مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1361 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

* قارا زەنجىۋىلنى شېكەرگە قوشۇپ دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ . 

* توخۇ شورپىسىغا قارىمۇچ ، زەنجىۋىل قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەرنى ئازراق سېلىپ قىزىق پېتى ئىچىپ بەرسە ياكى ئۈگرە ئاشقا سېلىپ ئىچىپ بەرسە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ . 

* ئىككى چېكە ، پېشانە ئوتتۇرىسىغا ، بۇرۇن بىلەن يۇقىرىقى لەۋ ئوتتۇرىسىغا ئازراقتىن چىش پاستىسى سۈركەپ 10 مىنۇت ئەتراپىدا تىنچ تۇرسا زۇكامنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ . 

* 20 تال يەر ياڭىقى (خۇاسىڭ) شاكىلى بىلەن ئۈچ تال سۇڭپىيازنى يىلتىزى بىلەن ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ مۇۋاپىق قاينىتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن قىزىق پېتى ئىچىپ تەرلەنسە زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ . ناۋادا زۇكام بىلەن بىللە قوسۇش ، كۆڭۈل ئاينىش قوشۇلۇپ كەلسە ، رېتسېپقا يەنە تۆت تال زەنجىۋىل قوشۇۋەتسە بولىدۇ ، ئەگەر يۆتەل يۇتقۇنچاق ئاغرىقى قوشۇلۇپ كەلسە ، نەشپۈتتىن ئازراق قوشۇپ دەملەپ ھەر كۈنى كەچتە بىر قېتىمدىن ، ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.