يۆتەل ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل مۇدائىپەلىنىش رېفلېكسى بولۇپ، ئۇ نەپەس يوللىرىغا سىرتتىن كىرگەن ھەرخىل يات ماددىلارنى تازىلاش ئۈچۈن ياردەم بېرىدۇ. شۇنىڭدەك نەپەس يوللىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئىچكى ئاجراتمىلارنى سىرتقا چىقىرىۋېتىشكىمۇ ياردەم بېرىدۇ. بۇ بولسا يۆتەلنىڭ ئادەمگە پايدىلىق بىر تەرىپى. يۆتەلنىڭ ئادەمگە زىيانلىق تەرىپىمۇ بار. ئادەم تۆتىلىشتىن بۇرۇن ياكى كېيىن دائىم كۈچەپ ھاۋا سۈمۈرۈش ھەرىكىتىنى قىلىدۇ، شۇ چاغدا نەپەس ئېلىش يوللىرىدىكى ياللۇغلار كىچىك كانايچىلارغا تارقىلىپ يۇقۇملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ. يۈرەك كېسەللىكى بار ئادەملەر يۆتەلگەندە يۈرەك خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.
يۆتەلنىڭ تۈرى ھەر خىل بولۇپ، يۆتەلنىڭ رىتىمى، ئاھاڭى، خاراكتېرى ۋە كېسەل پەيدا قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى چۈشىنىش ۋە پىششىق بىلىشنىڭ كېسەللىكنى ئۆزى پەرق ئېتىشتە پايدىسى بار.
يۆتەل رىتىمىدىن كېسەللىكنى پەرق ئېتىش: يالغۇز چىققان كالتە يۆتەل كۆپىنچە كېكىردەك ياللۇغى، كاناي ياللۇغى بولغانلاردا ۋە ئۆپكەسىلىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ياكى تاماكا چەككۈچىلەردە كۆرۈلىدۇ. ئۈزلۈكسىز توختىماي تۆتىلىش كۆپىنچە سوزۇلما كانايچە ياللۇغى، كانايچە كېڭىيىش ياكى ئۆپكە سىلىگە قوشۇلۇپ كەلگەن ئۆپكە كاۋاكچە سىلىدە كۆرۈلىدۇ. تۇتقاقلىق يۆتەل يات ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالغاندىن كېيىن ھاۋا توسقۇنلۇققا ئۇچراپ نەپەسلىنىش قىيىنلاشقاندا ۋە ئۈچ ئويمان ئالامىتى كۆرۈلگەندە (تۆش سۆڭەك يۇقىرى ئويمىنى، ئوقۇرەك يۇقىرى ئويمىنى «ئوقۇرەك» قوۋۇرغا ئارىسى بوشلۇقى بىلەن يۇقىرىقى قورساق قىسمى ھاۋا سۈمۈرۈش ۋاقتىدا ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ)، كۆك يۆتەل، كانايچە زىققە، كانايچە سىلى، ئۆپكە كانايچەراكى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يۆتەل ئاۋازىدىن كېسەللىكنى پەرق ئېتىش.
ئۆپكە ياللۇغى ۋە كۆكرەك پەردە ياللۇغى بولغان كېسەللەر كالتە تۆتىلىدۇ. ئۆتكۈر كېكىردەك ياللۇغى، بوغما كېسلى بولغان كېسەللەر يۆتەلسە، خۇددى قومۇش سۇنغاندەك بولىدۇ. ئىت ھاۋشۇغاندەك يۆتىلىش، يالغان ئاۋاز پەردىسى ئىششىقى، غول ئارتېرىيە يايى ئۆسمىسى، دىئافراگما ئۆسمىسىنىڭ بېسىشى، كېكىردەك كېسەللىكى، مەسىلەن: بوغما قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. سپازمىلىق تۇتقاقلىق يۆتەل، كۆك يۆتەل ۋە كانىيىدا يات ماددا تۇرۇپ قالغان كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ. بوغۇلۇش خاراكتېرلىك يۆتەل ئاۋاز پەردىسى ياللۇغى ياكى دىئافراگما ئۆسمىسى بىلەن غول ئارتېرىيە يايسى ئۆسمىسى كېكىردەك قايتىش نېرۋىسىغا تاجاۋۇز قىلغاندا پەيدا بولىدۇ. يۆتەلسە ئاۋازى چىقماسلىق ئاۋازسىز يۆتىلىش بولۇپ، بۇ ئاۋاز پەردىسى سۇلۇق ئىششىقى بار ۋە پۈتۈن بەدىنى ناھايىتى ئاجىزلىشىپ كەتكەن كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ.
يۆتىلىشتىن كېلىپ چىققان كېسەلنى پەرق ئېتىش.
تۇيۇقسىز باشلانغان يۆتىلىش يات ماددىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كېكىردەك ياللۇغى، ئۆتكۈر كېكىردەك ياللۇغى، ئۆتكۈر كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، كۆكرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. سوزۇلما كېسەللىكلەردىن باشلانغان يۆتەل ئۆپكە سىلى، سوزۇلما كانايچە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يۆتىلىش باشلانغان ۋاقىتقا قاراپ كېسەللىكنى پەرق ئېتىش:
كانايچە ياللۇغى، سوزۇلما كانايچە ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر كۆپىنچە ئەتىگەندە تۆتىلىدۇ. كۆكيۆتەل، زىققە، ئۆپكە سىلى ۋە يۈرەك ئىقتىدارى زەئىپلەشكەن كېسەللەر كېچىسى كۆپ يۆتىلىدۇ. كانايچە ياللۇغى ۋە ئۆپكىدە ياللۇغ بار كېسەللەر كۈندۈزى كۆپرەك يۆتىلىدۇ.
يۆتەل ۋە بەلغەمنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ كېسەللىكنى پەرق ئېتىش:
بەلغەم يوق قۇرۇق يۆتەل غىدىقلاش مەنبەلىك قېقىلىپ تۆتىلىش. سوزۇلما كېكىردەك ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، كاناينىڭ بېسىلىپ قېلىشى قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. تۈكۈرگەن بەلغەم يىرىڭدەك سېرىق رەڭدە بولسا، ئۇ ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكلىرىدە مەسىلەن: چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى، كانايچە ياللۇغى، يىرىڭلىق كۆكرەكتىكى يىرىڭنىڭ كانايچىغا بۆسۈپ كىرىشى قاتارلىقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەلغەم تۆمۈر دېتى رەڭدە بولسا، ئۇ چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. سوزۇلما كانايچە ياللۇغىدا بەلغەم ئاق كۆپۈككە ئوخشاش بولىدۇ. ئۆپكەباكتېرىيە بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، بەلغەم ئاق شىلىمشىق يىپسىمان بولىدۇ. يەڭگىل ئۆپكە سىلى بار كېسەل ئاق بەلغەم تۈكۈرىدۇ. ئەگەر بەلغەمدە قان بولسا، سىل كېسىلىنىڭ ئۆپكە قان تومۇرىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى ئويلاش كېرەك. ئوتتۇرا ياشتىن يۇقىرى كېسەللەر قان ئارىلاش بەلغەم تۈكۈرسە، ئۆپكە راكىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالى بولىدۇ. بەلغەم سۇس يېشىل رەڭدە بولسا، ئۆپكىنىڭ يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بەلغەم شاكلات رەڭگىدە بولسا، ئاميوبالىق ئۆپكە يىرىڭلىق كېسەللىكنىڭ ئېھتىمالى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇنىڭغا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك. قارا قىزىل رەڭلىك بەلغەم بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە كۆكرەك قاتتىق ئاغرىسا ئۆپكە تىقىلمىسىنى ئويلاش كېرەك. ئۆپكە شورىغۇچ قۇرت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ بەلغىمى سېسىغان شاپتۇل ياكى بېلىق قورسىقىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر بەلغەمنى سۈزۈك ئەينەك قۇتىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قارىغاندا بەلغەم ئۈچ قەۋەتكە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرى قەۋىتى ئاق رەڭلىك كۆپۈكچىسىمان شىللىمشىق سۇيۇقلۇق، ئوتتۇرا قاتلىمى بىر ئاز سۈزۈك كەلگەن شىرنىلىك سويۇقلۇق، ئاستىنقى قەۋىتى بولسا سېرىق رەڭلىك يىرىڭ ياكى ھۈجەيرە قالدۇقلىرىنىڭ چۆكمىسى بولىدۇ. بۇ كانايچىلارنىڭ كېڭىيىش كېسىلى، ئۆپكە يىرىڭلىق يارىسى، ئۆپكە گانگرېنا (توقۇلمىلار چىرىپ ئۆلۈشنىڭ بىر تۈرى) نىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر.
يۆتۈلىشكە قوشۇلۇپ كېلىدىغان باشقا ئالامەتلەر: يېتىش ئۇسۇلى ئۆزگەرگەندە پەيدا بولغان يۆتەل قىسمەن كانايچىلار كېڭىيىش، سوزۇلما ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ياكى كۆكرەك پەردە كانايچە ئاقمىسى كېسەللىكلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ.
يېمەكلىك يەۋاتقاندا پەيدا بولغان يۆتەل قىزىلئۆڭگەچ بىلەن كانايدا ھەم كانايچىلار ئۆتىشىپ تۇرىدىغان يەردە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر قىزىلئۆڭگەچ راكى زىدىلىنىپ راك ھۈجەيرىلىرى نەپەس ئېلىش يوللىرىغا بۆسۈپ كىرگەن بولسا، تۈكۈرگەن بەلغەمدە ئەمدىلا يېگەن تاماق كۆرۈلىدۇ. قۇسۇپ يۆتىلىش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا بالىلاردىكى كۆكيۆتەل، كانايدا يات ماددا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا كۆرۈلىدۇ. نەپەس ئېلىش تېز بولۇپ، ئۇنىڭغا يۆتىلىش قوشۇلۇپ كەلسە ۋە زىققە خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى بولغاندا ئالدى بىلەن يۆتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن زىققە پەيدا بولىدۇ. كانايچە زىققە قوزغالسا، ئالدى بىلەن زىققە تۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۆتىلىش پەيدا بولىدۇ. كېچىدە تۇيۇقسىز يۆتىلىپ كەتسە، دىمى سىقىلىپ ياكى ئولتۇرۇپ نەپەس ئالسا، كېسەل ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتسە، بۇنى سول يۈرەكنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىدىن دەپ قاراش لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.Saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ…
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.