تونۇش:
ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ئاساسلىقى شافىچە كاناي، ئۆپكە توقۇلمىلىرى ياكى ئۆپكە ئارتىرىيە قان تومۇر كېسەللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە يۇقىرى سىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسىلى.
ئاستا خاراكتىرلىك ئۆپكە مەنبەلىشىش يۈرەك كېسىلى ئۆپكە، كۆكرەك ۋە ئۆپكە ئارتىرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ سۇزۇلما كېسەللىكلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكە ئايلىنىش توسالغۇغا ئۇچراش كۆپۈيۈپ، ئۆپكە ئارتىرىيە بېسىمى يۇقىرىلاپ ئوڭ يۈرەك چوڭىيىپ، قېلىنلاپ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوڭ زەئىپلىشىشتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
كېسەلىك ئوچىغىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن 3 كە بۆلۈنىدۇ.
1. شاخچە كانايچە ۋە سۈيكىدىكى كېسەللىكلەر.
2. كۆكرەك ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش خاراكتىرىدىكى كېسەللىك ئېغىر دەرىجىدىكى ئومۇرتقا ئىگىلىپ قىلىش، دوك، ئومۇرتقا تۇبىر كىليۇزى.
3.ئۆپكە قان تومۇر كېسەللىكلىرىئاز ئۇچرايدۇ.
كىلىنكىلىك ئىپادىسى:
دەسلەپكى باسقۇچىدا سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرىدىكى ئۆپكە گازلىق ئىششىقىنىڭ ئىپادىسى كۆرۈلىدۇ. سوزولما ھۆتەل، بەلغەم تۈكۈرۈش، دەم سىقىلىش، ھەرىكەتتىن كېيىن نەپەس قىيىنلىشىش، ئىچى سىقىلىش، ماغدۇرسىزلىنىش. بەدەن تەكشۈرگەندە: ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە نەپەس تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ، ئاندا- ساندا ھۆل- قۇرۇق خىرىپ ئاڭلىنىدۇ، تۆۋەنكى مۈچە يىنىك ئىششىيدۇ. چۈشتىن كېيىن كۆرۈنەرلىك، ئەتتىگەندە يوقاپ كېتىدۇ،يۈرەك تاۋۇشى بوش ئاڭلىنىدۇ. ئەمما، ئۆپكە ئارتېرىيە كىلاپان رايونىدا يۈرەك 2- تاۋۇشى كۈچلۈك بولىدۇ. 3 كىلاپان رايونىدا يىگىلەش دەۋرىدىكى شاۋقۇن ۋە يۈرەك سوقۇشى كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ يوغىنىغانلىقىنى، قېلىنلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە بويۇن ۋىناسىدا كۈچۈنۈش بولىدۇ.
ئېغىر باسقۇچىدا: نەپەس زەئىپلىشىدۇ. ئومۇمىي يۈرەك زەئىپلىشىدۇ.
داۋالاش (1) زۇكام بولۇش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ساقلىنىش، تاماكا چېكىشتىن ساقلىنىش. تۈرلۈك بىرلەمچى كېسەللىك سەۋەبىنى يوقۇتۇش ئاساسىدا داۋالاش، يىمەك- ئىچمەكنى تەرتىپكە سېلىش. تاماقنىڭ تۇز مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئاسان ھەزىم بولىدىغان قۇۋۋەتلىك يىمەكلىكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرش.
داۋالاشتا ياللۇغ قايتۇرۇش، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇش، يۈرەكنى كۈچەيتىش- سۈيدۈك ھەيدەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.