ئازات سۇلتان )شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى): “تارىم” ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر ياسىن زىلال بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەققىدە ناھايىتى ئوبدان توختالدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ھەقىقەتەن قاراتمىلىقى ناھايىتى ئېنىق بىر يىغىن. بۇ يەردە ژۇرنال تەھرىر ھەيئەتلىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن خەلققە زوق بېرىۋاتقان، خەلقىمىزنى تەربىيەلەپ، يېتەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەۋكىتىنى ئاشۇرۇۋاتقان ئىجادكارلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز ئولتۇرۇپتۇ. بۇ يىغىن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىگەن ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى، ئۆتكەندە بىر قىسىم پېشقەدەم يازغۇچىلىرىمىز ۋە ھەرقايسى ژۇرناللاردا ئىشلەۋاتقان بىر قىسىم كادىرلىرىمىز بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچقان، ناھايىتى ياخشى بولدى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى، جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بەزى گەپ - سۆزلەر، بەزىبىر ھادىسىلەرگە نىسبەتەن ئىچىنىڭ پۇشۇپ تۇرغانلىقىنى، زادى گەپ قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم. يېقىندا مەن بىر ماقالە يازدىم، بۇ ماقالە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېزىلدى. ئۆزۈمنىڭمۇ ئۇزاقتىن بۇيان مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە گەپ قىلمىسام بولمايدىغان يەرگە كەپ قالدىمۇ قانداق، نېمە بولۇۋاتىمىز بىز دەپ، ئىچىم پۇشۇپ تۇرغان. ئۇ ماقالىنى ھازىر تورلاردا، ھەر خىل تاراتقۇلاردا، گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىپتۇ. مېنىڭ كۆز قاراشلىرىم ئاشۇنداق. مەن ئىزچىل تۈردە ئۆزۈمنىڭ مىللىتىمنى سۆيۈپ كەلدىم، بىزنىڭ مىللىتىمىز −− ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدىكى تارىخى ئۇزاق، مول مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئىگە، ئىشچان، ئىجادكار، شۇنداق ياخشى بىر مىللەت. ئۇنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى بولسۇن، مەنىۋى مەدەنىيىتى بولسۇن پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئاللىقاچان ئېتىراپىغا ئېرىشكەن، بىزنىڭ قانداق قىلىپ يايلاق مەدەنىيىتىدىن تېرىم مەدەنىيىتىگە كۆچكەنلىكىمىز ھەم ھەر ئىككى مەدەنىيەتتە ناھايىتى ئىجادكارلىق بىلەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىقىمىزغا ئائىت پاكىتلار ئىنتايىن كۆپ. بىزنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتىمىز شىنجاڭدىكى باشقا مىللەتلەردىن كەم ئەمەس، ئەلۋەتتە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭمۇ “ماناس”قا ئوخشاش ئۇزۇن ھەجىملىك داستانلىرى، ئاقىللار ئېيتىشىشى، “جاڭغىر” دەك داستانلىرى... مۇشۇنداق ئەسەرلىرى بار، شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمۇ ناھايىتى رەڭدار ۋە مول. بىزنىڭ يېزىق تارىخىمىزغىمۇ 15 ئەسىردىن ئېشىپ قاپتۇ، يېزىق پەيدا بولغانىكەن، ئۇنداقتا بىزنىڭ يازما ئەدەبىياتىمىزمۇ 6 - ئەسىردىن باشلىنىپ يېزىلىپتۇ، تاشلارغا ئويۇلۇپتۇ، ساقلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇ يەردە بىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىمىزمۇ ئولتۇرىدۇ، ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بەك ئىپتىخارلىنىمىز. بىزنى شېئىرىي مىللەت دەيدۇ، بۇنداق بولۇشىدا دۇنيانىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشكەن ئەلىشىر نەۋايى بار. نەۋايىنى دۇنيا تەتقىق قىلىدۇ. يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ئەلىشىر نەۋايىنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى ئۈچ خىل شەكىلدە نەشر قىلىندى ھەم خەلقئارا يىغىن ئېچىلىپ، نەۋايىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلاندى، بۇمۇ دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئاستا - ئاستا ئېتىراپىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. يازما ئەدەبىياتىمىزدىكى نامايەندىلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز، “قۇتادغۇبىلىك” يەتكەن پەللە، تەپەككۇر بەك يۇقىرى، ئۇنىڭدا مەيلى پەلسەپە نۇقتىسىدىن، مەيلى ئېستېتىكا نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى قىممەت قاراشلار نۇقتىسىدىن، مەيلى دىنىي ئېتىقاد ھەققىدىكى قاراشلاردىن بولسۇن، ھەممىسىدە شۇ زاماننىڭ ئەڭ ئىلغارلىقىدا تۇرۇپ، ئەڭ ئېگىز نۇقتىسىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىنغان. “تۈركىي تىللار دىۋانى”نى ھەممىمىز بىلىمىز. 2008 - يىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى )مەھكىمىسى) مەھمۇد كاشغەرىي يىلى قىلىپ بېكىتتى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلدى، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا 2008 - يىلى يىغىن ئېچىلدى. دېمەك، ئۇنىڭ قىممىتىنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىز مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى، ئەدەبىياتنى ياراتقان. بىزنىڭ تىل ئۆگىنىش ئادىتىمىز بار، ھازىر نۇرغۇنىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزدىن باشقا خەنزۇ تىلىنىمۇ پىششىق بىلىمىز، ھەتتا تۆت - بەش تىلنى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرمىغان ھالدا مۇكەممەل بىلىدىغان ئادەملىرىمىزمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. بىزدە يىراق ئوتتۇرا ئەسىردىن باشلاپ تىل ئۆگىنىش، تىل ئىشلىتىش قىزغىن بىر ئۇدۇمغا ئىگە. ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى تىل بەيگىسىدە پارس تىللىرى بىلەن بىللە، تۈركىي تىللارنىڭ بىر جۈپ تۇلپاردەك ئەڭ ئالدىدا ماڭغانلىقىنى دۇنيا ئالىملىرى ئالللىقاچان قەيت قىلغان. بىزنىڭ نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىز قوش تىلدا، كۆپ تىلدا ئەسەرلەر يازغان، تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان. مۇشۇنداق بىر مىللەت قانداق قىلىپ مۇشۇنداق مەدەنىيەتنى يارىتالىدى؟ يەكۈنلىسەك، بىز ئىزچىل تۈردە دەۋرنىڭ ئەڭ ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، ئاشۇ دەۋرنىڭ ئىلغارلىقىغا، تەرەققىياتىغا ۋەكىلللىك قىلىپ ياشاپ كەپتىكەنمىز، ئىجاد قىلىپ كەپتىكەنمىز. ھەرقايسى دەۋرلەردە ئىزچىل شۇنداق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن مىللتىمىزنىڭ تەسىر دائىرىسى كېڭىيىپ، مۇشۇنداق چوڭ بىر مىللەتكە ئايلىنىپتىكەنمىز. مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئۇنداق تەپتەكشى ئەمەسكەن، ھەر خىل دوقاللارغا، سوقماقلارغا دۇچ كېلىدىكەنمىز. مەن شۇ ماقالەمدىمۇ ئون ئىككى مۇقامنى تىلغا ئالدىم. خانىش ئاماننىساخان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەپ، ئۇنىڭغا