جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ئەيدىز كېسىلى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ زۈنيو (吴尊友) نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2014-يىلى مەملىكىتىمىزدە 15ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان يېڭىدىن مەلۇم بولغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى 15 مىڭ بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىدا 14 مىڭ ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى %10 ئەتراپىدا كۆپەيگەن.
ۋۇ زۈنيونىڭ ئېيتىشىچە، 2011-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە دۆلىتىمىزدىكى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش سانى يىلىغا %35 لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋېتىپتۇ. ۋۇ زۈنيو تەمىنلەنگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 575 مىڭ بولۇپ، ئارىسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %1.6 ئىكەن.
2014-يىلىدىن بۇ يىل 1-ئايدىن 10-ئايغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 15ياشتىن 24 ياشقىچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، ئوخشاش جىنستىكى كىشىلەردىن يۇقۇش نىسبىتى %82 نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن سىرت ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئوغۇل قىز نىسبىتى 11:1 بولۇپ، 2008-يىلىدىن بۇيان قىز ئوقۇغۇچىلاردىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىق دوكلاتى سۇنغان ئادەم سانى يىلىغا ئەللىك ئاتمىش بولغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.