مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1184 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1) ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاغرىغانلاردىن قاچماڭ، ئەيدىز ئادەتتىكى تۇرمۇش ئالاقىسىدە يۇقمايدۇ.


2) ئەيدىز ئاغرىقلىرىنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشقا دائىر ئۇچۇرلار ھەققىدە شۇ جايدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش–كونترول قىلىش مەركىزىدىن ياكى ئەيدىز ھەققىدىكى قىزىق لىنىيىلىك تېلېفوندىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.


3) ئەيدىزنى دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىققانلار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈپ كۆرۈشى لازىم.


4) ھەر دەرىجىلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركەزلىرى ياكى سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى بەلگىلىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش ۋە دەسلەپكى  تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىنى قىلىدۇ.


5)ئەيدىز بويىچە ۋاقتىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت ئالغانلار ۋە تەكشۈرتكەنلەر (VCT) يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بالدۇر بىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىيالايدۇ.


6) خەتەرلىك جىنسىي ئالاقىنى داۋاملىق قىلىپ تۇرغانلار ھەر ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ۋاقىتتا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەنچىنى بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى لازىم.


7) خەتەرلىك جىنسىي ئالاقە قىلغانلار يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلىش ئۈچۈن، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى تەنچىنى تەكشۈرتۈشى لازىم.


8) دۆلەت ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارنىڭ ھالسىزلىرىغا زۆرۈر ياردەم بېرىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا پائال مەدەت بېرىدۇ.


9) ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېتىم قالغان بالىلىرىنى دۆلەت ھەقسىز ئوقۇتىدۇ.


10) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنى دۆلەت مەسلىھەت بېرىش، تۇغۇت ئالدىدا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۇغدۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، كېرەكلىك دورىلارنى ھەقسىز بېرىدۇ.


11) ئەيدىز تەكشۈرتۈش ۋە ئۇ ھەقتە مەسلىھەت ئېلىشنى ئىختىيار قىلغانلار ھەقسىز مەسلىھەت ئالىدۇ ۋە دەسلەپكى تەكشۈرتۈش ھەقسىز بولىدۇ.


12) دېھقانلار ۋە شەھەرلىك نامراتلار ئارىسىدىكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلارنى دۆلەت ۋىرۇسقا قارشى شىپالىق دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.


13) ئەيدىز يۇققان ۋە ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارنى كەمسىتمەي، ئۇلارغا كۆيۈنۈڭ، ئۇلار كېسەلنى يېڭىپ، ئىشەنچىنى تۇرغۇزسۇن.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.