مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1441 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 1. ئەيدىز خەۋپى زور، ئۆلۈم نىسبىتى يۇقىرى يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر ئەيدىزنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاكسىنىسى ۋە تەلتۆكۈس داۋالىيالايدىغان دورىسى يوق، لېكىن خېلى ياخشى داۋالاش ئۇسۇلى بار بولۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.


2. ئەيدىز جىنسىي ئۇچرىشىش، قان سۇيۇقلۇقى ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق ئۈچ خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز  ئاغرىقى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەتتىكى نورمال ئۇچرىشىشتىن يۇقمايدۇ.


3. پاك بولۇش، ئۆزىنى قەدىرلەش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەلنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي تەدبىر.


4. سۈپىتى ئۆلچەملىك گاندون (بىخەتەرلىك قاپچۇقى)نى توغرا ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە يۇقۇملاندۇرۇشنىڭ خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.


5. شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ ۋېنادىن زەھەرنى ئوكۇل قىلىش ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ۋە تارقىلىشىدىكى خەتەرلىك ھەرىكەتتۇر. شۇڭا زەھەردىن قول ئۈزۈپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەش لازىم.


6. بىھۇدە ئوكۇل سېلىش، قان سېلىش، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە يەتكەن قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان ياسالمىلىرىنى، شۇنداقلا بىر قېتىملىق شپىرىس ياكى قاتتىق دېزىنفېكسىيىلەنگەن ئەسۋاپلارنى ئىشلىتىش لازىم.


7. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدارلار ياكى تۇغۇتلۇق ئاياللارغا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىش، تۇغۇتىدا زەخىملەندۈرىدىغان مەشغۇلاتلارنى ئازايتىش، بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى چەكلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللۇنۇپ، ھامىلە ۋە بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.


8. ئەيدىز توغرىسىدا ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئاغرىقلارنى بالدۇر بايقاشتىكى مۇھىم ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش تەدبىرى.


9. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز ئاغرىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش، كەمسىتمەسلىك، ئۇلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش – داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر.


10. ئەيدىز شەخسكە، ئائىلىگە تەھدىت سالماقتا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە، شۇڭا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.