مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 778 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتچىلار 54 ياشتىن 100 ياشقىچە بولغان 600  ياشانغان كىشىنى ئۇزاق ۋاقىت تەكشۈرۈپ كۆزەتكەن. تەكشۈرۈش باشلانغاندا بارلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىدا ئاجىزلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، بەش يىلدىن كېيىن ئۈچتىن بىرقىسىم  تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىدا ئاجىزلىشىش كۆرۈلگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئادەتتە پۇراقنى پەرقلەندۈرۈش  سىنىقىدا تۆت قېتىم خاتالاشقان كىشىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىش نىسبىتىنىڭ بىر قېتىم خاتالاشقان كىشىگە قارىغاندا %50 يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. تەتقىقاتتا يەنە پۇراش سېزىمى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئاسانلا يېنىك ھالدا پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن قېرىلىقتىكى دېۋەڭلىككە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى بايقالغان.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.