مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1210 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

مۆلچەرلىنىشچە، 12 مىليون ئۆسمۈر زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە مىڭ ئۆسمۈر بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، زىققە بىمارىنى نەپەس سىقىلىش ئازابىدىن قۇتقۇزۇپ، بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە زىققە كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل تۈگىتىش تامامەن مۇمكىن. لېكىن ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، زىققە بىمارلىرى ئۆز بەدىنىدىكى بۇ خىل كېسەللىكنىڭ سۇ كەملىك سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايۋاتىدۇ. (تونۇپ يېتەلمەيۋاتىدۇ)

زىققە كېسەللىكى ۋە زىيادە سېزىمچانلىق كېسەللىكى ئادەم تېنىدە نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ ماددى بولغان ھىستامىننىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھىستامىن بولسا سۇ مېتابولىزمىنىڭ سەزگۈچىسى (سېنزورى) ۋە تەڭشىگۈچىسى بولۇپ، ئۇ سۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى تەقسىملىنىشىنى كونترول قىلىدۇ. 

ئادەتتە، زىققە بىمارىنىڭ ئۆپكىسىدە (ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا) ھىستامىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتكەندە ئۇ كانايچە مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ھىستامىننىڭ مىقدارى زادى نېمە ئۈچۈن ئۆرلەپ كېتىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ بىر خىل تەبىئىي فىزىئولوگىيىلىك تەڭشەش جەريانى بولۇپ، بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا ھىستامىننىڭ مىقدارى ئېشىپ، كانايچە مۇسكۇىنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ھور شەكلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىدۇ. 

ھىستامىن بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭشىگۈچىسى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا باكتېرىيە، ۋىرۇس ۋە يات ماددىلارغا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بەدەندىكى سۇنىڭ مىقدارى نورمال بولغاندا، بۇ خىل مۇداپىئە پائالىيىتى ھېچقانداق غەيرىي ئالامەتسىز ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق ئادەم بەدىنىدە سۇ كەمچىل بولغاندا، ھىستامىن ئاساسەن دېگۈدەك سۇ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن سەرپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ھىستامىن ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەرنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا، فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلەر ئۈچۈن ساقلانغان نېرۋا ئۆتكۈزگۈچ ماددىلىرىنى (ھىستامىن) كۆپ مىقداردا قويۇپ بەرگەچكە ھىستامىننىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ.

 ھايۋانات تەجرىبىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ھىستامىن ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەردىكى ھىستامىننىڭ مىقدارى ئىستېمال قىلىنغان سۇ مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەكسىچە تۆۋەنلەيدىكەن. كىشىلەر زىققە ۋە زىيادە سېزىمچانلىق ئالامەتلىرىگە ھوشيار تۇرۇشى، ھەر ۋاقىت سۇنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى تەڭشەپ تۇرۇشى كېرەك. بىر ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە تەڭشىگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى ئىككى خىل كېسەللىكتە ياخشىلىنىش بولىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.