ئالىملارنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە ، چېنىقىشقا ئادەتلەنگەن تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى چېنىقمايدىغان تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىغاندا %35 تۆۋەن بولىدىكەن . ئەمما ، ئالىملار چېنىقىش تاماكىنىڭ زىيىنىنى تامامەن يوقىتالمايدۇ ، تاماكا تاشلاش يەنىلا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ، دەپ قارايدۇ .
ئالىملار يەنە ، دائىم چېنىقىدىغان كىشلەر ئارىسىدىكى ھەر ھەپتىدە 4 سائەت مۇۋاپىق چېنىقىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىدى . ئەمما ، ھازىرغىچە چېنىقىشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بارلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان ئېنىق جاۋاب تېپىلمىدى .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.