مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2006 رەت   / مەنبە: شىنخۇا تورى

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 2011 - يىلى جۇڭگودا يېڭى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 48 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولىنى ئانالىز قىلغاندا، %81.6 تى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە غەيرىي جىنىسلىقلار ئارا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن تارقالغىنى %52.2 نى، ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارا جىنىسىي مۇناسىۋەتتىن تارقالغىنى %29.4 نى ئىگىلىگەن.

ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى يىلسېرى ئاشقان بولۇپ، 1985 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە %11.6 بولغان بولسا، 2007 - يىلى %42.3 گە ئۆرلەپ، ئەيدىزنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان. بۇ نىسبەت 2009 - يىلى %55.7 گە، 2010 - يىلى %75 گە، بۇ يىل بىراقلا %81.6 گە چىققان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئوخشاش جىنىسلىقلار (ئەر ھەمجىنىسۋازلار) ئارىسىدىكى تارقىلىش نىسبىتى 2010 - يىلىدىكى %13 دىن، بۇ يىلقى %29.4 گە ئۆرلىگەن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.