مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2020 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1) ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزۇپ، ئاسانلا باشقا كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ ۋە ئاخىر جېنىغا زامىن بولىدۇ.


     2) ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە، ئىككى ھەپتىدىن 12 ھەپتىگىچە ۋاقىت ئۆتكەندىلا، قاندىكى قارشى تەنچىنى تەكشۈرۈپ بىلىشكە بولىدۇ، ئەمما ئۇ يۇقۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.


     3) ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە يوشۇرۇن دەۋرى بولىدۇ، ئاندىن يۇقۇملانغانلار ئەيدىز بىلەن ئاغرىغانلارغا ئايلىنىدۇ.


     4) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تاشقى قىياپىتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ، ئەمما يۇقتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.


     5) ئەيدىز كېسىلى ئەر بىلەن ئايال ۋە ئەر بىلەن ئەر ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.


     6) ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئاغرىغانلار بىلەن مۇھاپىزەتسىز جىنسىي ئالاقە قىلغانلار ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇۋالىدۇ.


     7) پاھىشىۋازلىق (كۆپ ئاشنا تۇتۇش)  ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرىدىغان خەتەرلىك قىلىق.


     8) ئەر بىلەن ئەر (جىنىسداشلار) جىنسىي ئالاقە قىلسا، ئەيدىز كېسىلىنى يۇقتۇرۇش خەۋپى چوڭ بولىدۇ.


     9) فىزىئولوگىيىلىك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋېلىش نىسبىتى ئەرلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.


     10) ئەيدىز كۈچلۈك  يۇقۇملۇق كېسەل، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنا ۋە ئۇنىڭغا شىپالىق دورا ھازىرچە يوق، ئەمما ئۇنىڭدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.