جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدا مەملىكەتلىك قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە «بالىلارنى قوغداپ، سەرگەردانلىق ھاياتىغا خاتىمە بېرىش»نى باش تېما قىلغان سەرگەردان بالىلارنى تېپىپ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوڭۇشلۇق قايتىشى، جەمئىيەتكە سىڭىشىشىغا ياردەم بېرىپ، قايتا سەرگەردان بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە، جايلار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنىڭ ياشاش ئەھۋالىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، ئوخشىمىغان ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈپ، تۈرگە بۆلۈپ قۇتقۇزىدۇ. سەرگەردان بالىلار بار جايلار ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرگە ماسلىشىپ، قۇتقۇزۇش، قوغداش مۇلازىمەت تورى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قورامىغا يەتمىگەن سەرگەردانلارنى قۇتقۇزۇش، قوغداش ئورگانلىرىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىشقا ئۈندەپ، يېتەكلەپ ۋە ئاپىرىپ قويۇپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنى تىلەمچىلىككە مەجبۇرلاش، ئالداش، پايدىلىنىش ۋە قورامىغا يەتمىگەنلەرنى ئالداپ سېتىش قاتارلىق جىنايى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىشى كېرەك.
مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |