تونۇش:
ئۆپكە ياللۇغى (زاتىلرىيە)نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆپكىنىڭ ئاساسى ماددىسى بولغان ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئىچىدە سوغىما سۇيۇقلۇقلار جىددىي سېزىپ چىقىدىغان ياللۇغلىنىشنىڭ كېسەللىك بولۇپ، ھەر قانداق ياشتىكى ئادەملەردە يىلنىڭ ھەر قايسى پەسىللىرىدە يۈز بىرىدۇ.بولۇپمۇ، بالىلار (جۈملىدىن بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەر) ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئاغرىپ ئاجىزلىغاندا ئوڭايلا سادىر بولىدۇ.
سەۋەبى:
ئۆپكە ياللۇغى ئىسسىق (ئۆتكۈر) سوغۇق (سوزۇلما) تەۋەلىك كېسەللىكلەردە نەزلە سۇيۇقلۇقى ئۆپكىگە چۈشكەنلىكتىن ئىناق (بادامچە بەزلەر ياللۇغى) ئېغىز ئېلىپ مەزكۇر جاراسىملىق، زەھەرلىك سۇيۇقلۇقنىڭ كاناي ئارقىلىق ئۆپكىگە چۈشۈشىدىن ئۆپكە پەردە ياللۇغى تەرەققىي قىلىپ ئۆپكىگە يامراشتىن، گالدا باشقا ئەزالار شىرىكچىلىكىدىن تاشقىرى- نەپەسلىنىش يوللىرىدىن چاڭ- توزانلار بىلەن بىللە ھەر خىل جاراسىملار ئۆپكىگە كىرىشتىن سادىر بولىدۇ. لېكىن، نەزلىدىن بولغىنى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. چۈنكى، بۇ ھالدا شۇ مۇنەكلىك نەزلە ماددىسى ئوڭايلا ئۆپكىگە يۆتكىلىدۇ. ھەمدە، ئۆپكە ياللۇغى كۆپۈنچە بەلغەم ماددىسىدىن ياكى قان ماددىسىدىن ھاسىل بولىدۇ.
كىلىنكىلىق ئىپادىسى:
كېسەللىك باشلىنىشتىن بىر-ئىككى كۈن بۇرۇن بىماردا ھارغىنلىق، باش ئاغرىش، ئىشتەي تۇتۇلۇش ھادىسىلى بولىدۇ.كېسەللىك جىددىي باشلىنىپ، كېسەل كىشى توڭۇپ تىترەيدۇ. بەدەن ھارارىتى كۆتۈرۈلىدۇ. يۇقىرى ئىستىقا داۋاملىق بولىدۇ.دېمى تۇتۇلىدۇ، كۆكرەكنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا سانجىت پەيدا بولىدۇ. كۆزى ۋە يۈزى قىپ-قىزىل بولىدۇ، تىلى قۇرۇيدۇ، ئۇسسۇزلۇق كۈچلۈك بولىدۇ، تۆمۈرنىڭ سوقۇشى دولقۇنلۇق بولىدۇ، قۇرۇق ھۆتەل كۈچلۈك بولىدۇ.
ئېغىرراق كېسەللەر كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسىدۇ، يۈرەك ھەرىكىتى تېزلىشىدۇ، ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇپ جۆيلىدۇ. خەپرۇك دات رەڭدە كېلىدۇ، كالپۇكلىرىغا قوقاق چىقىدۇ، تىلىنى قارامتۇل سېرى گەز باغلايدۇ.
داۋالاش:
1. بىمارنى ياتقۇزۇپ ئوبدان ئارام ئالدۇرۇش، ئۆينىڭ تازىلىقى، ھاۋاسى، نەملىكى، ئىسسىق- سوغۇقلۇقى قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىرىش.
2. قىزىتمىسىنى چۈشۈرۈش.
3.ياللۇغلىنىشنى كونترول قىلىش.
4.ئىممۇنىت كۈچىنى كۈچەيتىش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.