شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ب د ت، 10 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ب د ت نىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى شا زۇكاڭ 10 – ئاۋغۇست خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيادىكى يەرلىكلەر ۋە ئەيدىزگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ب د ت 9 – ئاۋغۇست ‹‹دۇنيا يەرلىكلەر خەلقئارا كۈنى››نى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 10 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن نيۇ – يوركتىكى باش شتابىدا ئەدەبىيات – سەنئەت ئويۇنى قويدى ۋە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. شا زۇكاڭ تەبرىكلەش پائالىيىتىدە مۇنداق دېدى: يەرلىكلەر تاشقى دۇنيادىن ئايرىلغان جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ياشايدۇ، ئۇلار ھەمىشە ئېغىر نامراتلىق، سىياسىيدىن چەتلىشىش ۋە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش شارائىتى ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇقماقتا. ھالبۇكى بۇ مەسىلىلەر يەرلىكلەرنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشىدا زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش جەريانىدا، يەرلىكلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ياردەم بېرىشى كېرەك .
1994 – يىل 23 – ئۆكتەبىر، ب د ت يىغىنى قارار ماقۇللاپ، 9 – ئاۋغۇستنى ‹‹دۇنيا يەرلىكلەر خەلقئارا كۈنى›› قىلىپ بېكىتتى. بۇ يىللىق ‹‹دۇنيا يەرلىكلەر خەلقئارا كۈنى››نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئەيدىزنىڭ تەھدىتى مەسىلىسى نۇقتىلىق چۆرىدىلىپ، يەرلىكلەرنىڭ كېسەللىكلەرنى بايقاش، داۋالاش ۋە قوغداشقا كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە ئۇل ئەسلىھەلەردىن بەھرىمەن بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلىنىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.