«تارىم سەپىرى»-شىئەندىكى ئەدەبىي سۆھبەت(3)

يوللانغان ۋاقتى:20-02-2012   مەنبە: تارىم 2012-يىل 2-سان   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز يېرىم يىلدا بىر خۇلاسە يىغىنى، يىل ئاخىرىدا يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ كېل

ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىمىز يېرىم يىلدا بىر خۇلاسە يىغىنى، يىل ئاخىرىدا يىللىق خۇلاسە يىغىنى ئېچىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ يىغىنلاردا تەقدىرلەش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، ئۈنۈمى بەلەن بولدى.


سوئال: ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ، ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھېكايە تۈرىدە بىر ئۈزۈكچىلىك بار. ئابباس مۇنىياز نەسرىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىدە ئۇتۇق قازانغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھېكايىچىلىقنىڭ ئورنى ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ باقسا.


ئابباس مۇنىياز: ھېكايىچىلىق ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن مۇشۇ قېتىملىق سەپەر تەسىراتىمنى دەۋالمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. مېنىڭچە بۇ قېتىملىق پائالىيەت مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئەھمىيەتكە ئىگە: بىرىنچى، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ بىزلەرنى جەنۇب سەپىرىگە ئۇيۇشتۇرغىنى ئۆزىنىڭ غوللۇق ئاپتورلىرىنى تەربىيەلەشكە كۈچ چىقارغانلىقىدۇر. چۈنكى ژۇرنال دېگەن ئاپتورلار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. بىر يەردە ئولتۇرۇۋەرسەك، تەپەككۇرىمىز قاتماللىقتىن قۇتۇلالمايدۇ. مانا بۇ قېتىم باشقىلارنى چۈشەندۇق، شەخسەن باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم ئۆزىمىزنى مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە. «تارىم» ژۇرنىلى نۇرغۇن ئاپتورلارنىڭ سەھنىسى بولدى، مەنمۇ «تارىم»نىڭ مەھسۇلاتى، ئۆزۈم 1985- يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. لېكىن 1996- يىلى «تارىم » ژۇرنىلىدا «كۈيلەر كۆزى» ناملىق پوۋېستىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئىجادىيىتىمنىڭ رەسمىي باشلانغان ۋاقتى بولدى، دېسەممۇ بولىدۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ ھېسابلىسام،«تارىم» ماڭا «ئالتۇن توي مۇكاپاتى»، «تۆھپە مۇكاپاتى»، «مۇنەۋۋەر ئەدىب مۇكاپاتى» بەردى؛ ئىككىنچىدىن، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ بىزلەرنى جەنۇب سەپىرىگە ئۇيۇشتۇرغىنى ئۆز خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگىنىدۇر. ئادەم ئۆزىگە نان بەرگەن خىزمىتىنى سۆيمىسە تۇزكور بولىدۇ. بىزدە نەشر ئەپكارلىرى خېلى جىق، لېكىن ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى ئىشلەشنىلا بىلىدۇ، ئاپتورلار بىلەن كارى يوق. ياخشى ئاپتور بولسا، ياخشى ئەسەر چىقىدۇ، ياخشى ئەسەر بىلەن ژۇرنالمۇ ئەلۋەتتە ياخشى چىقىدۇ. ئاندىن ئەدەبىياتمۇ گۈللەيدۇ. بۇ جەھەتتە تۇنجى ئوقنى مانا «تارىم» ژۇرنىلى ئاتتى. بۇ چوقۇم مېۋە بېرىدۇ. مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ژۇرنالنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ مول ئەسەر زاپىسىغا ئېرىشىشىدە گەپ يوق؛ ئۈچىنچىدىن، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ بىزلەرنى جەنۇب سەپىرىگە ئۇيۇشتۇرغىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلگىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەھرىر بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرۇۋاتقاندەك قىلغان بىلەن مۇشۇنداق پائالىيەتنىڭ ئۆزىلا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ...
ئەمدى ئەسلىي تېمىغا قايتساق، ھېكايە دېگەن ئاز پېرسوناژ ئارقىلىق چوڭقۇر ئىدىيەنى ئىپادىلەيدىغان ژانىر، يەنە كېلىپ پىكىرنى پىرېسلاش لازىم بولغان ژانىر، جەڭگىۋار بىر ژانىر. بايا پاتىگۈل خانىممۇ دېدى، مەنمۇ قوللايمەن. ھېكايىدە ئاۋۋال ماھارەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن باشقا چوڭراق تۈرلەرگە ئۆتۈپ باقسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھازىر بىر قىسىملارنىڭ ئىجادىيىتىگە قارىساق، «تۇغۇلۇپلا خوتۇن ئالىمەن» دېگەندەك ئىش قىلىۋاتقانلارمۇ بار. گەرچە بۇنىمۇ بەك خاتا دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكەنلىكى بولمىسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاپتورلارنىڭ بىرىنچى پايدىلا رومانغا ئوق ئېتىپ ئۇتۇپ چىققانلىرى ئاز كۆرۈلگەن ئىش.

