مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1283 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

بىرقانچە خىل ئېغىر تىپتىكى زىققە كېسىلى بەدەندە تۇز يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. مەن سىلەرگە بىر مەخپىي رېتسېپنى ئېيتىپ بېرەي، تۇز بولسا ھىستامىنغا قارشى تۇرغۇچى تەبىئىي دورا. زىيادە سېزىمچانلىققا گىرىپتار بولغۇچىلار تۇزنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك، ئۇ ھىستامىننىڭ زىيادە ھاسىل بولۇشىنى توسىدۇ. 

ئۆپكە سۇغا تايىنىپ نەپەس يولىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ، ھاۋا ئالمىشىپ تۇرۇش تۈپەيلىدىن نەپەس يولىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەم تېنىدە سۇ كەمچىل بولغاندا ئۆپكە بەلغەم ئاجرىتىپ چىقىرىش ئارقىلىق نەپەس يولىنىڭ نەملىكىنى ساقلايدۇ. زىققىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، بەلغەم ئۆپكىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ. مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا بەلغەمنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ نەپەس يولىنى توسۇۋالىدۇ. (ئاش) تۇزى تەركىبىدىكى ناترېي بولسا تەبىئىي بەلغەم بوشاتقۇچى دورا. ئادەتتە ناترىينىڭ نەپەس يولىغا ئاجرىتىلىپ چىقىرىلىشىنىڭ رولى بەلغەمنى بوشىتىش. بۇ دەل بەلغەمنىڭ تۇزلۇق بولۇشىنىڭ سەۋەبى. 

ئۆپكىدىكى بەلغەمنى بوشىتىش ۋە نەملىكنى ساقلاش، بۇ ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا ئاساسەن چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن چوقۇم تۇز بولۇشى زۆرۈر. بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا، سۇنىڭ قوغداش مېخانىزمى ھەم ماس ھالدىكى تۇزنىڭ قوغداش مېخانىزمى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەلغەمنىڭ تەركىبىدىكى تۇزنىڭ مىقدارىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نورمال سەۋىيىدە ساقلايدۇ. ئۇنىڭ رولى تارايغان ھالەتتىكى كانايچە ئەسلىگە كەلگۈچە بەلغەمنىڭ سۇيۇق ھالىتىنى ساقلاپ، بەدەن سىرتىغا ئاسان چىقىرىپ تاشلاش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاش. ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرگە نىسبەتەن، سۇ بىلەن تۇزنىڭ رولىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. مەيلى بەلغەمنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بولسۇن، مەيلى ئۆپكىنىڭ نورمال يېتىلىشى ۋە فۇنكسىيىسى ئۈچۈن بولسۇن، تۇز بىلەن سۇنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ دەل پىرىنستون خانىم ۋە دوكتور رىۋىلانىڭ زىققە كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ سەۋەبى. 

زىققا بولسا داۋالاش زۆرۈر بولغان <<كېسەللىك>> ئەمەس. ئۇ پەقەت ئادەم ئورگانىزمىنىڭ سۇ ۋە تۇزنىڭ يېتىشمەسلىكىگە قايتۇرغان (ئىپادىلەنگەن) فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاسى. ئەگەر قەرەللىك ۋە بەلگىلىك مىقداردا تۇز ۋە سۇنى تولۇقلاپ تۇرمىغاندا ئۇ ھەرۋاقىت قوزغىلىشى مۇمكىن. شۇڭا زىققە بىمارى تۇزنىڭ ئىستېمالىنى بەلگىلىك ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىسپىرت ۋە قەھۋە زىققىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. شۇڭا پەرھىز تۇتۇش زۆرۈر.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.