مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1304 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1. ئورتاق شپىرىستا زەھەر چەككەنلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلغاندا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.

       2. پاشا، ھاشارات چېقىۋالغانلارغا ۋە ئەرمەن ھايۋان باققانلارغا ئۇلاردىن ئەيدىز يۇقمايدۇ.

3. ئىشخانا لازىمەتلىكلىرى،  ئەمگەك سايمانلىرى، تېلېفون، تەرەت قاچىسى، تاماق قاچىسى، ۋاننا، كۆلچەك، كىيىم، يېپىنچىلارنى تەڭ ئىشلەتكەنلەرگە ئەيدىز يۇقمايدۇ.

4. ئەيدىز بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە ئىشلەش، بىللە تاماق يېيىش، پاراڭلىشىش ۋە يۆتىلىش، چۈشكۈرۈش، قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، قائىدە – يوسۇنلۇق سۆيۈشۈش يوللىرى بىلەن يۇقمايدۇ.

5. ئەر – خوتۇننىڭ بىرى ياكى ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسا، ئەڭ ياخشىسى، بالىلىق بولماسلىقى لازىم، ھامىلىدار بولۇپ قالسا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركىزىدىن ياكى مۇنتىزىم داۋالاش ئورگىنىدىن مەسلىھەت ئېلىشى لازىم.


6. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولسا، تۆرەلمىگە ياكى بوۋاققا ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئانا – بالىنى ئايرىش تەدبىرىنى قوللىنىش كېرەك.

7. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولغان، تۇغقان ۋە سۈت ئەمگۈزگەن چاغدا ۋىرۇسنى بالىسىغا يۇقتۇرىدۇ.

8. تازىلىقى ناچار ساتىراشخانا ۋە پەردازخانىلاردا چاچ ئالدۇرماسلىق، قۇلاق تەشتۈرمەسلىك ۋە بەدەنگە گۈل چەكتۈرمەسلىك لازىم.

9. ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى تەڭ ئىشلەتمەسلىك، پۇتنىڭ تىرناق ۋە قاداقلىرىنى زەھەرسىزلەندۈرۈلمىگەن تېغدا ئالماسلىق لازىم.

10. زەھەر چەككۈچىلەر مېتادون بىلەن داۋالىنىش ۋە پاكىز ئوكۇل سايمانلىرىغا ھەقسىز ئىگە بولۇش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆز جايىدىكى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش مەركىزىدىن سورىسا بولىدۇ.

11. قايتا – قايتا ئۇرۇنۇپمۇ زەھەر تاشلىيالمىغانلار خروئىن خۇمارىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئورتاق شىپىرىستا زەھەر چېكىشتىن  ساقلىنىش ئۈچۈن مېتادون بىلەن داۋالىنىپ تۇرسا بولىدۇ.

12. ئورۇنسىز ئوكۇل قىلماسلىق، زۆرۈر تېپلغاندا پاكىز، بىر قېتىملىق ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىش لازىم.

13. زەھەرلىك چېكىملىككە زادى يېقىن يوللىمىغانلار ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.