قايتىدىن ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتكەن ۋاقىتلىرىدا سوپى - ئىشانلار، يەنى شۇ ۋاقتىدىكى دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر قارشى تۇرغانىكەن. شۇ ۋاقتىدىمۇ ئۇلار “قۇرئان”نى، ئىسلام دىنىنى تەپسىرلەشتە، چۈشەندۈرۈشتە، چۈشىنىشتە ئادەملەرنىڭ سەۋىيەسىدىكى پەرقلەردىن، شۇ ۋاقتىدىكى ھەر خىل كەيپىياتلاردىن پايدىلىنىپ خەلقنى ئېزىقتۇرۇپتىكەن. لېكىن خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ سەنئىتىگە بولغان مۇھەببىتى ھەم گۈزەللىك، چىنلىق، ياخشىلىققا بولغان ئىنتىلىشى تۈپەيلى، بۇلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرىمۇ ئەمەلگە ئاشماپتىكەن. يەنە شۇ دەۋردە ئاپپاق غوجا جۇڭغاردىكى غالدان توپىلاڭچىلىرىنى باشلاپ كېلىپ، يەكەن خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۇزاق ۋاقىت ئاشۇنداق بۆلۈنمە ھالەتتە، جەڭگى - جېدەللەر ئىچىدە، دىنىي نىزالار ئىسكەنجىسىدە ياشاپ كەلگەنىكەن. نەچچە گۇرۇھ، نەچچە توپقا بۆلۈنۈپ، بىر - بىرىنى بوغۇشۇپ، بىر - بىرىنى قىرىشىپ كەپتىكەن. شۇ ۋاقىتلارنى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ جاھالەتلىك زامان دەپ قارايدۇ. ئەقلى بار ئادەم ئۆزىنىڭ مىللىتىگە مەسئۇل بولالايدىغان ئادەمدۇر. مۇشۇ يەردە ئولتۇرغاندەك زىيالىيلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز، تارىخنىڭ، بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ، بۇ تارىخىي ساۋاقلارنى ئۇنتۇپ قېلىشقا پەقەتلا بولمايدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ ئولتۇرغان پىروفېسسورلىرىمىزمۇ كىتابلىرىنى مۇشۇنداق يېزىپ كەلدى، مۇشۇنداق سۆزلەپ كەلدى، شۇڭا مۇشۇ مەسىلىلەرنى مېنىڭچە بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا سۆزلەيدىغان، چۈشەندۈرىدىغان ۋاقىت ئاللىقاچان كەلدى. بىز كۆڭۈل بۆلمەي ئولتۇرساق، بۇنداق خار - زەبۇنلۇق كېڭىيىپ بىزنىڭ مىللىتىمىزمۇ ئاشۇ پاتقاققا پاتىدىغاندەك تۇرىدۇ. كىيىم - كېچەك مەسىلىسىمۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى تېلېۋىزور، رادىيولاردا كۆپ سۆزلىنىۋاتىدۇ. مۇنداق قارىماققا ئاددىي بىر كىيىم - كېچەكتەك قىلغان بىلەن، كىيىم - كېچەك ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خىل خاھىش تۇمانغا ئوخشاش تارايدىغان بولسا، ئاشۇ دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ مەقسىتى ئىشقا ئېشىپ قالغۇدەك. ئاشۇنداقلا ماڭىدىغان بولسا، بىزنىڭ ياشلىرىمىز راستلا جىنايەت يولىغا ماڭىدۇ. ھازىر بىر قىسىم ياشلار زامان بىلەن، تەرەققىيات بىلەن، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىدىغان بىر خىل ئاتموسفېرا ھازىرلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ ئاتموسفېرا بولىدىغانلا بولسا، بىزنىڭ بۇ يەردە تىنچلىق، ئىناقلىق بولمىقى تەس. مېنىڭچە ئولتۇرغان ھەممىمىز بۇنداق بولۇشىنى خالىمايمىز ھەم بۇنىڭغا يول قويمايمىز. بۇنىڭغا يول قويماسلىقنىڭ يولى −− ئۆزىمىزنىڭ قولىدا قەلەم بار، يازايلى، ئاغزىمىز بار سۆزلەيلى. مۇشۇنداق ماڭسا بىزنىڭ ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكا سەنئەتلىرىمىز، كىيىم - كېچەك مەدەنىيەتلىرىمىز قانداق بولۇپ كېتەر؟ مېنىڭ مۇشۇ ئىشلارغا ئىچىم پۇشىدۇ. بۇ يەردە چوڭلار بار، ئۇستازلىرىمىز بار، مۇشۇ ئىشلارنى تەتقىق قىلىپ يېزىۋاتقان مۇتەخەسسىسلىرىمىز بار، مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي. |