مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1583 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئۆتكۈر زىققا ( چىگويەن) كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇلى: 


سىز شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز. بىر ئادەمنىڭ پەقەت ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ، جفن تالىشىپ نەپەسلىنىپ، ھەر كۈنى كېچىدە ساناقسىز سىققە كېسىلىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقىنىغا بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان. بەش ئاينىڭ ئالدىدا مەن دەل شۇنداق ھالەتتە ئىدىم. 1993-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۆتكۈر زىققە كېسىلى بىلەن ئاغرىپ بالنىستا ياتتىم، مەندە يەنە شاخچە كاناي ئۆپكە ياللۇغىمۇ بار ئىدى! قاندىكى گفز سانلىق قىممىتى 40 قا يەتكەن بولۇپ، ھاياتىم خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. 

بالنىستتىن چىققاندىن كېيىن، دوختۇر مېنى كۆپ  مىقداردا چاي ئىشقارى بىلەن ھىدروكسىزلانغان پوستىلاق مادىلىق ئېتىلېن ئىچىشكە بۇيرۇدى. بەدەن ئېغىرلىقىم تەدرىجىي يۇقىرىلاشقا باشلىدى. دورىلار مېنى باشقىلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىغان، كەيپىياتى چۈشىنىكسىز ئادەمگە ئۆزگەرتىپ قويدى. پەقەت ياشىغۇم كەلمەي قالدى. كېيى بىر دوستۇم ماڭا بىر پارچە تەشۋىق قوللانمىسىنى بەردى، ئۇنىڭدا باتىمەن دوختۇرنىڭ <<سۇ ئەڭ ياخشى دورا>> دېگەن كىتابى تونۇشتۇرۇلغانىكەن! مەن دەرھاللا ئۇ دوختۇرغا پۇل چېكى بىلەن خەت سالدىم، ئۇنىڭدىن تېزلىكتە ئۇ كىتابنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىشنى تىلىدىم. ئويلىمىغان يەردى، دوختۇر ئۆزى ماڭا تېلېفون قىلىپ مېنى دورىلاردىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ دورىلارنىڭ مېنىڭ ئىچىشىمگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا ھەر كۈنى كەم دېگەندە ئۈچ لىتىر ئىچىشىمنى ھەمدە ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇشۇمنى بۇيرۇدى! ئۇ ماڭا ھەر كۈنى بىر مال سېتىۋېلىش مەركىزىدە 15 مىنۇت پىيادە مېڭىپ بېرىشىمنى بۇيرۇدى. ھازىر مەن ئوتتۇز مىنۇت ماڭالايمەن. نەپىسىممۇ %100 ياخشى بولۇپ كەتتى. 

بۈگۈن بولسا 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، مەن ئەمدى زىققەت كېسىلى سەۋەبىدىن دورا ئىچمەيدىغان بولدۇم! بەش ئايدىن بېرى مەن ھېچقانداق سۈمۈرگۈچ دورىلارنى ئىشلەتمىدىم. ھەم ھېچقانداق دورا ئىچمىدىم! مەن ھەر قېتىم نەپىسىم ئازراق قىينالغان چاغدا، ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇلغان بىر ئىستاكان سۇ ئىچىمەن-دە، ياخشى بولۇپ قالىمەن. 

پەرەز قىلىپ بېقىڭچۇ، نەتىجىدە قانداق بولدى؟ سۇ ۋە سەيلى قىلىپ مېڭىش ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك سىرلىق ئىكەن، مەن 35 قاداق يەڭگىللەپ كەتتىم! بەدەن ئېغىرلىقىم كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، باشقىچە ياشىرىپ ساغلام ھەم جۇشقۇن بولۇپ قالغانىدىم. 

نەچچە مىليون ئامېرىكىلىق بۇ <<ئۇچۇر>> غا ئېھتىياجلىق. ئۇلار بولسا زىققە كېسىلى، بوغۇم ياللۇغى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك چارچاش يىغىندى ئالامەتلەر كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغۇچىلاردۇر. ھەربىر ئامېرىكىلىق باتىمەن دوختۇرنىڭ كىتابىدىن ناھايىتى زور پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.