ھېكايە بىر ھېسابتا پىرېسلانغان رومان، رومان بولسا كېڭەيتىلگەن ھېكايە. ھېكايىدە ئىپادىلەش شەكلى ۋە ئەكس ئەتتۈرۈش شەكلىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل مەۋجۇت. ئاۋۋالقىسى ۋەقەنى ۋاسىتە قىلىدۇ. مەسىلەن: مەمتىمىن ھوشۇر، مۇھەممەد باغراش، نۇرمۇھەممەد توختى قاتارلىقلار مۇشۇ تىپتا يازىدىغانلارغا كىرىدۇ؛ ئىككىنچىسى ناتورال يېزىقچىلىق شەكلى، نېمە بولسا ئەينەن يېزىش ئۇسۇلى. گەرچە ھەر ئىككىلا ئۇسۇلنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بولسىمۇ، جايىدا پايدىلىنىش مۇھىم، ئەلۋەتتە. بىرىنچى ئۇسۇل ئۇلۇغلاشقا تېگىشلىك، بۇ قاتتىق ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا پەرھات تۇرسۇننىڭ ئەپلاتوننىڭ «گۈرجىكى» قاتارلىق ئىزدىنىش خاراكتېرى كۈچلۈك ھېكايىلىرى ئېلان قىلىندى، مەن بەك قىزىقتىم.
بەزى كاتتا ھېكايىلەردە نەچچە روماننىڭ ئىدىيەسى بار. مۇشۇ مەنىدىن ھېكايىنى پوۋېست، رومانلارنىڭ خېمىرتۇرۇچى دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن بۇ يەنىلا ماھارەت مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. خۇددى بىر - ئىككى يىلدىن بۇيان ھەممىلا ئادەم مەكىت قويىنى بېقىپ پادىچى بولۇۋالغاندەك، يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆپلىگەن يازغۇچىلار يىرىك ئەسەرگە ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچقا، ھېكايە ئىجادىيىتىدە راستتىنلا ئۆكسۈش بار. دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ئۆتكەن نۇرغۇن داڭدارلارمۇ رومان يازغان ئەمەس. مەسىلەن: چېخوفنى ئالساق، ئۇ كاتتا يازغۇچى، لېكىن بىرمۇ رومانى يوق. ھازىرقى ئىستاتىستىكىلاردا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چىققان رومان 300دىن ئاشتى دېيىلمەكتە. بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىي پەللىسىنى يىرىك ئەسەرلەرلا ياكى سانلا ئەمەس، بەلكى سۈپەت بەلگىلەيدۇ. جىق يازغان بىلەن كاتتا يازغۇچى بولغىلى بولمايدۇ، ئاز يازغانغىلا ناچار يازغۇچى بولۇپ قالمايدۇ. ھازىر رومان نەشر قىلىش نەشرىياتلارغا زور پايدا يەتكۈزۈۋاتقاچقا كۆرۈلۈۋاتقان ئىش بۇ. شۇنداقتىمۇ نەشرىياتلارنىڭمۇ، ئاپتورلارنىڭمۇ ئاممىنى يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى بولۇشى لازىم.
بىزدە مەخسۇس ھېكايىلا يازىدىغان قوشۇن شەكىللەنسە بولاتتى. ھازىرقى ئەھۋالىمىزدىن ئېيتقاندا، باشقىلار يازمىغاننى يېزىش، ئېستېتىك قىممەت جەھەتتىن، چوڭقۇرلۇق جەھەتتىن كۆپ ئىزدىنىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇۋاتىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ دۇنيا قارىشى، جەمئىيەت قارىشى ۋە مىللىتىگە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئىپادىلىنىشى كېرەك. ھازىر ھە دېسىلا ۋەقەلىككە بېرىلىش خاھىشى كۈچلۈك. نېمىنى كۆرسە، ئاڭلىسا شۇنى يازىدىغانلار بار. قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن خەلققە نېمە لازىم، ئۇلارغا قارىشىمنى قانداق ئىپادىلىشىم كېرەك، دېگەنلەرنى ئويلىشىش لازىم. بىز ئوقۇرمەنگە مەسئۇل بولساق، ئۇلارنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەشنى مۇددىئا قىلساق ئاداشمىغان بولىمىزمىكى دەپ ئويلايمەن. شۇڭا بەس - بەستە سايراشقىلا ئەمەس، ئىزدىنىش روھىدىكى ئەسەرلەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويساق ياخشى بولاتتى.
ئاخىرىدا «تارىم»غا شۇنداق تەكلىپ بەرگۈم كېلىدۇ: ھازىر شېئىرىيەتتە داستانچىلىق سەل تۇرغۇن ھالەتتە چۈشۈپ قالدى، ھېكايىمۇ بۇ قىسمەتكە يېقىنلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا چارە - تەدبىرلەرنى قىلغىلى بولارمۇ، دەيمەن. مەسىلەن: «ھېكايە مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش ئارقىلىق يازغۇچىلارنى قوزغاپ باقساق...


