نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(9)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
غەيرەتجان ئوسمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىىنىڭ پىروفېسسورى): مەن بىر قىسقىلا گەپ قىلاي، بى

غەيرەتجان ئوسمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىىنىڭ پىروفېسسورى):
مەن بىر قىسقىلا گەپ قىلاي، بىز بۇ يەردە ھازىرقى زامانىۋى، ئىلغار مەدەنىيەتكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىۋاتىمىز. بىزگە مەلۇم، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مۇشۇ 1000 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىن، پەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ كېلىدىغان بىر ۋەزىيەت بولغان. دىنمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ كەتمىگەن، پەنمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالمىغان، بۇنىڭ شۇنداق مىسالى باركى، 1000 يىل بۇرۇن يېزىلغان يۈسۈف خاس ھاجىبنىڭ “قۇتادغۇبىلىك” داستانىدا، ئاللاغا، پ−ەيغەمبىرىمىزگە، چاھاريارلارغا ھەمدۇسانا ئوقۇپ دىنىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولۇپ، پۈتۈنلەي ئەسەر، ئىلىم - پەن، ئەخلاق - پەزىلەت، جۈملىدىن ئەينى زاماننىڭ زامانىۋى ئىلىم - پەنى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان. كىلاسسىكلىرىمىز ئەينى زاماندا ئىلىم - پەن، مېھنەت، ئەخلاق، ھەققانىيەت، ئىجادىيەت، جۈملىدىن ۋەتەنسۆيەرلىك ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلغان، بولۇپمۇ 18 - ئەسىرلەردە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەلىرى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. گۇمنام، نۆبىتى، مەشھۇرى قاتارلىق شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەر، خوتەن، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى مەككە - مۇكەررەمە بىلەن تەڭ ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغان. ئۆزلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان جايى مانا مۇشۇ يەر دەپ قارىغان، بۇ خىل ئىدىيە كېيىنكى ۋاقىتلاردا داۋاملىق كۈچەيگەن. شۇ خىل ئىدىيە تاسادىپىي مەيدانغا كېپقالغان ئەمەس، بۇمۇ ئۇزاق يىللىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ۋەتەنسۆيەرلىك، خەلقسۆيەرلىك ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
ئەخەت تۇردى (”تارىم” ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، يازغۇچى):
مېنىڭ قارىشىمچە ھازىر بىزنىڭ مىللەت ناھايىتى چوڭ تاللاشقا ۋە بىر دوقالغا دۇچ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. ھەقىقىي بىر مىللەتپەرۋەر ئادەم، مىللەتنى سۆيىدىغان ئادەم ئۆزىگە ھازىر “مىللىتىم نەگە بارىدۇ، نېمە بولماقچى” دەپ سوئال قويىدىغان پەيت كېلىپ قالدى. مەن ئويلايمەن، ھازىر بىز ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، بىز دەۋاتقان ئىشلار، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى، بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزنى توسۇيالمايدۇ ھەم توسۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس، لېكىن ئۇ بىزنىڭ پېشىمىزگە، پۇتىمىزغا ئېسىلىپ قەدىمىمىزنى ئاستىلىتىۋېتىدۇ، يۈز - كۆزلىرىمىزگە توپا چېچىپ ئالدىمىزنى سەل تۇمانلاشتۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىز يەنە ئۇلارنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ دەپ قويۇۋەتسەك جاھالىيەتكە يول قويغان بولۇپ قالىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان يولداشلارنىڭ ھەممىمىز مىللەتنىڭ ئىلغار بىر قىسمى، تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىمىز. زىيالىيلار مىللەتنىڭ سەرخىل ئەزاسى ھېسابلىنىمىز. ئەگەر بىزدە ھەقىقىي مىللەتنى سۆيۈش ئىدىيەسى بولسا، بىز مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى پېشكەللىكلەرۋە بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز كېرەك.
ئابدۇللا مەتقۇربان: (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى)
“تارىم” ژۇرنىلى مۇشۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. مەن مۇشۇ سۆھبەتكە قاتناشقانلىقىمدىن بەك خۇشال، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. بولۇۋاتقان گەپلەردىن قارىغاندا، جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە بولۇۋاتقان ئىشلاردىن قارىغاندا، سۇنىڭ ئۈستى ناھايىتى تىنچ ئېقىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما سۇنىڭ تېگى ناھايىتى دولقۇنلۇق، ھەتتا ناھايىتى خەتەرلىك بىر خىل ھالەتتە ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىر قىسىم دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر دىن بىلەن پەننى، دىن بىلەن ئىلغارلىقنى، دىن بىلەن تەرەققىياتنى قارشىلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئىپادىلىرى يۇقىرىدا ھەرقايسى تەرەپلەردىن كۆرسىتىپ ئۆتۈلدى. مەيلى كىيىم - كېچەك، مەيلى نەزىر - چىراغ، توي - تۆكۈن بولسۇن ھېيت - ئايەم ، نورۇز قاتارلىق بايراملىرىمىزدا بولسۇن ئۇنىڭ ئىپادىلىرى ھەر خىل ئىكەن. بۇ بىزنى چوقۇم ئويلاندۇرۇشى كېرەك. مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى رايونىمىزغا كېلىپ قەشقەر، خوتەنگە بېرىپ بىزنىڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىزنى تەكشۈرگەن سېۋىن ھىدىنلار ھازىر رايونىمىزغا كېلىپ قالسا، بىزنى قانداق تەسۋىرلەر، بىزنىڭ ئوبرازىمىزنى قانداق خاتىرىلەر؟ دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ ئادەم.



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار