مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1106 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تۇنۇش: ئىسسىقتىن بولغان زۇكام-زىيادە ئىسسىقلىق تەسىرىدە خىلىتلار تەڭپۇڭلىقىدا ئۆزگىرىش يۇز بېرىپ كېلىنكىدا قىزىش، توڭلاپ تىتىرەش، بۇرۇن تۇشۇكلىرى قىچىشش ۋە ئېچىشش، بۇرۇندىن سۇ ئېقىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.

سەۋەبى: ئىسسىق تەبىئەتلىك دورا-دەرمەك ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ زىيادە تەسىرى ئىسسىق مۇھىتلاردا يۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش قاتارلىقلار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئىسسىقتىن بولغان زۇكامدا گال، يۇتقۇنچاق قۇرۇق كۆپۇشكەندەك ئاغرىيدۇ، چۇشكۇرىدۇ، دىماغ پۇتۇپ بۇرۇندىن سۇ ئاقىدۇ. (دەسلەپتە سۇزۇك ئاخىرىدا قۇيۇق سىرلىق سۇ) بۇرۇن چاناقلىرى قىزىرىدۇ. ئاۋازى پۇتۇدۇ، بۇلارغا قوشۇلۇپ بىماردا ئۇسسۇزلۇق پەيدا قىلىدۇ. جۇغ-جۇغ بولۇپ يەڭگىل دەرىجىدە قىزىتما بولىدۇ. ( تىمپىراتۇرىسى ℃38 تىن ئاشمايدۇ) قۇرۇق يۆتىلىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى : كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى سەۋەپكە قارىتا تەڭشەش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.