سوئال: قاراقاش ناھىيەسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يەكەندىن قالسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ جىق يۇرت. بۇ يەردىكى يازغۇچىلارنىڭ پائالىيىتى ناھايىتى جانلانغان. ئايمۇھەممەد ساھىبى، سىز قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ناھىيەڭلەردىكى ئىجادىيەتچىلەرگە ئىلھام بېرىش چارەڭلەر توغرىسىدا بىزگە ئۇچۇر بېرەمسىز؟


ئايمۇھەممەد ساھىبى: 2003- يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق، يەرلىك ئاپتورلارنى ئاساس قىلىپ قاراقاشتا بىر سان ژۇرنال ئىشلەندى. ئاپتورلارنىڭ سۈرىتى ۋە تەرجىمىھالى ئەسەرلىرى بىلەن قوشۇپ تونۇشتۇرۇلدى. بۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى، بولۇپمۇ قاراقاشتىكى تەسىرى بەك ياخشى بولدى. مۇشۇ ئىشتىن كېيىن ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىل ئاۋۋال يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلدى. ناھىيەمىزدە ھازىرغىچە ئوندىن كۆپ ئەسەر ئېلان قىلغانلارنىڭ سانى 100دىن ئاشتى. ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 30دىن كۆپ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 20دىن ئارتۇق ئەزاسى بار. ئۆتكەندە «گۈزەل قاراقاش» ناملىق ژۇرنال چىقاردۇق رەڭلىك قىلىپ، يەنە يەتتە - سەككىزدەك كىتاب ئىشلىدۇق.بۇنىڭ بىلەن يازغۇچىلارنىڭ ناھىيە ئىچىدىكى تەسىرى كۆلەملەشتى. يېقىندا «قوش قەلەم ھەققى تۈزۈمى»نى ئورناتتۇق. مەسىلەن: ناھىيە تەۋەسىدىكى قايسى ئاپتورنىڭ قەيەردە چىققان ئەسىرىگە نەچچىلىك قەلەم ھەققى كەلگەن بولسا، بىزمۇ يەنە شۇنچىلىك قەلەم ھەققى بىلەن مۇكاپاتلاشنى يولغا قويدۇق. ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن بۇ ھەقتە مەخسۇس قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشتى. ئەسىرى مۇكاپاتلانغانلارمۇ بۇ سىياسەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ھەر يىلى بىر قېتىم خۇلاسىلەش يىغىنى ئېچىلغاندا، بۇ ئىش ئەمەلىيلىشىدۇ. ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كېلەر يىلىدىن باشلاپ يەنە پەسىللىك ژۇرنال چىقارماقچىمىز، بۇ ئىشقا قارىتا پۇل ۋە خادىم ئىشى ھەل بولۇپ بولدى.
 

