سۆزلىگەنىدى. ئەسەرنىڭ تۇرمۇش پۇرىقى ئاجىزلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقىنى يوقىتىپ، تۆمۈردەك سوغۇق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن بۆلەك، «تور ئەدەبىياتى»نىڭ تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ گۈللىنىشى كىشىنى رازى قىلىدۇ. ئۇ قەلەمكەشلىرىمىز ئالدىدا ئۆزىنىڭ «ھەيۋەت»لىكىنى ۋە «سىرلىق»لىقىنى يوقاتتى. مېنىڭ كۆپ ئويلايدىغىنىم: خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىياتىدا يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا خۇابېن (话本) قىسسىلىرى ئاساسىدا «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»«سۇ بويىدا» «غەربكە ساياھەت» دېگەن مەشھۇر رومانلار بارلىققا كەلدى. پەقەت يازغۇچى لەنلىڭ شاۋشاۋشىڭنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ئىجاد قىلغان تۇنجى روماننى«جىنپىڭمىي نەزمىلىك قىسسىلىرى» مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا يورۇقلۇققا كۆز ئاچتى. دېمەكچىمەنكى، ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا مەدداھلىق تۈرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. (مول ماتېرىيال مەنبەسى بار) گاھى يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمىھالىغا قارىساق«مەدداھلارنىڭ جەڭ قىسسىلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئالغان» دېگەندەك بايانلارنى ئۇچرىتىمىز. مول ماتېرىيال مەنبەسى بار تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» «سۇ بويىدا» «غەربكە ساياھەت» دېگەنگە ئوخشاش مەشھۇر رومانلارنى ئىجاد قىلالمايمىز؟ تەييار قىسسىلەر بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ۋەقەلىكىنى باغلاپ تەرەققىي قىلدۇرسىلا بولىدىغۇ؟ خەلقىمىز ئۆز يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن ياراتقان سېھرى قۇدرەتكە ئىگە پالۋانلىرىنى، جىن، ئالۋاستىلىرىنى كۆرۈشنى ئىستەيدۇ. ئېغىز ئەدەبىياتى خەلققە ئەڭ يېقىن ئەدەبىيات!
ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىم كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئېغىزغا لوقىراق چىقىدىغانراقى مۇشۇ، قالغان تەرەپلەرنى كۆپىنچىلەر دەپ ئۆتتى. بۇ ئويلىغىنىم رېئاللىققا ئۇيغۇنمۇ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتتىمۇ؟ بۇنى بىلمىدىم...
سوئال: قەلەمكەشلەر قوشۇنىدىن نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىسىز؟
جاۋاب: قەلەمكەش بولغان ئادەمنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆز روھىنى پاكلاندۇرۇشى ۋە مىللەتكە جاۋابكارلىق تۇيغۇسى بىلەن قەلەم تەۋرىتىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە يېقىندىن بېرى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم.
بىر-بىرىگە مۇھەببەت بىلەن ئىگە بولۇشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئوبرازى ئارقىلىق ئاۋامدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھايات يولۇمدا گاھ توغرا دەسسىگەن، گاھ خاتا دەسسىگەن قەدەملىرىمدىن ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ئادەم مەڭگۈ خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. ئەگەر ئىنسان خاتالاشمايدىغان ئىش بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ پەرىشتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئەمما خاتالىقلارنىڭ تەكرارلىنىشى سەسكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەسكىنىشنىڭ ئۆزى ئىنساننىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئۆز ئوبرازىنى ساقلىيالماي قىممەتسىزلىك ئوقۇمى بىلەن خاراكتېرلەنگەن بىر قەلەمكەشنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆرسىتىدىغان ئىجابىي تەسىرى ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا ئۆز ۋىجدانىغا، ئەخلاقىغا يات قىلمىشلاردىن كەسكىن قول ئۈزۈشى، ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى بەكمۇ مۇھىم، ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىگىنى ئەمەلىيەتتە مىللەتنى قەدىرلىگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، «قەلەم» سۆزى بەك مۇقەددەس، بەك ئۇلۇغ سۆز. شۇڭا قەلەمكەشلەر ئالدى بىلەن نېمە ئۈچۈن؟ كىم ئۈچۈن يازىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى كېرەك. شۇ چاغدىلا ئېزىقىش بولمايدۇ. دېمەكچىمەنكى، قەلەمكەشلەر بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەنلىك، ناتوغرا رىقابەت ئېڭى ۋە يۇرت ئايرىمىچىلىق قارىشىدىن مۇستەسنا بولۇشى ۋە ئېتىقاد، غۇرۇرىغا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلماسلىقى ئەكسىچە، ئۇيۇل تاشتەك بولۇپ، بىر-بىرىگە مۇھەببەت يەتكۈزۈشنى ئەلا بىلىشى ۋە «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» قارىشىنى چۆرۈپ تاشلاپ، خەلقنى توغرا ئىدىيىگە يېتەكلەشنى ئالىي نىشان قىلىش كېرەك. شۇندىلا «قەلەمكەش» سۆزى ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.
(«كۈسەن مەدەنىيىتى» 2011-يىللىق 1-ساندىن)
|