قىزىل كۆزلۈك دەرەخ پاقىسى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشىدىكى ئاچقۇچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ يېقىندا تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە ، ئاۋسترالىيىدىكى قىزىل كۆزلۈك دەرەخ پاقىسىنىڭ تېرىسىدە بىر تۈرلۈك خىمىيىلىك ماددا بار بولۇپ ، بۇ خىمىيىۋى ماددا HIV ۋىرۇسىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىكەن .
ئامېرىكا ‹‹ خيۇستون ۋاقىت گېزىتى›› نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل خىمىيىۋى ماددا قىزىل كۆزلۈك دەرەخ پاقىسىنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش قورالىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. قىزىل كۆزلۈك دەرەخ پاقىسىنىڭ تېرىسىدىكى ئالاھىدە بەز بۇ خىل ماددىنى ھاسىل قىلىدىكەن ھەم ساقلىيالايدىكەن. ئۇلار زەخمىلەنگەن ياكى چۆچۈگەندە، بۇ خىل ماددىنى قويۇپ بېرىدىكەن ھەمدە باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن .
تەتقىقاتچىلار بەدەن ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، بۇ خىل خىمىيىۋى ماددا HIV ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭغا قارىتا، بۇ تۈر تەتقىقاتىنىڭ مەسئۇلى دوكتۇر سكوت ناھايىتى كۆپ ماددىلارنىڭ ھەممىسى ۋىرۇس ھۈجەيرىسىنى ۋەيران قىلالايدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئۈمۈدىمىز ھەم زىيانلىق ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىغان ھەم بەدەن ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىگە خەۋپ يەتكۈزمەيدىغان ماددىنى تېپىشتىن ئىبارەت، دەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ماددا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ ھۈجەيرە ئارىسىدا تارقىلىشىنى توسۇدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇقۇملىنىش پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. ئالىملار يېشىل پاقا تېرىسىدىكى پېپىدتىن پايدىلىنىش ئارقىلىق HIV بىلەن يۇقۇملانغان ھۈجەيرىلەرنى داۋالاپ ساغلام ھۈجەيرە بىلەن ئۇچراشتۇرغان. نەتىجىدە، ھۈجەيرە ئۈستىدىكى HIV ۋىرۇس تەدرىجىي يوقالغان.
كىشىلەر ئالىملارنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ HIV ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز كېسىلىنى تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىدىغان دورا ياسىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ھازىر ئالىملارمۇ بۇ خىل ئالاھىدە خىمىيىۋى ماددىلاردىن پايدىلىنىپ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل دورا ياساپ چىقىشنى قىياس قىلماقتا. ئەگەر بەزى ئادەم بەدىنى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي ھەر خىل يوللار ئارقىلىق HIV ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشسا، ۋىرۇس مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنغا بۇ خىل دورىنى ئىشلەتسىلا بولىدۇ. ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىپ بىر قانچە سائەتتىن كېيىن ئىشلەتسىمۇ، بۇ خىل دورا ئۈنۈمىنى جارىي قىلدۇرىدۇ.
نۆۋەتتە مەزكۈر تۈردىكى ئالىملار ئامېرىكا ئەيدىز كېسلى تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىپ، داۋاملىق تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. ئاۋسترالىيە كۈنسىلېندنىڭ شىمالىدىكى يامغۇرلۇق ئورمان رايونىدا بۇزغۇنچىلىق ئېغىر بولۇپ، بۇ قىزىل كۆزلۈك دەرەخ پاقىسىنىڭ سانى تەدرىجىي ئازىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.