ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئەتراپىدىكىلەردىن سىر تۇتىدىغان ئەھۋالى بولۇپ، مۇشۇ سەۋەپتىن يېنىدىكىلەرگە بىلىپ تۇرۇپ تېخى داۋاسى چىقمىغان يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇۋاتقانلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنداقتا، ئۇلار نېمىشقا ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى سىر تۇتىدۇ؟ يېنىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقنى بىلمەسلىكى بىلەن دىققەت قىلماي ھەم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانماي ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن كارى بولمامدۇ؟
ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانىلىقنى ئەتراپىدىكىلەردىن يۇشۇرىدىغانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغانلار بولۇپ، ئەگەر ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالسا، باشقىلارنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقىدىن، قانداق يۇقۇملىنىپ قالدىڭ دەپ تولا ئەيىپلەپ دەككىسىنى بىرىدىغانلىقىدىن، جەمىيەتتىكىلەرنىڭ زەھەر چېكىدۇ ھەم تۇرمۇش ئىستىلى ناچار دەپ چەتكە قاقىدىغانلىقىدىن، يۇرت-مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ۋابادىن قاچقاندەك قېچىپ كەمسىتىدىغانلىقىدىن، ھەتتا ئائىلىسىنىڭ بۇزۇلۇپ يالغۇز قالىدىغانلىقىدىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى يۇشۇرىدىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى يېنىدىكىلەردىن يۇشۇرۇش، ئۆزى ئۇچرايدىغان بېسىم –مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھەمرايىغا ھەم تۇغۇلغۇسى پەرزەنتلىرىگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ قويىدىغان تېخىمۇ ئېغىر مەسلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەيدىز مەن بىلەنلا كەتسۇن دەپ ئويلىمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنى چۈشىنىدۇ دېگەندەك، يېنىدىكىلەرگە ئەيدىزنى يۇقتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ يالغۇز قالمايدىغانلىقىنى ھەم دەردىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى غەرەزلىك ھالدا نىيەت قىلىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلىماي تۇرالمايمىز. مانا مۇشۇنداق خۇددى "بالا كەلسە قېرىنداشتىن" دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىگە نىسبەتەن، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغانلىقى سەۋەپلىك كېلىپ چىقىۋاتقان جەمىيەتلەشكەن كەمسىتىش مۇھىم سەۋەپ بولۇپ قالغان بولسا كېرەك.
ئۇنداقتا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى نېمىشقا كەمسىتىلىدۇ؟ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى پۈتۈنلەي باشقىلار سەۋەپلىك يۇقۇملىنىدۇغۇ! بىر قىسىم ئەيدىزدىىن يۇقۇملانغۇچى ئۆزىنىڭ خەتەرلىك قىلمىشى سەۋەپلىك ئەيدىزدىن يۇقۇملانسا، يەنە بىر قىسىم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى باشقىلارنىڭ خەتەرلىك قىلىمىش بىلەن شۇغۇللانغانلىق تارىخى سەۋەبىدىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدۇ. ئەمما، ھېچكىم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. لېكىن، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتقان كىشىلەر داۋاملىق پەيدا بولىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، ئادەملەر ئارىسدا ئۆزىنى باشقۇرالمايدىغان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، ئىنسانلار جەمىيىتىدە قانۇن مۇشۇ سەۋەپتىن بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىغا سەۋەپ بولغان قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى قانۇنى جەھەتتىن چارە كۆرۈدىغان ئەھۋال-دەرىجە تېخى بارلىققا كەلمىگەچكە، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كىشىلەرنىڭ شەخسى تۇرمۇش-ھاياتى دائىرىسىدىكى ئىش دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. لېكىن، ئۆزىنىڭ جىسمىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بارلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇدىغانلار بىلەن، ئۆزىنىڭ جىسمىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قۇيۇۋاتقانلار ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئەسلىدە، جىسمىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بارلار ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىلمىشلار بىلەن قەتئىي شۇغۇللانماسلىقى كېرەك ئىدى. ئامما، مانا مۇشۇنداق ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن كارى بولمىغۇچىلارغا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى بىلەلمەسلىك مەسىلىسى ئەيدىزدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ئاپەتكە قارىتا تەشۋىقات-تەربىيەلەشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرىۋاتىدۇ.
دېمىسمۇ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقنى يۇشۇرۇش، باشقىلارنىڭ يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلى باركەن دەپ ئۇنى ئۆچ كۆرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، ئەمەلىيەتتە باشقىلارنىڭ ئۆچمەنلىكىگە ئۇچراشتىن باشقىلارغا بىلىپ تۇرۇپ ئەيدىزنى يۇقۇتۇرۇپ تېخىمۇ ئېغىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. كەمسىتىشكە ئۇچراشتىن قاچىمەن دەپ، ئەيدىزنى يېنىدىكى كىشىگە يۇقتۇرۇپ قۇيۇش، كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغان يەنە بىر كىشىنى كۆپەيتىش بولۇپ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئۆچمەنلىك ئەسلىدىكى ئۆچمەنلىكتىن تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى، بۇ يۇقۇملۇق ھەم ساقايماس دەپ بېكىتىلگەن ئەيدىز كېسىلدىن يەنە بىرنى كۆپەيتىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا قارىتا، نېمىشقا كەمسىتىش پەيدا بولىدۇ؟
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەڭ دەسلەپتىمۇ ناھايىتى خاتا بولغان قىلمىشتىن كىلىپ چىقىپ تارقالغان بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىدىكى مەيلى بەچچىۋازلىق، مەيلى قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەت، مەيلى ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش بولسۇن، ھېچقايسىسى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ھەم مەدەنىيىتىگە توغرا كەلمەيدىغان ئىنتايىن قاملاشمىغان، ياۋايى، بىلىمسىز، ئەخلاقسىز، خەتەرلىك قىلمىشلار بولغاچقا، خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇغۇللىنىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولغاندىكىن دەپ، ئىنسانلارنىڭ تەبئىي ھەم مەدەنىيەت تۇيغۇسى بويىچە خاتا ئىش قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدىغان ئىدىيە-خارەكتېرى بويىچە، ئەيدىز چاپلاشقان كشىنى كەمسىتىدىغان كۆز قاراش ئىختىيارسىز شەكىللىنىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئائىلىدىكى ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ھەم تۇغما ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، مانا مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن گۇناھسىز يۇقۇملىنىپ قالغۇچىلارمۇ ئوخشاشلا كەمسىتىلىشكە ئۇچراپ يۈرمەكتە. ئاقىۋەت، مەيلى قانداق سەۋەپتىن يۇقۇملانغان بولسۇن، ھەممە بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كەمسىتىشكە ئۇچرىغاچقا، كەمسىتىلىشتىن قورقۇپ-قېچىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى يۇشۇرىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت بولماقتا. شۇڭا، ئەيدىزنى ئادەملەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر كېسەل دەپ قاراپ، باشقا كېسەللەرگە ئوخشاشلا كۆڭۈل بۆلىدىغان تۇنۇش شەكىللەندۈرگەندە، ئەيدىزنى يۇشۇرۇش كېلىپ چىقماسلىقى مۇمكىن. كېرەك. چۈنكى، راك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولسىمۇ، يەنىلا گىرىپتار بولۇپ قالىدىغۇ!
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.