مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1244 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئالىملار ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ مايمۇن يېنىدە كۆپىيەلەيدىغان ۋارىيانتىنى بايقىدى


ئالىملار ئادەم تېنىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن بىر خىل ۋارىيانتىنى بايقىدى، بۇ خىل ۋىرۇس مايمۇننى يۇقۇملاندۇرايدىكەن ھەم مايمۇننىڭ تېنىدە كۆپىيەلەيدىكەن. بۇ ، ئادەمگە ئىشلىتىدىغان ۋاكسىنىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى مايمۇن تېنىدە سىناق قىلشقا پايدىلىق ئىكەن.


رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار: بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئۆزگەرگەن ۋارىيانتى ئادەم تېنىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى گېنىغا ئاساسەن ياسالغان، يۈننەن ماكاكا مايمۇنىنى يۇقۇملاندۇرالايدۇ، دېگەن.


تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى: بۇ خىل ۋىرۇس شىپرىس ئارقىلىق مايمۇن تېنىگە ئۇرۇلغان ھامان بۇ خىل ئۆزگەرگەن گېن ۋىرۇسى ئادەم تېنىدە كۆپىيىش سۈرئىتىدە كۆپىيىدۇ، لېكىن مايمۇننىڭ بۇ خىل ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچى كۈچلۈك بولغاچقا، مايمۇندا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بۇ خىل ۋارىيانت ‹‹stHIV–1›› دەپ ئاتالدى.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.