مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1176 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تونۇش : سوغۇقتىن بولغان زۇكام-ھەرخىل سوغۇقلۇق ئامىللارنىڭ بەدەنگە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىققان كېلىنكىدا باش ئېغىرلىشش،ئېغىزدىن شالۋاق ئېقىش، پۇتۇن بەدەن مۇزلاش،بۇرۇندىن كۆپ مىقتاردا سۇيۇقلۇق ئېقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: قاتتىق سوغۇق ئۆتۇپ كېتىش،ھۆل يېغىندا قېلىش،سوغۇق مۇھىتتا خىزمەت قىلىش،سوغۇق تەبىئەلتىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: باش ئېسىلىپ ئاغرىيدۇ، بۇرۇندىن كۆپ مىقتاردا سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ. قىزىمايدۇ،ئۇسسىمايدۇ،تەم پۇراق سىزىمى تۆۋەنلەيدۇ، ئېغىر بولغانلاردا پۇتۇن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. سوغۇققا توڭۇپ مۇزلايدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى : كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى تەڭشەش،ياللۇغ قايتۇرۇش،مېڭىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.