مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1188 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئامېرىكىنىڭ ئەيدىز كېسىلى مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور روبرىت بانبارا رىياسەتچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىدە تارقىلىشى ۋە كۆپىيىشىگە ياردەم بېرىدىغان گېننى تاپقانلىقىنى جاكارلاپ مۇنداق دېدى: بۇ خىل گېن ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ رىبونوكلېئىك كىسلاتا (RNAqIwarGA1^)b8%id) نىڭ گېن گۇرۇپپىسىغا جايلاشقان، ئادەم تېنىدىكى ‹tRNALys››گېنىغا بەك ئوخشايدۇ. دەل مۇشۇ گېننىڭ مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلىدىن، ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئادەم تېنىدە ئىنتايىن يۇقىرى كۆپىيىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولغان. بۇ بايقاش ئەيدىز كېسىلىگە داۋا بولىدىغان يېڭى دورا ياساش ۋە ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.


   روبرىت مۇنداق دېدى: ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىر خىل تارقىلىش سۈرئىتى تېز ۋىرۇس، ئۇ رىبونوكلېئىك كىسلاتاغا تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ ۋە ئىرسىيەت سىگنالى تارقىتىدۇ، شۇڭا ئۇ ساغلام ھۈجەيرىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ئۇنى بويسۇندۇرالايدۇ. ئىنساندىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ئادەمسىمان مايمۇنلاردىكى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈكى ۋىرۇسى ‹‹SIV››دىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بۇ خىل بايقاش كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشىنىشكە پايدىلىق، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى پەقەت ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ نېمىشقا ئوخشاش بولمىغان شەكىلگە تېزلىكتە ئايلىنىدىغانلىقىنىڭ سىرىنى ئېچىشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.