سوئال: تىلنىڭ لىرىكىلىق چىقىشىمۇ نەسرىي ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈپكى ئامىللارنىڭ بىرى. مېنىڭچە ئابدۇكېرىم قادىر بۇ جەھەتتە تىرىشىۋاتقان يازغۇچى. ئۇنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ باقساق.

ئابدۇكېرىم قادىر: ئادەتتە ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان ئادەملەر ھەققىدە ئويلانغاندىن كېيىن، شۇ ئادەملەرنىڭ گەپ - سۆزلىرى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلاپ، شۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن. بولۇپمۇ يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىم ھەققىدە ئويلانغاندا شۇنداق. ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغانلىرىم ئۆزۈمگە تونۇشلۇق ئادەم ۋە ۋەقەلەر. ئاندىن يەنە تۈركىي تىللىق ئاپتورلارنىڭ ئۇيغۇرچىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. يېزىۋېتىپ جىق نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن، شۇڭلاشقا خېلى لىرىكىلىق چىقىپ قالىدۇ ئەسەرلىرىمنىڭ تىلى.


سوئال: نۆۋەتتە بىر تۈركۈم ئايال ئاپتورلار مەيدانغا چىقىپ، خېلىلا ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم ئېتىۋاتىدۇ. ئايال يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت بىلەن خىزمەت ۋە ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇشى تەسكە توختايدۇ. مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر خانىم، سىز ئىجادىيەت جەريانىدىكى بۇ ھەقتىكى بىۋاسىتە تەسىراتىڭىزنى سۆزلەپ باقامسىز؟


مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر: ئايال يازغۇچىلارغا نىسبەتەن خىزمەت بېسىمى، ئائىلە بېسىمى ۋە باشقا ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىڭ ئاۋارىچىلىكلىرى تولا. بۇلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلالمىسا، بۇ ساھەدە ئۈزۈپ چىقماق تەسكەن. ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەن ئادەتتە شارائىتىم يار بەرسە ئىشخانىدا يازىمەن. ئاندىن تولىراق ئۆي ئىشلىرى تۈگەپ، كەچتە ھەممەيلەن ئۇخلاپ بولغاندا يازىمەن. مېنىڭ بېشىمدىنمۇ بەزى كەچمىشلەر ئۆتكەن. مەسىلەن: 1988- يىلى «سېغىنىش» ناملىق شېئىرىم «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندا، بىزنىڭ ئادەم بىر مەزگىلگىچە: «مەن يېنىڭدا تۇرسام، يەنە كىمنى سېغىندىڭ؟» دەپ، ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولالماي قالغان ۋاقىتلارمۇ بولغان... يەنە بىر قېتىم ئۆيدە پېتىر مانتا ئەتتىم. مانتىنى قاسقانغا دۈملەپ بولۇپ تۇرسام، تۇيۇقسىز ئىلھامىم قوزغىلىپ، يېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن بىر تېما كاللامغا كىرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېزىشنى باشلاپ كەتتىم. نەدىن كەلدىكى، ئىلھاملىرىم ئۈزۈلەي دېمەيتتى. بىر كەمدە ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ ئېرىمنىڭ: «ھاي، نېمە پۇراق بۇ؟» دېگنىنى ئاڭلىدىم. دىققەت قىلسام مانتا پىشىپ، قازاننىڭ سۈيى قالماي ئوت كەتكىلى تاسلا قالغان ئىكەن... مەن بالىنىڭ چوڭى بولغاچ، چوڭلارنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرى خېلى يېقىنغىچە ماڭا قاراشلىق ئىدى. ھازىر ئۇلارمۇ مېنى چۈشىنىپ قېلىقلىق. شۇڭا جىددىي ئىش بولمىسا، مېنى چاقىرمايدۇ، مەن قىلىدىغان ئىشلارنى سىڭلىم قىلىۋاتىدۇ. 

