نادىر ئەسەرلەر بىلەن خەلقنى ئىلغارلىققا يېتەكلەيلى(3)

يوللانغان ۋاقتى:07-01-2014   مەنبە: Tarimweb.com   مۇھەررىر: ھەزرەتئەلى ئەخەت   كۆرۈلۈشى: قېتىم   ئىنكاس: 9 پارچە
ئىمىن ئەخمىدى: (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شى

ئىمىن ئەخمىدى: (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شائىر)
كۆپ رەھمەت، مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گېزىت - ژۇرنال ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىدا ئىشلەپ يۈرۈپ مەدەنىيەت ئىستېمالى توغرىسىدا كۆپرەك ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. بىزدە ئىككى خىل ئىستېمال بولىدۇ، بىرسى ماددىي ئىستېمال، يەنە بىرسى مەدەنىيەت ئىستېمالى. ماددىي ئىستېمالدىمۇ مېنىڭ ئۆزۈمنىڭكى نۇرغۇن ماتېرىياللاردىن كۆرگىنىم ياكى ھاياتلىق تەقرىبىلىرى ئارقىلىق يىغىنچاقلىغان خۇلاسەمدىن قارىغاندا، ئەقەللىيسى نېمىنى يېيىش، نېمىنى يېمەسلىك كېرەك، نېمىنى نېمە بىلەن قوشۇپ يېسە ئادەمگە زىيان قىلىدۇ، دېگەنلەرگە قەدەر بىزنىڭ تېبابەتچىلىكىمىزدە ئاللىبۇرۇن بەزى قائىدىلەر شەكىللىنىپ بوپتىكەن. مەن مۇشۇ قاتاردا ماددىي ئىستېمالغۇ جانغا زامىن بولىدىكەن، مەنىۋى ئىستېمالدا چاتاق چىقسا پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا زامىن بولىدىغان ئىشكەن دېگەننى يېقىندىن بۇيان كۆپ ئويلاندىم. دېمىسىمۇ، ماددىي ئىستېمالدىكى دىققەت قىلماسلىق بىر شەخسنىڭ جېنىغا زامىن بولسا ياكى زامىن بولالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنى خىلمۇخىل كېسەلگە گىرىپتار قىلغان بولسا، مەنىۋى ئىستېمالدىكى خاتا ئىستېمال قىلىش، بولۇپمۇ مەدەنىيەتنى تاللىماي ئىستېمال قىلىش شەخس بىلەن قالماستىن، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىگە زامىن بولىدىكەن، بۇ ھازىر ناھايىتى ئېنىق بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر مىللىتى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئەزەلدىن مەيلى ماددىي ئىستېمال، مەيلى مەنىۋى ئىستېمال بولسۇن، تاللاشقا ناھايىتى دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا بىر نەچچە خىل يېزىقنى تاللاپتۇ. مەن بۇنى يېزىق تاللاش ئەمەس، ئېھتىمال بۇ بىر مەدەنىيەتنى تاللاش دەپ قارىدىم. چۈنكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 -، 90 - يىللىرىدا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىزنىڭ پىنيىن يېزىقى ئاساسىدا لاتىن ھەرپىنى تاللىغانلىقىمىزمۇ شۇ ۋاقتىدىكى بىر خىل مەدەنىيەت تاللاش بولغان. كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتۇق. ھازىر يەنە ئوڭ تەرەپتىن سول تەرەپكە قاراپ خەت يېزىپ، خەلقئارا ئۇچۇر ۋە ئالاقىدا زور قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىمىز. مۇشۇنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا يېزىق تاللاش ئەمەس، ئەسلىي بىر خىل مەدەنىيەت تاللاش تەرىقىسىدە قوبۇل قىلغان بولساق، بىزنىڭ خەلقئارا بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىمىز ۋە تۇتۇشۇشىمىز ناھايىتى ياخشى بىر مەزگىلگە قەدەم قوياركەن دەپ ئويلايمەن. بۇ مىللەت ئۆزىنىڭ پۈتۈن تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا بىر نەچچە خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىپتۇ. مەن بۇ دىنلار توغرىسىدىكى ئېتىقادنىمۇ يالغۇز كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ياكى ئەيمەندۈرىدىغان بىر خىل ئېتىقادنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتىلىش ۋە بىر خىل مەنىۋى تەپەككۇر ئېلىپ كېلىدىغان مەدەنىيەتنىمۇ تاللىغان دېگەن يەرگە كەلدىم. دىننى تاللاش نوقۇل ھالدىكى دىن تاللاش ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن بىر مەدەنىيەتنى تاللىغان دېگەن يەرگە كەلدىم. دېمىسىمۇ بىزنىڭ خەلقئارادىكى ياكى ئىلىمىزدىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەممىسى بۈيۈك يىپەك يولىغا يۇنان - گىرېك مەدەنىيىتى، ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتى، ھىندى - بۇددا مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى