مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1013 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپى—تاماكا چەكمەيدىغان ئاياللارنىڭكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق . بۇ ھەممىگە ئايان . ھازىرقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە ، ئەر تاماكا چەكسە ئايالنىڭ سەكتە بولۇش خەۋپى شۇ ئايالنىڭ ئۆزى چەككەندىنمۇ يۇقىرى بولىدىكەن . ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا تاماكا چېكىش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن . بىراق سەكتىگە بولغان تەسىرى مۆلچەرلەنمىگەن . تاماكا چېكىشنىڭ سەكتە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ئۈچۈن ، تەتقىقاتچىلار 5379 ئايالنى تەكشۈرۈپ ، 1982–يىلىدىن 1984–يىلىغىچە دەسلەپكى دىياگنوزنى ۋە 10 يىللىق كىلىنىكا ماتېرىياللىرىنى توپلىغان . نەتىجىدە ئەر–خوتۇن تاماكا چەكسە ياكى بىر تەرەپ تاماكا چەكسە سەكتە بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن . بۇنىڭ ئىچىدە مېڭە تىقىلمىسى بەش ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.