 

سوئال: بىزدە شائىر تولا دېدۇق بايا، شەۋكەت ئىبراھىم، سىز ئاشۇ تولىلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى بولغاندىكىن، شېئىر ئىجادىيىتى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟


شەۋكەت ئىبراھىم: ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا نۇرغۇن شېئىرلىرىم ئېلان قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «تارىم»دا چىققانلىرى ئۆزۈمگە ئەڭ يارايدۇ. مەن شېئىر ھەققىدە ۋەز ئېيتىشتىن كۆرە، يېقىندا بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي: بۇ يىل ئەتىياز ۋاقتىغۇ دەيمەن. بىر كەمدە خەت - چەك خادىمى بىر چەكنى بېرىپ چىقىپ كەتتى. قارىسام «تارىم»دىن 840يۈەن كەپتۇ. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قالدىم. مانا كۆرۈڭلار، (ئۇ يانچۇقىدىن ئىككى چەكنى چىقاردى، بىرى 20يۈەنلىك، يەنە بىرى 15يۈەنلىك چەك ئىكەن) ئىككى يەردە چىققان ئىككى شېئىرىمغا كەلگەن ھەق ماۋۇ... ھېلىقى 840يۈەنلىك چەك چوقۇم خاتا ئەۋەتىلىپ قالدى بولغاي دەپ، «تارىم» دىكىلەرگە تېلېفون قىلدىم. بىلدىمكى، قەلەم ھەققى 2011- يىلىدىن باشلاپ ئۆسكەن ئىكەن. ئۆمرۈمدە بۇنداق جىق قەلەم ھەققىنى تۇنجى ئېلىشىم بولغاچقا، شۇ كۈنكى كەيپىياتىم ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. كەچتە ئۆيگە كېلىپلا دېدىم:
−− خوتۇن، كەچتە تاماق ئەتمىگىن بولدى، ئۆزۈملا مېھمان قىلىمەن.
−− نېمە بوپسىز بۈگۈن؟ تالادا تاماق يېيىشكە خۇشىڭىز يوق ئادەم ئىدىڭىزغۇ؟ −− ئۇ ھەيران قالدى، شۇ ھامان مەيدە يانچۇقۇمدىكى 840يۈەننىڭ چېكىنى كۆرسەتتىم.
−− كۆردۈڭمۇ مانى؟ مانا پۇل دېگەن!...
بىردەم تازا كېرىلىپ پو ئېتىۋالدىم. دېمىسىمۇ بۈگۈن پو ئاتقۇدەك ئىش بولغانىدى. قەلەمكەشكە نىسبەتەن مائاش باشقا گەپ، قەلەم ھەققى يەنە باشقا گەپتە. بۇ دېگەن مىڭ ئويلىنىپ ئاندىن قەغەزگە چۈشۈرىدىغان، ھەر مىسراسى يۈرەك قېتىدىن چىققان مېھنەتنىڭ مېۋىسى تۇرسا، شۇنىڭدىن كېيىن كەيپياتىم سەل ناچار بولسىلا ئايالىم پات - پاتلا:
−− قەلەم ھەققى كەلمىگەن ئوخشىمامدۇ بۈگۈن؟ −− دەيدىغان بولۇۋالدى...
بۇ گەرچە تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە بىر ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئەمگەككە تۇشلۇق ھەقنىڭ ئادەمگە تەسىر قىلىشى ئىدى. دېمەك، ھازىر ياخشىلا يازالىساق، ھەر جەھەتتىن پايدىلىق شارائىتلار بارلىققا كەلمەكتە. قايتقاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى تەسىراتلىرىمدىن يەنە جىق - جىق يېزىپ، ھەقنىمۇ جىق - جىق ئېلىپ، خۇدا بۇيرۇسا، كېيىنكى قېتىمدا ئىشىكنى تېپىپ ئاچمىسام ھېساب ئەمەس!...


