يوغان قورساق ئۆپكە ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ
فرانسىيە تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا : قورساق سېمىز بولسا ، ئۆپكە ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ، دېدى ۋە قورساق يوغان بولۇشقا ئالاقىدار نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىسى توغرىسىدا يېڭى ئۇقۇملارنى ئوتتۇرىغا قويدى .
كىشىلەر قورساقنىڭ يوغان بولۇشىنىڭ قەنت سىيىش ، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلى قاتارلىق بىر مۇنچە كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بالدۇرلا بىلگەن .
ھازىر تەتقىقاتچىلار : مەيلى سېمىزلىك ياكى تاماكا چېكىش قاتارلىق ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا مۇرەككەپ ئامىللار بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، قورساقنىڭ يوغانلىقى ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.