مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1071 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋالاشتىن يۇقۇشى ئاساسلىقى، داۋالاش سايمانلىرى پاكىز بولمىغانلىقتىن، داۋالانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئوكۇل سېلىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئوكۇل يىڭنىسىنىڭ خۇسۇسىيىتى (كاۋاك ياكى توم بولۇشى)، ئوكۇلنىڭ چوڭقۇر سانجىلىشى، يىڭنىنىڭ ئۇچىدا قان بولۇش – بولماسلىقى، ئاغرىقنىڭ يۇقۇملىنىش باسقۇچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بار داۋالاش سايمانلىرى تېرىگە سانجىلىپ كەتسە ياكى شىللىق پەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار تەن سۇيۇقلۇقىغا تېگىپ كەتسە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %0.5  –– % 0.3كە يېتىدۇ. تەتۈر خاتىرىلىگۈچى فېرمېنت ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى ئىچكەندە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.


   ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ داۋالاشتىن يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1. قان بەرگۈچىلەردە ئەيدىز ۋىرۇسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، قانۇنسىز قان تەقدىم قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛ 2. بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان شپىرىس، ئوكۇل يىڭنىسى ۋە قۇرۇق يىڭنىلەرنى ئىشلىتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش، ئۇلارنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆيدۈرۈۋېتىش؛ ئوپېراتسىيە سايمانلىرى، ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرۈش ئەينىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى ياخشى دېزىنفېكسىيە قىلىش؛ 3. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش كۆپرەك رايونلاردا ئاغرىقلارنى داۋالايدىغان تېببىي خادىملار ۋە ئاغرىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش؛ 4.ئەزا، توقۇلما ئارقىلىق ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئۇرۇقلاندۇرۇش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.