سۇلتان ھاشىم (يازغۇچى): ھازىر جەمئىيەتتىكى بەزىبىر ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن ئىچىم سىقىلىدىغان بولۇپ قالدى. بىرسى بىلەن مۇڭدىشىپ، ئاشۇ دەرد - ئەھۋالىمىزنى بىر قۇر دەۋالايلى دېسەك، بىكاردىن بىكار يوقىلاڭ بىر بالاغا قېلىپ يۈرمەيلى دەيدىغان بىر يەرگىمۇ كەپ قالىدىكەن كىشى. مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا بۈگۈن “تارىم” ژۇرنىلى نەشرىياتى مۇشۇنداق بىر يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇپتۇ، شۇڭلاشقا مەن مۇشۇ گەپلىرىمنى، كۆرگەنلىرىمدىن بىر نەچچىسىنى دەپ بەرمەكچى. بىر ھەپتە بۇرۇن نەنمىندا ئاپتوبۇس كۈتۈپ تۇرسام، ئۈچ ياش، بەش ياش، يەتتە ياشلاردىكى ئۈچ بالىنى ئاتا - ئانىسى ئاپتوبۇسقا ئېلىپ چىقماقچى بولۇپ ئ−ۆچىرەتتە ت−ۇرۇپتۇ. مەن ھېلىقى ئۈچ ياشلىق بالىغا قاراپ ئويلىنىپ قالدىم، مۇشۇ بالا بۈگۈن مۇشۇ كىيىمنى كىيىۋاتىدۇ، كېيىن بەش ياشقا بارغاندا، يەتتە ياش، ئون ياشقا بارغاندا باشقا كىيىمنى كىيگۈزۈپ قويسا ياق، مېنىڭ كىيىدىغان كىيىمىم باشقىتى، مەن ئورىلىدىغان بىر كىيىمنى كىيىپ ئۆگەنگەن، ماۋۇ زامانىۋى كىيىم ماڭا سەل يات تۇيۇلۇۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ ئۈچ ياش ۋاقتىدىن تارتىپ شۇنداق كىيىنىپ ئادەتلەندى. ئەمدى شۇ بالا چوڭ بولغان ۋاقتىدىچۇ؟ ئاشۇ ئورالغان كىيىمى بىلەن قانداق تەربىيەلەنگەن بولسا، كېيىن شۇ بويىچە تەربىيەلىنىپ، بىزنىڭ بايىقى دەۋاتقان مەدەنىيىتىمىزدىن بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىدۇ. مەن 1953 - يىلى غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە ئاتا - ئانامنى كۆرگىلى كەلگەندە بۇ يەردىكى مەدەنىيەتنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولغان. بىزنىڭ شۇ چاغدا كۆپرەك ئۇچرىشىدىغان كىتابلىرىمىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرىدىغان كىتابلار، كۆرۈۋاتقان كىنولىرىمىزمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن كىنولار بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەسىرى بىزگە باشقا مىللەتلەرنىڭكىگە قارىغاندا چوڭقۇرراق بولغان، شۇ چاغلاردا سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلار ئاجايىپ چىرايلىق كىيىنىپ كوچىغا چىقسا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن كىنولاردا تۇرمۇشتا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش بىزدىمۇ بولۇۋاتقاندەك ئىچ - ئىچىمدىن خۇشال بولاتتىم. ئۇ چاغدا مەدەنىيەت ئاشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، دېگەن بالىلارچە ئويمۇ بارتى. مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى غۇلجىدا تۈگەتكەن، غۇلجىدا رۇس مەكتىپى بارتى، ئۇ سىتالىن مەكتەپ دەپ ئاتىلاتتى، ئۇ مەكتەپتە كۆپرەك رۇسلار، تاتارلار، ئۆزبېكلەر، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئوقۇيدىغان، مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا دەرىجىلىك سىنىپلىرىمۇ بولىدىغان، بۇ يەردە ئاشۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇيتتى. ئۇلارنىڭ كىيىنىش، يۈرۈش - تۇرۇشلىرىنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. كېيىن مۇشۇنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىلىدىكى قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ كىيىم - كېچىكىدە، يۈرۈش - تۇرۇشىدا ئاجايىپ بىر جانلىقلىق، پاكىزلىق، روھىي تېتىكلىك بارلىققا كەلدى، بىز مۇشۇلارغا قاراپ روھلىناتتۇق. بىز خېلى تەرەققىي قىپتۇق، مەدەنىيىتىمىز خېلى ئىلگىرىكەن دەپ ئويلايتتۇق، ھەتتا شۇ چاغدا ئوقۇغان كىتابلار، كۆرگەن كىنولارغا قاراپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز شۇلارغا يېقىنلىشىۋېتىپتۇ دەپ روھلىنىدىغان، شۇ دەۋردىن تارتىپ ھازىرغا كەلگىچىلىك ئانچىمۇ چېكىنىش بولمىغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابىمۇ بىزنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمىزگە ئانچە - مۇنچە تىغ تەگكۈزۈپ باققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇزاق داۋاملاشمىغان، بىز ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى يەنە ساقلاپ، ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنىدۇق. ئەمدى باياتىنقىدەك ئەھۋاللار ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرۇپ قويىدىكەن. مەن ئاشۇ كىچىك ئىككى بالىغا قاراپ ئىچىم ناھايىتى سېرىلىپ كەتتى. بۇ مۇشۇنداق ماڭسا كېيىن قانداق بولار، يالغۇز ئۇ بىر بالىلا ئەمەس، بىزنىڭ ئۆپچۆرىمىزدە مۇشۇنداق ئىشلار خېلى كۆپ. ئىلىغا بارسام، ئەمدى ئاشۇ يەردە توي - تۆكۈنلەردە ساز چالىدىكەن دەپ كىرمىسە، توي - تۆكۈنلەردە ناخشا - مۇزىكا ئاڭلاتمىسا ياكى ئاڭلىغانلارنى ياقتۇرمىسا، بۇ قانداق ئەھۋال بولۇپ كەتتى دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، تەشۋىقات بۆلۈمى مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ بىر نەچچە قېتىم سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. دېمەك، ئۇلارمۇ بىلىدىكەن، ئۇلارمۇ ھازىرقى شەكىللىنىۋاتقان ئاشۇنداق مەدەنىيەتسىز ئىشلارغا نىسبەتەن تەربىيە قىلىش، تەشۋىقات قىلىش، ماقالە يېزىش، مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇشۇ ئىشنى ئوڭشاش لازىملىقىمىزنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ. بۇ ياخشى ئىشكەن، بىزمۇ ئۆزىمىزنى زىيالىي دەپ يۈرۈۋاتىمىز، مۇشۇ ئىشنى دەل ۋاقتىدا توسۇمىساق ياكى توساش ئۈچۈن ئانچە - مۇنچە ھەرىكەتكە كەلمىسەك، سۆزلىمىسەك، بۇ ئەھۋال ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئالدى ئېلىنمىسا، يەنە بەش - ئالتە يىلدىن كېيىن مىللەت نېمە بولىدۇ؟ نەگە بارىمىز، نېمە قىلىمىز؟ بۇنى مۆلچەرلەش قىيىن. “تارىم” ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغىنى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭكى بەزىبىر ئويلىغانلىرىمنى دەپ قالدىم، ئىچىممۇ سەل بوشاپ قالدى. شۇڭلاشقا ھەممىمىز مۇشۇ ئىشقا تەڭ ئاتلانساق، ھەممىمىزنىڭ قولىدا قەلەم توختايدۇ، يازىدىغانلىرىمىز يازساق، سۆزلەيدىغانلىرىمىز سۆزلىسەك، مۇشۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ھەممىمىز تەڭ كۈچ چىقارساق دەپ ئويلايمەن. |