مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1252 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يېتىم – يېسىرلارغا 2 مىليون 560 مىڭ يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئاجرىتىلدى


1 – دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ، شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ، ‹‹ تىيانشان ›› رايونلۇق ‹‹ يەر شارى ›› فوندى ئەيدىز كېسىلى تۈر ئىشخانىسى ۋە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى بىرلىكتە 101 – يولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولغان ‹‹ 70 تۈتۈن ›› دە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ غەمخورلۇق ھەرىكىتى تۈرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى .  بۇ قېتىمقى تۈر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يېتىم – يېسىرلارغا ياردەم بېرىشكە قارىتىلغان بولۇپ ،  ھەر بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان يېتىم – يېسىر بالا ھەر يىلى 1000 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئۇدا بەش يىل ئېرىشەلەيدىكەن .  بۇ تۈرگە ياردەم قىلىنىدىغان ئومۇمىي پۇل 2 مىليون 560 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن .


ئىگىلىنىشىچە ،  بۇلتۇر نويابىردا جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ، جۇڭگو ياش – ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ جامائەت پاراۋانلىق تۈرى بولغان ‹‹ جۇڭگو ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ‹ 1 – دېكابىر مېھىر – شەپقەت فوندى › جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ غەمخورلۇق ھەرىكىتى ›› نى قانات يايدۇرغان ھەمدە بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بالىلارغا ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ئۇلارغا ئۇزاق مەزگىل ياردەم بېرىشنى پىلانلىغان . بۇ ھەرىكەتنىڭ مەبلەغ بىلەن ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ياكى بىرسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ،  يېشى 18 گە توشمىغان بالىلارنى كۆرسىتىدىكەن .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.