نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(6)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
ئايشەم ئەخمەد (يازغۇچى): ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنى تۈزەتمىسەك، تەدبىر قولل

ئايشەم ئەخمەد (يازغۇچى):
ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان بەزى ئەھۋاللارنى تۈزەتمىسەك، تەدبىر قوللانمىساق بولمايدۇ. بەزى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بىر قىسىم ياشلاردا ئەگىشىپ كېتىش مەۋجۇت. ئەگەر ياشلارنى توغرا يېتەكلىيەلىسەك، ياخشى تەربىيەلىيەلىسەك، ئۇلار باشقىلارغا ئەگىشىپ كەتمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەڭ مۇھىم نۇقتا. بۇنىڭدا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم، چۈشىنىش بولمىسا ئىتتىپاقلىق بولمايدۇ. مىللەتلەر ئارا ھەقىقىي چۈشىنىش، باراۋەرلىك ھاسىل قىلساق ھەقىقىي ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، خاتالىقتىن ساقلىنالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان، يامان تەرەپنى ياخشى تەرەپكە بۇراشقا تۈرتكە بولىدىغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىش، نادىر دىرامىلارنى سەھنىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتسەك، ئاۋامنى توغرا يولغا باشلىيالايمىز.
تۇرسۇنئاي يۇنۇس (يازغۇچى):
جەنۇبقا بارغانتىم، نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ بەزى گەپلىرىنى رەئىس نۇر بەكرىگە يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى ئېيتتى. مەن بىر ئاددىي ئايال، رەئىس بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن، ئەمما بىر نەچچە سورۇندا دەپ قويالىشىم مۇمكىن دەپ ۋەدە قىلغانتىم، شۇ ۋەدەمگە ئاساسەن، بۈگۈنكى بۇ يىغىننى پۇرسەت بىلىپ كۆرگىنىمنى سۆزلەي. مەن قەشقەردىكى يىغىندىن كېيىن، يېڭىشەھەردە بىر ئايالنىڭ ئۆيىدە بىللە بولۇپ قالدىم. بىر مەكتەپنىڭ خانىملىرى مېنى ئورىۋالدى، مۇشۇ ياغلىق ھەققىدە ئىككى خىل مەسىلە باركەن، مەكتەپنىڭ مۇدىرى ياغلىق چەگمەيسىلەر، ئاياللار، قىزلار ياغلىق چەگمەي كېلىسىلەر دەپ بۇيرۇق قىلىدىكەن، ھەتتا چىگىۋالساڭلار خىزمەتتىن چىقىرىۋېتىمىز، قوغلايمىز دەپتۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىمۇ بولۇشى كېرەك، ئەمما ئۇ ئەركىنلىكنىڭ ئىچىدە ئۆزىمىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان مەدەنىيەتمۇ بولۇشى كېرەك، كىيىم - كېچەك مەدەنىيىتى، سەنئەت مەدەنىيىتى، يۈرۈش - تۇرۇش مەدەنىيىتى، بىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشى كېرەك. مەن يۇقىرىدىكى ئۇستازلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇۋۋەتلەيمەن. ھەر بىر ئادەمنىڭ مەلۇم ئەركىنلىكى بولسا، مەدەنىي، چىرايلىق كىيىملەرنى ياراشتۇرۇپ كىيسە بولىدۇ. نەزىردە يىغلىماسلىق، نەزىر قىلماسلىق، نەزىر پۇلىنى مەسچىتكە بېرىش دېگەنلەرگە قوشۇلمايمەن. ئادەم ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتسە يىغلىمايمەن دەپ يىغلىمىغىلى بولامدۇ؟ ئۆزىنىڭ قان - قېرىنداشلىرى ئۆلۈپ كەتسە قانداقمۇ يىغلىماي ئۆتكىلى بولىدۇ؟ بۇ نەزىرنى نېمىشقا چەكلەيدىغاندۇ؟ مەن ئۇقمىدىم. توي بولسا تويدا نەغمە قىلمايسىلەر، ئۇسسۇل ئوينىمايسىلەر، پۇلنى ئاشۇ مەسچىتكە بېرىسىلەر دەيدىكەن، مەسچىتنىڭ ئادەملىرىمۇ يېسۇن، ئاممىمۇ يېسۇن. ناھايىتى ئۇزاق يىل بىر بالىنى تەربىيەلەپ چوڭ قىلىپ، ئۇنىڭ تويىنى كۆرەي دېسە، نەغمە قىلمىسا، ساز چالمىسا، ئۇسسۇل ئوينىمىسا بۇ قانداق بولغىنى؟ يا ئۇ ھازا بولمىسا. بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا ئۆزىمىزنىڭ مۇئەييەن بىر كۆز قارىشىمىز، مۇئەييەن بىر تەپەككۇرىمىز بولۇشى لازىمكەن دەپ ئويلايمەن.
