ئابلىمىت سادىق (ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى): ھۆرمەتلىك يىغىن ئەھلى، مەن تۇيۇقسىز بۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ قالدىم. مەيلى تۇيۇقسىز بولسۇن، مەيلى ئالدىنئالا دېيىلگەن بولسۇن، بۇ سۆزلەشكە تېگىشلىك سورۇن دەپ قارايمەن. “تارىم” ژۇرنىلى بۇ يىغىننى ئېچىپ ناھايىتى ياخشى ئىش قىپتۇ. بۇ ناھايىتى ۋاقتىدا بولۇنغان ئىش دەپ قارايمەن. مېنىڭمۇ ئۇزاقتىن بېرى كاللامدا بەزى نەرسىلەر بىر تۈگۈنچەك بولۇپ كېلىۋاتقان، يېقىننىڭياقى بەزى نەرسىلەرنىڭ سەل تېگى - تەكتىنى كۆرگەندەكمۇ بولغانتىم. بىز ئۈرۈمچىدە يۈرۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بىلەنلا بولۇپ، بەزىدە تۆۋەندە نېمە بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا تازا دىققەت قىلمايدىغان ۋاقلىرىمىز باركەن. مەن يېقىندا غۇلجىدىن كەلگەن بىر سەنئەتچىدىن مۇنداق گەپنى ئاڭلىدىم: غۇلجىدا بىر مۇزىكانتىمىز بارتى، شۇنىڭ ئائىلىسىدە ئۆلۈم بوپتىكەن، بۇنىڭغا مەسچىت جامائىتى كىرمەپتۇ، چۈنكى بۇنى ساز چالىدۇ دەپ شۇنداق قىپتۇ. ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، بۇنداق گەپنى مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن بېرى ئاڭلىمىغان، گەپنىڭ راستى، باشقا يەرلەردە شۇنداق ئىش بارمۇ يوقمۇ ئۇقمايمەن. بىزنىڭ ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەرقانداق ئادەم ۋاپات بولسا، ئۇ يەرگە ئەلۋەتتە جامائەت كىرىدىغان گەپ، ئۇنى يەرلىككە قويىدىغان گەپ. بۇ ئەزەلدىن كېلىۋاتقان قائىدە. بىرسىنى سەنئەتچى دەپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پەتىگە كىرمىدى دېگەننى مەن ئاڭلىمىغان، شەخسەن غۇلجىدا تېخىمۇ ئاڭلىمىغان. غۇلجىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھەرھالدا شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا، ھازىرقى زامان مەدەنىيىتى بالدۇرراق كىرگەن يەر، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى سابىق سوۋېتلەر ئىتىپاقىنىڭ چېگراسى بولغاچقا، غۇلجىغا ئەينى ۋاقتىدا چەتنىڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، شۇنداقلا ياۋروپانىڭ مەدەنىيىتى ئەڭ بالدۇر كىرگەن. مۇشۇنداق بىر جايدا ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە مۇشۇنداق بوپتۇ، مۇشۇنداق بىر كەيپىياتنىڭ ئاشۇ يەردە چىققانلىقىغا مەن تۇرۇپلا ھەيران قالدىم. كېيىن ئاڭلىسام بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بەزى ئەھۋاللار باركەن. بارا - بارا مۇشۇنداق ماڭسا، بىز نەگە بارىمىز؟ مىللىتىمىز نېمە بولىدۇ؟ دېگەن نەرسە مېنىڭ كاللامغا كىرىپ قالدى. يېقىندا مەن ئازات سۇلتاننىڭ “ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى”گە چىققان ماقالىسىنى ئوقۇپ، ناھايىتى رازى بولدۇم. يەنە شۇنداق بىر قانچە ماقالىلەر چىقتى. تارىخنى ھەممىمىز بىلىمىز، مەن ئۆز ۋاقتىدا مۇشۇ شىنجاڭغا كەلگەن ئېكسپىدېتسىيەچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى قويماي ئوقۇيمەن. مەيلى سېۋىن ھىدىن بولسۇن، سىتەيىن بولسۇن، پېرژىۋالىسكى بولسۇن، مەيلى ۋەلى چوقانۇف بولسۇن، مۇشۇنداق نۇرغۇن ئېكسپىدېتسىيەچىلەر، ئارخېئولوگلار شىنجاڭغا كەلگەن، نۇرغۇن كىتابلارنى يازغان. شۇلارنىڭ كىتابلىرىنىڭ ئىچىدە شۇ ۋاقتىدىكى شىنجاڭنىڭ تۇرمۇش ھالىتى ئازدۇر - كۆپتۇر ئەكس ئەتكەن بەزى رەسىملەرنى بەرگەن. شۇ رەسىملەرنىڭ ئىچىدىمۇ شۇ ۋاقتىدىكى بىزنىڭ تۇرمۇش ھالىتىمىز، ئەھۋالىمىز چىقىپ تۇرىدۇ. بىز ھازىر 21 - ئەسىرگە كەلدۇق، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنى ئۇ دەۋرلەرگە ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭنىمۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ ئۇ ۋاقىتقا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە بىر قىسىم كۈچلەر، ئۇ مەيلى نېمە تونغا ئورۇنۇۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مىللەتنى، بۇ دەۋرنى ئارقىغا تارتماقچى بولسا، بىز يول قويمايمىز. ھازىرقى مۇشۇ دەۋردە ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن يولى بويىچە ماڭساق قەيەرگە بارىمىز؟ ئۆز ۋاقتىدىكى ئاشۇ 20 -، 30 - يىللارغا قايتىمىزمۇ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە، مەھكىمە شەرئىنىڭ قازىئاخۇنۇملىرى قولىغا قامچا ئېلىپ، كىم پۈركەنجە ئارتمىسا قامچا بىلەن ئۇرۇپ، سۈر - توقاي قىلغان ئىش باركەن، بۇ جىق بولماپتىكەن، بىر قانچە كۈنلا داۋاملىشىپتىكەن. ئازادلىقتىن كېيىن بۇ پۈركەنجىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالدى. ھازىرقى كۈنگە كېلىپ، بۇ پۈركەنجىدىنمۇ ئۆتەر بىر ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ مۇنداق قارىغاندا كىيىم - كېچەكنىڭ ھالىتى، كىيىم - كېچەكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كەينىدە يەنە نۇرغۇن ئىش باردەك تۇرىدۇ. تېخى بەزىلەر مۇنداق سەينى يېيىش كېرەك، مۇنداق سەينى يېمەسلىك كېرەك دەيدىكەن. بىر قىسىم مۇشۇنداق دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان ئەسەبىي كۈچلەر ياكى مۇتەئەسسىپلەر مۇشۇنداق خىلمۇخىل پەتىۋالارنى چىقىرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا بىر قىسىم ياشلىرىمىز بىلىپ بىلمەي ئەگىشىۋاتىدۇ. مۇشۇ ياشلارنىمۇ قولدىن بېرىپ قويساق، بىزنىڭ مىللەتكە نىسبەتەن بۇ ناھايىتى ئېغىر، خەتەرلىك ئەھۋال. ھازىرقى دۇنيانى ھەممىمىز بىلىمىز، بۇ دۇنيادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمەن دەيدىكەن، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتتە تەرەققىي قىلىش كېرەك. ھازىرقى دەۋرگە يېتىشىپ ماڭماي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىلى بولمايدۇ. ھېلىقىدەك بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرى بويىچە بولىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز ئالدىغا مېڭىش ئەمەس، كەينىمىزگە مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، بىز ھازىرقى مۇشۇ تەرەققىياتقىمۇ ئاسان كەلمىدۇق. تارىخنى ئېيتساق، بايا دېگەندەك نۇرغۇن ئەگرى - توقايلار، نۇرغۇن قان تۆكۈشلەر بىلەن بولغان تەرەققىيات بۇ. ئازادلىقتىن كېيىنكى ئەگرى - توقايلىقمۇ ئاز بولمىدى. ھازىرمۇ بىز بەك تەرەققىي قىلىپ كەتتۇق دەپ ئېيتالمايمىز. مېنىڭچە، بىز تېخى دەسلەپكى قەدەمنى بېسىۋاتىمىز دېسەكمۇ بولىدۇ. تېخى ھەممىمىز بۇ نادانلىق پاتقىقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ كەتتۇق دەپ ئېيتماق تەس. تېخى بىزنىڭ ئالدىمىزدا بۇ جەھەتتە ئىشلەيدىغان ئىشلار تولا. دۇنيا ھازىر مۇشۇنداق كېتىۋاتقان شارائىتتا، ئەگەر مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتتە ئارقىغا چېكىنىشنىڭ ئالدىنى ئالمىساق، مېنىڭچە بۇ خەتەرلىك ئەھۋال. ھەتتا ھازىر “ئۇيغۇر” دېگەن ئىسىمنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدىغانلار باركەن. بۇ ئايرىم ساندىكى ئىش ئەمەس، بەلكى ئومۇمىيلىققا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان ئەھۋالدەك تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئەلۋەتتە خەلقئارانىڭمۇ تەسىرى بار، تۈرلۈك ئامىللىرى بار. گېزىت، تېلېۋىزور، رادىيولاردىن ھەممىمىز كۆرۈۋاتىمىز، ئاڭلاۋاتىمىز، خەلقئارادا نېمە ئىشلار بولۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارادىمۇ خۇددى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر جىددىي كۈرەش. ھازىر گەرچە بىزگە ئۇنچە جىددىي بولۇپ كەلمىسىمۇ، لېكىن ئالدىنى ئالمىساق، ئاشۇنداق جىددىيلىككە بارىدىغان ئەھۋال ھازىر شەكىللىنىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. بولۇپمۇ بۇ بىز زىيالىيلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مەسىلە، شۇنداق بىر ۋەزىپىمىز بار. يېقىندا ئازات سۇلتان قاتارلىق بىر قانچە يولداشلىرىمىزنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق چىقىپ تۇرۇشى مۇمكىن. بىر مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى شۇ مىللەتنىڭ سەركىلىرى ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە بۇنىڭغا ئىلمىي ئاساستا، ئاڭلىق ھالدا تاقابىل تۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ بىزنىڭ بۇرچىمىز، بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە بۇنىڭغا ھەسسە قاتىمەن. بەزىلىرىمىز ماقالە يېزىشىمىز مۇمكىن، بەزىلىرىمىز تۈرلۈك كىتابلارنى ئىشلىشىمىز مۇمكىن، مەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن مەدەنىيەت ھاياتىمىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن، بولۇپمۇ ھازىرقى ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى جانلاندۇرۇش كېرەك دەپ قارايمەن، بولۇپمۇ ياشلارنى تارتىش كېرەك. |