مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 920 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

تۇنۇش: يۇقۇملۇق زۇكام-يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى كەلتۇرۇپ چىقارغان بىرخىل يۇقۇملىنىش ئىنتايىن كۇچلۇك بولغان كىلىنكىدىكى ئىپادىسى ئادەتتىكى زۇكام بىلەن ئوخشاش بولغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.


سەۋەبى : ئاساسلىقى ھاۋادىكى زەھەرلىك مىكروپلارنىڭ نەپەسلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە كېرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كېسەل كۆپۇنچە قىش پەسلىدە كۆپ كۆرىلىدۇ. ئۇمۇمەن ھۆل يېغىن كۆپ بولىدىغان ياكى ھۆللۇك رايۇنلاردا كۆپ يۇز بېرىپ ئەتراپقا تارقىلىدۇ. ياشلارغا نىسبەتەن ياشانغانلاردا ۋە بالىلاردا كۆرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.


ئالامىتى: دەسلەپتە پىشانە،كۆز بەل ئۇمۇمەن بارلىق ئەزالاردا ئاغرىش بولىدۇ. قىزىتما يۇقۇرى ئۆرلەپ كېتىدۇ، بەزىدە توڭۇپ تىتىرەش بولىدۇ، بەزىدە بولمايدۇ.باش قايىدۇ، گال ئاغرىيدۇ، ئاۋاز پۇتىدۇ، كۆكرەكتە ئېغىرلىق سىزىمى بولىدۇ، قۇرۇق يۆتۇلۇش،نەپەس قىيىنلىشش،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،كۆڭۇل ئايلىنىش بەزىدە قۇسۇش ۋە ئىچى سۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ. ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ، كېسەللىك ئالامىتى ئېغىر بولسا ساقىيشى تەس بولىدۇ. بەزىدە بۇرۇن ۋە گالدىكى ئېچىشش نەپەس يوللىرىغىچە تەرەققە قىلىپ قاتتىق يۆتەل ۋە قىزىتما پەيدا قىلىدۇ.


 داۋالاش پىرىنسىپى : يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش ھەمدە مىڭىنى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.