مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1084 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرنىڭ 24 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 25مىڭ 694 كىشى  ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى  3083، ئۆلگۈچى 1720 كىشى بولۇپ، جەمئىي دوكلات قىلىنغان سان مەملىكەت بويىچە 4 – ئورۇندا تۇرغان.


جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق خىزمىتى يىغىنى 24 – ئىيۇن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنىغا  31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن قىزىلكرېست جەمئىيەتلىرىنىڭ 100 گە يېقىن  ۋەكىلى  قاتناشتى. ۋەكىللەر يىغىندا جۇڭگودا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى قانات يايدۇرغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق خىزمىتى تەجرىبىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.


ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)لەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن، ئاۋامنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ‰0.13كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرىچە يۇقۇملىنىش نىسبىتى بولغان ‰0.05 تىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئاغرىقلار تەخمىنەن 60 مىڭ بولۇپ، 2008 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 4614 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27 كۆپەيگەن.


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق خىزمىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇردى. 1999 – يىلىدىن بېرى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جەمئىي 10 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست (شەھەر) تىكى 14 ناھىيە (شەھەر) دە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش  بىر قاتار پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇلدى.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.