تونۇش
يۆتۈلۈش، دەم سىقىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، ھەر يىلى قوزغىلىدۇ، قوزغالغاندا 3 ئاي سوزۇلىدۇ، 2 يىل ياكى كۆپ ۋاقت تەكرارلىنىدۇ.
كىلىنكىلىك ئىپادىسى
1. سۇزۇلما خاراكتىرلىك يۆتۈلۈش، بەلغەم تۈكۈرۈش، نەپەس قىستىلىش ئەھۋالى بار، باشلانغاندا يىنىك بولىدۇ، تاماكا چەككۈچىلەر، زەھەرلىك گازلار بىلەن سۇمرىغۇچىلار زىيادە چارچاپ كەتكەنلەر ھەمدە ھاۋا ئۆزگۈرۈپ سوغۇق سۈتكەنلەردە جىددى قوزغۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئېغىرلىتىدۇ.
2. يۆتۈلۈش: شاخچە كاناي شىللىق پەردە قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىش ياكى ئاجرالما ماددىلار كانايچە ئىچىگە يىغىلىش نەتىجىسىدە يۆتۈلۈش پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە ئەتىگەندە ھۆتەل ئېغىر بولىدۇ، كۈندۈزى يىنىكلىشىپ، كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن يۆتەل ئېغىرلىشىدۇ
3. ھاسراش ۋە دەم سىقىلىش :ھاسراش خاراكتىردىكى شاخچە كاناي ياللۇغىدا كانايچە تىتىرەش ئارقىلىق ھاسراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە ئىسقىرتقان ئاۋاز ئاڭلىتىدۇ.
بەدەن – ئالامىتىدە:
دەسلەپكى باسقۇچتا غەيرىي بەدەن ئالامىتى يوق، جىددى قوزغالغاندا تارقاق ھۆل قۇرۇق ئاڭلىتىدۇ. كۆپىنچە دۈمبە تەرەپ ۋە ئۆپكىسىنىڭ ئاستى قىسمىدا ئاڭلىتىدۇ، ھاسراش تىپىدىكى سىناقچە كاناي ياللۇغىدا ئىسقىرتقان ئاۋاز ئاڭلىتىدۇ ھەمدە نەپەس چىقىرىش تەس بولىدۇ.
سەۋەبى:
سىرتقى سەۋەپ:
(1) تاماكا چىكىش: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى، تاماكا چىكىش بىلەن سۇزۇلما خاراكتىرلىك سىنافىچە كاناي ياللۇغى زىچ مۇناسىۋەتلىك.
(2) يۇقۇم ئامىلى: يۇقۇملىنىش بولسا سۇزۇلما شافىچە كاناي ياللۇغىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىل، ئاساسلىقى ۋىروس ۋە مىكروسىدىن يۇقۇملىنىش.
(3) خېمىيلىك ئامىللار: غىدىقلىغۇچى ئىس – تۈتەك، چاڭ – توزاڭ قاتارلىقلار.
(4) ھاۋا كىلاماتى: سوغاق بولسا سۇزۇلما شافىچە كاناي ياللۇغىنىڭ قوزغىلىشىدىكى مۇھىم بىر ئامىل.
(5) رىئاكسىيە خاراكتىردىكى ئامىللار. ھاسراش خاراكتىرىدىكى سۇزۇلما شافىچە كاناي ياللۇغى رىئاكسىيە خاراكتىردىكى ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
ئىچكى سەۋەپ:
(1) نەپەس يولىدىكى مەلۇم بىر قىسمىنىڭ مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىممونت ئىقتىدارى ئاجىزلاش.
植物N (2)نىڭ ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش.
نەپەس يولىدىكى 副支王N نىڭ ئىنكاسى يۇقىرلىغاندا نورمال ئادەمگە تەسىر قىلمايدىغان كىچىككىنە غىدىقلاش شافىچە كانايچىلارنىڭ قۇرۇلۇش ۋە تىتىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاجراتما ماددىلارنى كۆپەيتىپ، يۆتەل، بەلغەم ۋە دەم سىقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
داۋالاش:
1. يۇقۇملىشىنى كونتىرول قىلىش.
2. بەلغەم بوشۇتۇپ، يۆتەل توختۇتۇش.
3. دەم سىقىلىشنى ياخشىلاش.
4. بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىممونت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش.
ئالدىنى ئېلىش:
ئالدى بىلەن تاماكا تاشلاش، سوغق ئۆتۈشتىن ساقلىنىش، ئىس – تۈتەكلەرنى چىقىرىش، غىدىقلىغۇچى گازلارنى چىقىرۋېتىش.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.