كىرىپ كەلگەن، ئۇلار ئۆزئارا ئۇچراشقان، بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ، ئۇچقۇن پەيدا قىلغان، مۇشۇ يەرگە مەركەزلىشىپ، كېيىن تەرەپ تەرەپكە تارقالغان دەپ يازىدۇ. يالغۇز دىن كىردى دەپ تەتقىق قىلمايدۇ، بەلكى ئۇنى يەنە بىر مەدەنىيەت ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن مەن تارىخقا نەزەر سالسام، شۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقىتتا بۇ ئۇيغۇر مىللىتى شۇ دىنلارنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ، باشقا بىر مىللەت بولۇپ كەتمەپتۇ، شۇ خىل دىننى قوبۇل قىلىش جەريانىدا يالغۇز دىنىي ئەھكام ۋە ئەركانلارنىلا قوبۇل قىلماي، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان مەدەنىيەتنىمۇ قوبۇل قىپتۇ. مەن ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ قارىدىم. مىلادى 7 - ئەسىردە ئەرەب زېمىنىدا ياكى ئوتتۇرا شەرقتە قەدىمكى رىم مەدەنىيىتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن سوقرات، ئەپلاتون، ئارىسىتوتىللارنىڭ كىتابلىرى ئالدى بىلەن ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن لاتىن تىلى ئارقىلىق ياۋروپاغا قايتا بىر تەرجىمە قىلىندى. شۇ قاتاردا 8 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە ئوتتۇرا شەرقتە بىزگە مەلۇملۇق بولغان بىرونى، ئەل جەبىر، رۇشىد ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن قوشۇپ ھېسابلىغاندا ئىبىن سىنا، ئەل رازى، ئۆمەر ھەييام ۋە يەنە داۋاملاشتۇرغاندا شەيخ سەئىدى، غوجا ھاپىز شىرازى، پىردەۋىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى تونۇشتى. يالغۇز دىن بىلەنلا تونۇشمىدى، بەلكى شۇ چاغدىكى مەدەنىيەتنى گەۋدىلىك ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن نۇرغۇن ئەللامىلەر بىلەنمۇ تونۇشتى. ئۇلارنىڭمۇ ئىلغار پىكىر - قاراشلىرىنى قوبۇل قىلدى، يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ھىندىستاندىكى ۋە باشقا ئەللەردىكى مەدەنىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر تەركىبلىرىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئوزۇق ئالغانلىقى شەك - شۈبھىسىز ھەممىمىزگە ئايان مەسىلە. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قارا - قويۇق قوبۇل قىلىپ، يا ئەرەب بولۇپ كەتمىدى، يا پارس بولۇپ كەتمىدى، ياكى ھىندى بولۇپ كەتمىدى، ياكى باشقا بىر دۆلەتنىڭ مىللىي تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتمىدى، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ساقلاپ كەلدى. كېيىنكى مەزگىلدىكى تەرەققىيات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇر مىللىتى يالغۇز باشقىلارنىڭكىنى ئۆگىنىپ قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي، ئۆز ۋاقتىدا سانى بۇخارا دەپ ئاتالغان ۋە سەئىدىنىمۇ ئۆزىگە چىللاپ كېلىشكە جۈرئەت قىلغان قەشقەردەك زېمىندا يۈسۈف خاس ھاجىب 13 مىڭ مىسرالىق “قۇتادغۇبىلىك”نى، شۇنداقلا مەھمۇد كاشغەرىي “دىۋان” نى، ئەھمەد يۈكنەكى ئۆزىنىڭ “ئەتەبەتۇلھەقايىق” قاتارلىق ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقاردى. بۇ ئۇلاردىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۆگىنىپ ئەمەس، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت گۈللىنىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، 10 - ئەسىردە شىنجاڭدىن ئىبارەت مۇشۇ زېمىندىمۇ ئەدەبىيات - سەنئەت بىر قېتىم گۈللەنگەن، مۇشۇ مىللەتنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا تەپەككۇرى، ئوي - پىكرى، ئۆزىنىڭ ئىزدىنىشلىرى بولغان. ئۇلار تەبىئىي پەنلەر توغرىسىدا سۆزلىگەندە، يۈسۈف خاس ھاجىبمۇ ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە تۆت تادۇ ۋە ئاستىرونومىيە، گېئومېتىرىيە، تىرگونومېتىرىيە توغرۇلۇق ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭا بۇ مىللەت يالغۇز دىنىي ئەھكام ۋە ئەركانلارنىلا قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر تەركىبلىرىنىمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان دەپ ئېيتالايمىز. كېيىنكى تارىخ، بولۇپمۇ غەربىي يۇرت ناخشا - ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقىلىشى، 16 - ئەسىرگە كەلگەندە “ئون ئىككى مۇقام” بولۇپ شەكىللىنىپ مۇكەممەل بىر ھالەتكە كەلگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدىب، ئۆلىمالارنىڭ تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ۋەكىلى موللا بىلال نازىمىغا قەدەر داۋاملاشقانلىقى بىزنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە توغرا، ساغلام ئىستېمالدا بولۇپ، مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىپ كەلگەنلىكىمىزنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ھەتتا ئازادلىقنىڭ باشلىرىدا، مېنىڭ ئۆزۈم شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئېنىق بىلىمەن، 1950 - يىللاردا جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىجارە كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتى، زومىگەرلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر بولغاندا، بىزنىڭ دىنىي زاتلىرىمىز ناھايىتى زور رول ئوينىغان. شۇ چاغدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلاردا دىنىي زاتلارنىڭ، ئۆلىمالارنىڭ رولىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغان. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ھازىرقى كىيىنىۋالغان كىيىم - كېچەكلەر مەۋجۇت بولمىغان، ھەتتا ئەقەللىيسى مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىمۇ تۆت يانچۇقلۇق چاپان كىيىسىلەر دېۋىدى، دەرھال كىيىپ كەتكەنلىكىم ھازىرغىچە ئېسىمدە، بۇ يالغۇز بىر خىل قارىغۇلارچە قوبۇل قىلىش ئەمەس، بەلكى يەنە شۇ مىللەتنىڭ ئۆزىنىڭ ھۆرلۈككە، ئازادلىققا ئىنتىلىش جەريانىدىكى بىر خىل تاللىشى، شۇڭا ماددىي ئىستېمالدىكى تاللاش ناھايىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، مەنىۋى ئىستېمالدىكى تاللاشمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلگەن، ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، بىز مەنىۋى ئىستېمالدىكى خاتا ئىستېمال قىلىش مەسىلىلىرىگە قاراپ تۇرساق، ماددىي ئىستېمالدا ئەرز قىلغىلى بولغان ئورۇنلارغا ئەرز قىلغانغا ئوخشاش، بىزمۇ مەنىۋى ئىستېمالدا كەتكۈزۈپ قويغان جايلارنى ئۆزىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىزدەپ تۇرۇپ، بۇ ھەقتە گەپ قىلمىساق بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللەندى. چۈنكى، ئىنساننىڭ ئىستېمالى ئاساسەن مۇشۇ ئىككى ئىستېمال بولغاندا، ماددىي ئىستېمالنىڭ باياشات بولۇپ كەتكەنلىكى بىر مىللەتنىڭ مەنىۋى جەھەتتە قانچىلىك كاپالەتكە يەتكەنلىكىنى تېخى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. بىزنىڭ رېستورانلىرىمىز، ئاشپۇزۇللىرىمىز، بىز ئىشلىتىۋاتقان دورىلار، يەۋاتقان تاماقلار، كىيىۋاتقان كىيىملەر، ئېكرانلار، سەھنىلەر، خىلمۇخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مىللەتنىڭ كۈچلۈك مىللەتلەر، تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ئالدىراپ دەلىللەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدا چوقۇم بىر مەدەنىيەت ئوبرازى بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئوبرازى شۇ مىللەتنىڭ كىملىكى، بىر دۆلەت ئۈچۈن دۆلەتنىڭ كىملىكى. ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا قويۇشتا، بۇ دۆلەتنىڭ ئالدى بىلەن تەكىتلەيدىغىنى ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازى. شۇڭا مەدەنىيەتتىكى بىخەتەرلىك ئىنتايىن مۇھىم. بىر مىللەت ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھايات ياشاشتىن باشقا شۇنى دۇرۇس، ئۆرە قىلالايدىغان مۇھىم نەرسە مەنىۋىيەتتىكى ياكى مەدەنىيەتتىكى ئوبرازى. ئەگەر بىر دۆلەت، بىر مىللەت ئۆزىنىڭ مەدەنىيەتتىكى ئوبرازىنى قولدىن بېرىپ قويسا، بۇ دۆلەت، بۇ مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.



ھالقىلىق سۆزلەر : تارىم، مەدەنىيەت، سۆھبەت


بۇ سەھىپىدىكى ئەڭ يېڭى ئەسەرلەر
------分隔线----------------------------

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار