ئۆپكە ئارتېرىيىسى تارىيىش بولسا دائىم ئۇچرايدىغان تۇغما يۈرەك قان تومۇرلىرىدىكى غەيرىيلىك بولۇپ، تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە تەخمىنەن %10 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭ پاتولوگىيىلىك ئاناتومىيىلىك ئىپادىلىرىگە قاراپ كلىنىكىدا ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تارىيىش، ۋارونكا قىسمى تارىيىش، ئۆپكە ئارتېرىيە يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق قاتارلىق بىر قانچە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تارىيىش ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا، ۋارونكا قىسمى تارىيىش نىسبەتەن كۆپرەك ئۇچرايدۇ، ئۆپكە ئارتېرىيە تارماقلىرى تارماقلىرى تارىيىش ئاز ئۇچرايدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.