مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1260 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

خەپرۈك ( بەلغەم) نەپەسلىنىش سىستېمىسىنىڭ ئاجرالمىسى بولۇپ، بەلغەمنى تەكشۈرۈش نەپەسلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكىگە دىياگنوز قويۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 


خەپرۈكنى تەكشۈرۈشمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئاددىي كۆز بىلەن قاراپ تەكشۈرۈش، مىكروسكوپتا تەكشۈرۈش ۋە جاراسىم ئۆستۈرۈپ تەكشۈۈرۈشتەك ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. 


1. خەپرۈك ۋە كېسەللىك: 


ساق ئادەملەردىن بەلغەم چىقمايدۇ. چىققاندىمۇ سەھەردە 1-2 قېتىم كېچىدە توپلانغان خەپرۈكنى تۈكۈرۈپ كانايلارنى تازىلايدۇ. 


كانايچە ياللۇغى بار بىمارلار ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى بار بىمارلاردا بەلغەم كۆپىيىپ كېتىدۇ. كاناي مەنبەلىك زىققە ۋە دەسلەپكى دەۋردىكى كاناي ياللۇغى بار بىمارلارنىڭ بەلغىمى تولىراق ئاق كۆپۈك شەكلىدە كېلىدۇ. 


كونا كاناي ياللۇغى ۋە كاناي كېڭىيىپ كەتكەن بىمارلارنىڭ خەپرۈكى سېرىق يىرىڭسىمان بولىدۇ. ئۆپكە ياللۇغى (زاتىلىرىيە) ۋە ئۆپكە قاپلىق قۇرتى بار بىمارلار بەزىدە خۇددى تۆمۈر دېتى رەڭگىدە بەلغەم تۈكىرىدۇ. 


ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ بەلغىمى يىرىڭسىمان، مىقدارى كۆپ، سېسىق پۇراقلىق كېلىدۇ. شېشىگە تۆكۈپ تىنچ قويۇپ قوسا ئۈچ قەۋەتكە ئايرىلىپ قالىدۇ. 


ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى بار بىمارلارنىڭ خەپرۈكى قىزغۇچ كۆپۈكلۈك كېلىدۇ. 


ئۆپكە سىلى، كاناي كېڭەيگەن، ئۆپكىگە قان يىغىلغان (يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن)، زاتىلرىيە ۋە ئۆپكە سەرتانى بار بىمارلار قاتتىق يۆتەلگەندىن كېيىن، نەپەس يوللىرى شىللىق پەردىلىرى زېدىلەنسە، بەلغەم قان ئارىلاش چىقىدۇ. 


داۋاملىق خاڭ ئاستىدا ئىشلىگەن، تۇرخۇن ئىشلىرى بىلەن نەپەسلەنگەن كىشىلەرنىڭ خەپرۈكى قارا كېلىدۇ. 


چاڭ-توزانلىق مۇھىتلاردا ئىشلىگۈچىلەر، پاختا-يۇڭ ئاتقۇچىلار ۋە باشقىلارنىڭ خەپرۈكى توپا ئارىلاش كېلىدۇ (ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ ئۆپكىسىگە كۆمۈر چاڭلىرى، توپا-چاڭ ئولتۇرۇپ ئۆپكە كېسىلى شەكىللىنىدۇ.)


خەپرۈكنى مىكروسكوپتا تەكشۈرگەندە، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان ھەرخىل جاراسىملار، سۇيۇلۇپ چۈشكەن نەپەس يولى شىللىق پەردىلىرىنىڭ ھۈجەيرىلىرى، ھەتتا بۇزۇلغان توقۇلما تاشلاندۇقلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. 


2. ھەرخىل كېسەللىكلەرنىڭ خەپرۈكى: كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى، مىزاجى، خىلىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بىمارلارنىڭ خەپرۈكىدىمۇ روشەن پەرقلەر بولىدۇ. كىلىنىكىدا كۆپ ئۇچرايدىغان خەپرۈكتىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل بولىدۇ. 


1)  خەپرۈك قىزىل بولسا نەپەس يولىدىكى قىل قان تومۇرى زەخىملەنگەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ.


2) خەپرۈك كۆپ بولۇپ كاللەك چىقىشى، بەزىدە يىرىڭ ئارىلاش كېلىشى سەۋدا، بەلغەم مىزاجىدىكىلەرنىڭ سىل كېسىلىدىن بەلگە بېرىدۇ. 


3) خەپرۈكنىڭ رەڭگى سېرىق بولسا سەپرا ماددىسى ئارىلاشقانلىقىنىڭ، ئەگەر سېرىق بولۇپ بەتبۇي بولسا، سۇغا سالسا چۆكۈپ كەتسە، سىل كېسىلىنىڭ بەلگىسىدۇر. 


4) خەپرۈك ئاق بولۇپ قان ئارىلاش كەلسە، كانايدا سىل كېسىلى بارلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ. 


5) خەپرۈكنىڭ قارا كېلىشى ئۆپكىدە ئوفۇنەت (چىرىش) بارلىقنىڭ ياكى ئۆپكە راكىدىن بەلگە بېرىدۇ. 


6) خەپرۈكنىڭ ئاق مازغاپتەك كېلىشى ئۆپكىدە ھۆللۈكنىڭ زىيادىلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 


7) خەپرۈكنىڭ چىقماسلىقى ياكى تەستە چىقىشى نەپەس قىستاش كېسەللىكىگە، يۈرەك، ئۆپكە زەئىپلەشكەنلىكىگە بەلگە بېرىدۇ. 


شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.