مۇھەممەت شاۋۇدۇن )”تارىم” ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، شائىر):
يىغىن ئەھلى، بۈگۈنكى بۇ يىغىن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ناھايىتى زۆرۈر بىر يىغىن بوپتۇ. مەن ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا كېلىپ قالغان، لېكىن ئازراق گەپ قىلمىسام بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ گېزىت - ژۇرناللىرىمىزدا، مەدەنىيەت مىللەتنىڭ جېنى، مەدەنىيەت مىللەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ گۈللىنىپ راۋاج تېپىشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى دېيىلىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت نېمە ئۈچۈن شۇنچىۋالا قۇدرەتلىك دېگەندە، ئۇ ئۈچ نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بىرسى، مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچى؛ ئىككىنچىسى، ئۇيۇشۇش كۈچى؛ ئۈچىنچىسى، ئىجادىي كۈچى. مۇشۇنداق ئۈچ خىل كۈچنىڭ بىرىكمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن مەدەنىيەت ناھايىتى يۇقىرى قۇدرەتكە ئىگە ئىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى تۈۋرۈكى، شۇنداقلا بىباھا بايلىقى ھېسابلىنىپ كەلدى. بىز ئۇيغۇر خەلقى ناھايىتى پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە خەلق. بىزنىڭ پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزنىڭ مېنىڭ قارىشىمچە مۇنداق تۈپ ئىككى ئالاھىدىلىكى بار دەيمەن، بىرسى، بىز قوبۇل قىلىشقا ناھايىتى ماھىر؛ ئىككىنچىسى، بىز ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. بىز تارىختا نۇرغۇن مەدەنىيەت بايلىقىنى ياراتقان، پارلاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە. مەن ئۆزۈم تەتقىق قىلغان كۇچا مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقان ۋاقتىدا، كۇچا مەدەنىيىتى ئەينى زاماندا 3 - ئەسىردىن تارتىپ 7 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ناھايىتى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىپتىكەن. بۇ ھەقتىمۇ ئارتۇق گەپنى دېمەي، سۇبىخەينىڭ مۇشۇ ھەقتە يازغان بىر سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بېرەي. بۇ سۇبىخەي ب د ت پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۆرۈپ بېكىتىشى بىلەن يازغان بىر كىتابىدا: “تەرەققىياتقا، ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ياڭراق، يېقىملىق كۇچا ناخشىلىرى، مۇزىكىلىرى ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ دەۋر سۈرۈپلا قالماي، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق ئەللەردە، ھەتتا شۇ ۋاقىتتا بىزگە مەلۇم بولغان پۈتۈن دۇنيادا دەۋر سۈرگەن” دېگەن گەپنى قىلغان. دېمەك، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ دېگەندە، بىزدە ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا مەدەنىيىتىمىزنى بېيىتىشتا ناھايىتى ياخشى بىر ئەنئەنىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. پۇتبولچىلىق مەملىكىتىمىزدە يوق شارائىتتا، ئاتۇش دېھقانلىرىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىشى ئاشۇ ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى. بىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمىز، سەنئىتىمىز ناھايىتى تەرەققىي قىلغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتا پەقەت بەدەننى يېپىش، مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەدەننى گۈزەللەشتۈرۈش سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلگەنىكەن. مەن بەزى رەسىملەرگە قارىسام بۇ كىيىم - كېچەكلەر شۇنداق چىرايلىق، شۇنداق نەپىس، شۇنداق يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەن. ھازىر سىرتنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى، بولۇپمۇ مەدەنىيەت توقۇنۇشى بولۇۋاتقان، سىرتنىڭ خىلمۇخىل مەدەنىيەت تەسىرى قوبۇل قىلىنىۋاتقان مۇشۇ شارائىتىمىزدا ھەر خىل نەرسىلەر كىردى. مېنىڭمۇ ناھايىتى ئىچىم پۇشىدۇ. پۈتۈن يۈز - كۆزىنى توسۇۋالسا، بۇ نېمە ئۈچۈن يارالدى؟ گۈزەللىكىنى يوشۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەمدۇ بۇ دۇنيادىن؟ نېمە قىلىق، نەدىن يۇقتى؟ نېمىنىڭ تەسىرى بۇ؟ ناھايىتى ئىچىمنى پۇشۇردى دە بۇ ئىشلار. دېمەك، بۇ بىر خىل ناھايىتى ناچار يۈزلىنىش. بىز شۇنداق بىر ئىلغار ئەنئەنىگە ئىگە، باي مەدەنىيىتىمىز بار بىر مىللەت تۇرۇقلۇق. بۇ قانداق قىلىق؟ كىيىم - كېچەكلىرىمىز شۇنداق گۈزەل، كىيىم - كېچەك بايرىمى قىلىدىغان ئىش بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم - كېچەك بايلىقى ھېچقايسى مىللەتنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالمايدۇ، بىزگە شۇنداق چىرايلىق يارىشىدۇ. مۇشۇنداق نەرسىلەرنىڭ يامراپ كېتىشى كىيىم - كېچەكنىڭلا ئىشى ئەمەس، بۇ بىر خىل خاھىش، مەدەنىيەتكە نىسبەتەن ھاقارەت، ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى يوقىتىش. مەدەنىيەت ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا يۈكسىلىدىغان گەپ، شۇ ئەنئەنىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىمىز. مەدەنىيەت ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇھىم، ئۇ مىللەتنىڭ جېنى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى، بىباھا بايلىقى، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىمىزنى بېيىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ساغلام ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلىشىمىز كېرەك.



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار