ئىلى ئوبلاستى ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ قالدى
سەھىيە نازارىتى ئېلان قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى دوكىلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇيىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، رايوندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 24 مىڭ 818 گە يەتكەن.
ئىلى ئوبلاستى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىر قەدەر مەركەزلەشكەن جاي بولۇپ، 9579 كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوكىلات قىلىنغان ئادەم سانىنىڭ %39.3ىنى ئىگلەيدىكەن. بىر يىل ئىچىدە 1995 كىشى يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.
تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتا بەش خىل ئالاھىدىلىك كۆرۈلگەن بولۇپ، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش سەۋەبىدىن يۇقۇملانغانلار دوكىلات قىلىنغانلار سانىنىڭ %73ىنى ئىگىلىگەن، يۇقۇملانغانلار ئاساسلىقى، يېزا بىلەن شەھەر تۇتاشقان بۆلەكلەردە ئىكەن، يۇقۇملانغۇچىلار40— 20ياشقىچە بولۇپ، ئەرلەر كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن، بالدۇر يۇقۇملانغانلاردا كېسەللىك ئالامەتلىرى مەركەزلىك كۆرۈلۈۋاتقان بولۇپ، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىش خەۋىپى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
بۇلتۇر 30 – سېنتەبىردىن بۇيىل 30 – سېنتەبىرگىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا 3928ئادەم يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 8563 كە يەتكەن بولۇپ، بىر يىلدا 475 ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملانغان.
زەھەر چېكىدىغانلار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلار توپى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2000 – يىلىدىن باشلاپ بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كۈچەيتىلگەن. بۇيىل ئەيدىز يۇقۇمى ئەڭ ئېغىر، زەھەر خۇمارلار نىسبەتەن مەركەزلەشكەن 19 ناھىيە، شەھەردە سەييارە شپرىس ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن 34 ى ، مۇقىم شپرىس ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 138 ى قۇرۇلغان.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.