سوئال: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ئىجادىيىتى گۈللىنىۋاتىدۇ. مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، سىزنىڭمۇ ئىككى رومانىڭىز نەشر قىلىندى. ئاڭلىساق، يەنە چىقىشقا تەييار بولغانلىرىمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ ھەقتە نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟

مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم: ھازىر نەشرىياتلار ھېكايىلەرنى چىقارمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن بەزى ئۇزۇنراق پوۋېستلارمۇ رومان بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. يېقىندا قارىسام نەشردىن چىققان كىتابلار ئىچىدە 228بەتلىك رومانمۇ، 692 بەتلىك پوۋېستمۇ بار ئىكەن. ھازىرغىچە رومان بىلەن پوۋېستنىڭ چېگراسى تازا ئېنىق ئايرىلمىغاندەك قىلىدۇ. «تارىم»دا ئۆتكەندە بېيجىڭدا ياشايدىغان بىر ئاپتورنىڭ مۇشۇ ھەقتە بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ھازىر بىزدە 300دىن كۆپ رومان بار دەۋاتىمىز. مۇمكىن بولسا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ ياكى ماقالە يېزىپ، مۇشۇلارنىڭ قايسىسى رومان دەرىجىسىگە يەتتى، قايسىسى يەتمىدى، دېگەنلەرنى بىر قېتىم خۇلاسىلەيدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەندەك قىلىدۇ. يەنە بىرسى، ژۇرناللارمۇ روماندىن پارچە بەرسە. روماننىڭ چىقىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇۋاتقاچقا، بەزى رومانلارنىڭ ئاپتورلىرىنى بىلەلمەيلا قېلىۋاتىمىز...


ياسىن زىلال: روماندىن پارچە بېرىۋاتقان بىز، پۈتۈن رومان جىق سەھىپىنى ئىگىلەپ كېتىدۇ. پارچە بەرسەك بىز بەرگەن شۇ پارچنىڭ ئالدىدا نېمە گەپلەر بار، كەينى قانداق، بىلگىلى بولمايدۇ. رومانلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتىمىز. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئوقۇپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن رومانلاردىن پارچە بەرسە بولىدۇ. مېنىڭچە، رومانلار ھەققىدە مەخسۇس بىر قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئېلىپ بارمىساق بولمايدىغان يەرگە بېرىپ قاپتۇ. بۇمۇ يازغۇچى ۋە ئوقۇرمەننى توغرا يولغا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى جۈملىسىگە كىرىدۇ.


سوئال: ماھىرە ئابلىمىت خانىم، سىز خېلىلا ئۇزاق يىللىق مۇھەررىر، مۇشۇ جەرياندا ژۇرنالچىلىق ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىڭىزنى تەقدىم ئېتەمسىز؟


ماھىرە ئابلىمىت: ھەممىمىز ئىشلەۋاتقان ژۇرنالنى ياخشى چىقىرىشنى ئويلايمىز. لېكىن قىلىپ بولالمايمىز. بىرىنچىدىن، ئەسەر سۈپىتى شۇنى بەلگىلەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، مۇھەررىرنىڭ قىممەت قارىشىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ ئىككى نۇقتا ھەل بولسا، مېنىڭچە ژۇرناللارنى چوقۇم كۆڭۈلدىكىدەك چىقارغىلى بولامدىكىن، دەپ قارايمەن.


*                  *
ئىشقا سالساق كاللىنى تەڭ، ھەممىمىز سەپكە كېلىپ،
كۈلگۈسى پاك ئەتىمىز سىنچايغا ھەرئان قەنت سېلىپ.
بارچە غەم چۇل - چۇل بولار ئۆملۈك - ئىناقلىق ئالدىدا،
باق، ئېزەر مەرغۇل دىلىڭنى، سازنى ھەممە تەڭ چېلىپ.


2011- يىلى 11 - ئاي، يۈننەن، 12- ئاي، كورلا
 




ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، سۆھبەت، شىئەن


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار